ترامپ قانۇنسز كۆچمەنلەرنى دەرھال قايتۇرۇۋش پەرمانىغا ئىمزا قويدى

شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكا ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پىرەزدىنتى ترامپ شۇ كۈنى بىر تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ جەنۇبىي چېگرا ئارقىلىق ئامېرىكىغا كىرىشىنى توستى. ترامپ دۆلەت زېمىن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەھكىمىسگە بارلىق زۆرۈر ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن چەت ئەللىكلەرنى دەرھال قايتۇرۇش ۋە قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدا ھوقۇق بەردى ھەم يوليورۇق بەردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: قانۇنسىز كۆچمەنلەر بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى. ترامپ ئىلگىرى مۇنداق بىلدۈرگەنىدى: قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئامېرىكا ئىشچىلىرىغا زىيان يەتكۈزدى، ئامېرىكىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتتى، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شۇ جايدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە مەھەللىلەرگە غايەت زور بېسىم ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ھەر يىلى ئامېرىكىغا نەچچە مىليارد دوللار زىيان سالدى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ بارلىق قانۇنلۇق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ بۇ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرماقچى بولدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

خىتاينىڭ يېڭى سۈنئىي ئەقىل قورالى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەر

سە يانۋار 28 , 2025
خىتاينىڭ يېڭى سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى (DeepSeek) تېخنىكا ساھەسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىقتىدارى، تەرەققىيات مەبلىغى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئامېرىكىنىڭ OpenAI ۋە Claude قاتارلىق شىركەتلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەمما، مۇستەقىل تەكشۈرۈشلەر بۇ سىستېمىنىڭ جاۋابلىرىدا، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەرەپبازلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە […]
DeepSeek

You May Like