ترامپ 89 خىتاي كارخانىسىنى جازالىماقچى

رېيتېر ئاگېنتلىقى كۆرگەن بىر دەسلەپكى لايىھەگە قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى پات يېقىندا ھەربىي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالەم قاتنىشى ۋە باشقا ساھەلەردىن «خىتاي سودا ئايرۇپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» ۋە «خىتاي ئالەم سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» (Aviation Industry Corporation of China، AVIC) قاتارلىق 89 كارخانىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلماقچى بولۇپ، بۇ كارخانىلارنىڭ ئامېرىكىدىن مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى سېتىۋىلىشىنى چەكلەيدىكەن.

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 24- نويابىر

 

رېيتېر ئاگېنتلىقى كۆرگەن بىر دەسلەپكى لايىھەگە قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى پات يېقىندا ھەربىي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالەم قاتنىشى ۋە باشقا ساھەلەردىن «خىتاي سودا ئايرۇپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» ۋە «خىتاي ئالەم سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» (Aviation Industry Corporation of China، AVIC) قاتارلىق 89 كارخانىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلماقچى بولۇپ، بۇ كارخانىلارنىڭ ئامېرىكىدىن مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى سېتىۋىلىشىنى چەكلەيدىكەن.

 

ترامپ يېقىندىن بېرى خىتايغا قارىتىلغان ھەرىكەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرىۋاتىدۇ. ئۇ 10 كۈننىڭ ئالدىدا بىر مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسىم كارخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىنشىنى چەكلىگەن ئىدى. ۋاشىنگتون بۇ كارخانىلارغا خىتاي ھەربىي تەرەپ  ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ ياكى كونترول قىلىدۇ دەپ قارىغان.

 

سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكا تېخنىكىلىرىنىڭ تىزىملىكتىكى شىركەتلەرگە كېتىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئىپادە بىلدۈردى. ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر سابىق ئەمەلدار: «بىرلا تىزىملىك ئېلان قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق تولۇقلاپ، كېڭەيتىپ تۇرۇش بىر خىل ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى» دېدى. ئالەم بوشلۇقى سانائىتىدىكى ھەممىدىن خەۋەردار بىر ئەرباب خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

 

دەسلەپكى لايىھەدە بۇ 89 كارخانىدىن باشقا، يەنە رۇسىيەنىڭ ئىركۇت (Irkut) شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 كارخانىسىمۇ بار ئىكەن. ئىركۇت شىركىتى MC-21 تىپلىق ئايرۇپىلانىنى بوئىن بازىرىغا كىرگۈزمەكچى ئىدى. رېيتېر ئاگېنتلىقى بۇ لايىھەدىن نەقىل ئېلىپ، بۇ 117 كارخانىنىڭ تىزىملىكىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى نەشىرى» ئەمەسلىكىنى، بەلكى «دەسلەپكى نەشىرى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 

مەنبە: رېيتېر ئاگېنتلىقى

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بىتكوين ئالتۇننىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ ؟

چا نويابىر 25 , 2020
ئامېركىدىكى مۆلۈك قەرزى ئومۇمى سوممىسى ئەڭ زور بانكا مورگان چېس ( (JPMorgan chase بىر پارچە دوكىلات ئېلان قىلىپ، ( (GBTCنىڭ مۇۋەپپەقىيەت مىسالىنى تەتقىق قىلغان. بۇ بانكا ئىلگىرى بىتكويننى قاتتىق تەنقىد قىلغان بانكىلارنىڭ بىرى بولۇپ، دوكىلاتتا بىتكوينگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ھەتتا پىشىپ يېتىلگەن بازارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

You May Like