تۈرك مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەسمىي تور بېكىتى
2018- يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرى
تەرجىمە قىلغۇچى: نەفىسە
تەھرىر: مەنزىل
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
تەھرىر ئىزاھاتى:
خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى فاشىزىمى شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇسۇلمانلارغا قارىتا بىئولوگىيىلىك، مەدەنىيەت ۋە پىسخىكىلىق تەرەپلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي يوقىتىشىغا قۇلاق يۇپۇرۇۋالغان دۆلەت__تۈركىيەدىن ئاخىرى جاراڭلىق سادالار چىقىشقا باشلىدى. تۈرك ئويغاقلىرى بولغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ تۈرك ئوجاكلىرى دائىمى مەركىزى ۋە زىيالىيلار بىرلىكىنىڭ «شەرقىي تۈركىستانغا دەستەك، خىتتايغا لەنەت» مەيدانى باشقا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا ۋە ئورگانلارغا تارقىلىشقا باشلىدى.
ئەزا سانى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ ئۇيۇشمىلاردىن بىرى _ تۈركىيە خەلق ئۇيۇشمىسىغا قاراشلىق تۈرك مائارىپ ئۇيۇشمىسى دائىمى ئىشلار رەئىسى تالىپ گەيلان ( Talip Geylan) ئەپەندى شۆبە رەئىسلىرى رەھبەرلىك قاتلىمى ئەزالىرىنىڭ كېڭەشمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنى تىلغا ئالدى. ئىلگىرىكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا ناھايىتى ئويغاق بولغان تۈركىيە خەلق ئۇيۇشمىسى ۋە شۆبىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ خىتاي كومۇنىستىك پارتىيسىنىڭ فاشىزىمى ئىنتايىن چېكىدىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ يەنە شۇ ئويغاقلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق.
تۈركىيە خەلق ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي كەمسىتىشكە لەنەت ئوقۇش ۋە «خىتتايغا تۇر!» دېيىشى، ھۆكۈمەتنىڭ سۈكۈتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن تۈركىيەدە ئاممىۋى ھەرىكەت قىلىشقا تەييارلانغانلىقى مەلۇم بولدى.
شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك مائارىپ ئۇيۇشمىسى دائىمى ئىشلار رەئىسى مۆھتۆرەم تالىپ گەيلان ئەپەندىنىڭ سەگەكلىكىگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، قوزغىتىش خاراكتىرلىك ھەرىكەتلىرىنى ئىمكانقەدەر تېز باشلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنداقلا ھەر بىر ۋىجدانلىق ۋە ئىمانلىق كىشىلەرنى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى سۆزلەشكە ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقىشقا تەخىرسىز تەكلىپ قىلىمىز.
سۈرىيەدە ۋەزىيەت نورماللاشقان رايونلارغا مۇھاجىرلارنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش، خۇددى ئۇلارنى كۈتۈۋالغىنىمىزغا ئوخشاشلا زۆرۈر بىر ئىشتۇر.
سۈرىيەلىك مۇھاجىرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان گەيلان ئەپەندى «مىللىتىمىز تارىختىن بۇيان كۆپ قېتىم قىلغان ئادەمگەرچىلىكىنى سۈرىيە مەسىلىسىدىمۇ قىلدى. دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 4 مىليۇن سۈرىيەلىك مۇھاجىرلارنى كۈتتۈق. بۇ دەل ئىمپراتۇرلۇق قۇرغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىزگە يارىشا بىر ئىشتۇر. ئەمما سۈرىيەدە ۋەزىيەت نورماللاشقان رايۇنلارغا مۇھاجىرلارنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشنىڭ، خۇددى ئۇلارنى كۈتۈۋالغىنىمىزغا ئوخشاشلا زۆرۈر بىر ئىش ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمۇۋالماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ مەسىلە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ۋە نۇپۇس جەھەتتىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ كېلىچىكىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئېزىش ۋە ئاسسىملاتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق بىلدۈرىمىز.»
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ يىللاردىن بېرى ساقايمىغان يارىمىز ئىكەنلىكىنى خاتىرلىگەن گەيلان ئەپەندى: «يېقىندىن بېرى تەربىيلەش مەركەزلىرى نامىدا بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا سولاپ قويۇۋاتقانلىقىنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز، تەربىيلەش مەركىزى نامىدا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى قۇرۇپ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئېزىش ۋە ئاسسىملاتىسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈمىز. ھۆكۈمىتىمىزنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە، بولۇپمۇ ب د ت دا جانلىق شەكىلدە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنى سورايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىستانبۇل ئايرۇدۇرومىدا 11 نەپەر ئۇيغۇر تۈركى بىر نەچچە كۈندىن بېرى توختىتىپ قويۇلغان. 4 مىليۇن سۈرىيەلىككە قۇچاق ئاچقانىكەنمىز، بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇر تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز. »
تۈرك مائارىپ ئۇيۇشمىسى