تۈرك ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى يۈجەل تانايغا سوت ئېچىلدى

26- نويابىر ئىستانبۇل باكىر كۆي سوت مەھكىمىسىدە خىتاي ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەۋلۈدە ئەزىزنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى، تۈرك ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى يۈجەل تاناي ئ‍ۈستىدىن قىلىنغان شىكايىتىگە سوت ئېچىلدى.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 26- نويابىر

 

26- نويابىر ئىستانبۇل باكىر كۆي سوت مەھكىمىسىدە خىتاي ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەۋلۈدە ئەزىزنىڭ  ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى، تۈرك ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى يۈجەل تاناي ئ‍ۈستىدىن قىلىنغان شىكايىتىگە سوت ئېچىلدى.

 


بۇ سوتقا پىشقەدەم ئۇيغۇر ئاكتىۋېتىس ھامۇت كۆكتۈرك ۋە ئىستانبۇلدا ئەركىن پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ياشلار يازغۇچى يۈجەل تاناينى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا رېغبەت بېرىش ئۈچۈن قاتناشتى.

 

دەۋاگەر مەۋلۈدە ئەزىز ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇقۇش ياردىمى بىلەن ئىستانبۇلدا ئوقۇغان بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىتاي ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنى قۇرغان، نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىسلىسىز زۇلۇمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلاپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئۇيغۇر دەۋاسىغا قارشى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ۋە سوتسىيال مېدىيالاردا نۇرغۇن رەسىم ۋە ۋىدېئولارنى تارقاتقان. يازغۇچى يۈجەل تاناي بىر يازمىسىدا مەۋلۈدەنى ئەيىبلىگەن. شۇ سەۋەبتىن مەۋلۈدە «ماڭا ھاقارەت قىلدى» دەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان.

 

نۆۋەتتە بۇ دەۋانىڭ نەتىجىسى كېچىكتۈرۈلدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

پائالىيەتچى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلباسىت (ئېھسان) ھەققىدە ئىستانبۇل تىنچلىق سوتىغا دەۋا ئېچىلدى

جۈ نويابىر 27 , 2020
مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى كېچە سائەت 1:30 ئەتراپىدا، ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلباسىت (ئېھسان) تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن دائىش تېررورلۇق كۈچلىرى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارىلىپ، ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

You May Like