تۈركىيە ھەربى دائىرلىرى تونۇلغان ئۇيغۇر دىنى ئالىم ئابدۇللا ئابدۇلھەمىت قاراجىمنى تۇتقۇن قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا تۈركىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىللاردىن بىرى تۈركىيەدە مائارىپ-تەشۋىقات خىزمىتى،دىنى تەبلىغ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشەببۇسلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر دىنى ئالىم ئابدۇللا ئابدۇلھەمىت قاراجىمنى تۇتقۇن قىلغان.

تۈركىيە ھەربى دائىرلىرى تونۇلغان ئۇيغۇر دىنى ئالىم ئابدۇللا ئابدۇلھەمىت قاراجىمنى تۇتقۇن قىلدى.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27-دىكابىر

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا تۈركىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ۋەقەدىن بىر سائەت كېين  بىلدۈرۈشىچە، 27-دېكابىر ئ‍ستانبۇل ۋاقتى كېچە سائەت 1:00 دە، تۈركىيە تىرورلۇققا قارشى ئەترىتى قوراللىق باستۇرۇپ كىرىپ، يىللاردىن بىرى تۈركىيەدە مائارىپتەشۋىقات  خىزمىتى،دىنى تەبلىغ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشەببۇسلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر دىنى ئالىم ئابدۇللا ئابدۇلھەمىت قاراجىمنى تۇتقۇن قىلغان.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئابدۇللا ئابدۇلھەمىت قاراجىمنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىن تۇققانلىرى، دوسىتبۇرادەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا بىلدۇرىشچە، ئۇ ئەزەلدىن ھىچقانداق بىر كىشىگە زوراۋانلىق ھەرىكىتى قوللانمىغان، ھىچقانداق بىر شەخس بىلەن جسمانى توقۇنۇشقا كىرمىگەن، ھىچقانداق كىشنىڭ ئېقتسادىغا چىقلمىغان. ئەمما ئۇ ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە «ئۇيغۇرستانغا قارشى مۇستەملىكىچىلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق جىنايتىنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۇچۇن كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشقا» چاقىرىق قىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەن.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا ئ‍ستانبۇلدىن سۆز قىلغان ئەخمەتجان مۇنداق دىدى:

ئابدۇللا ئابدۇلھەمىت قاراجىم تۈركىيە جۇمھۇرىيتنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدىغان، قوللايدىغان بىر ئۇيغۇر بولۇپ، تۈرك خەلقىنى ئۆزىنىڭ ئۆز قىرىنداشلىرىدەك يېقىن كۆرەتتى. ئەگەر ئۇنىڭ بىر خاتالىقى بار دىيلسە، ئۇ بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى-ھۆرلۇكىنى ئارزۇ قىلغانلىقىدۇر،ئۇيغۇرستان نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغانلىقىدۇر، ختتاي ھاكىمىيتىگە بولغان كەسكىن مەيدانىدۇر، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى مەردانە ھالدا ختتايغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغانلىقىدۇر.تۈركىيەدە ختتاي ئۇچۇن ئ‍شلەيدىغان يالغانچى مۇناپىقلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۇنۇپ قالغانلىقىدۇر

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئابدۇللا ئابدۇلھەمىت قاراجىمنى دەرھال قويۇپ بىرىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ تۈركىيەدە بېخەتەر ياششغا كاپالەتلىك قىلىشغا، ھەر قانداق ئۇيغۇرنى ختتاي دائىرلىرىنىڭ ساختا مەلۇماتىغا ئاساسەن تۇتقۇن قىلماسلىقىغا، جازالىماسلىقىغا، ختتاي دائىرلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرىدۇ.مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ 8 خىل تىل قانىلى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئوقۇرمەنلىرىگە يەتكۇزۇلىدۇ.

 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئىستانبۇل «برونىي ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

پە دېكابىر 29 , 2022
ئىستانبۇل «برونىي ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

You May Like