تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تېلېفون يىغىنى ئېچىپ خىتايغا قارشى لىتۋانىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 29-دېكابىر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تېلېفون يىغىنى ئېچىپ نۆۋەتتىكى ئۇكرانىيە مەسىلىسى، ئىران يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ۋە خىتاي مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى30-دېكابىر

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 29-دېكابىر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تېلېفون يىغىنى ئېچىپ نۆۋەتتىكى ئۇكرانىيە مەسىلىسى، ئىران يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ۋە خىتاي مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باياناتچىسىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرانىيەگە تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا تاجاۋۇز قىلىشىنى توسۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا بىردەكلىككە كەلگەن. شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق ھاسىل قىلىپ، رۇسىيەنىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشلىرىغا قارىتا ئېغىر دەرىجىدىكى بەدەللەرنى تۆلىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇلار بىردەك ھالدا ئۇكرانىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى شۇنداقلا زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باياناتچىسى تۆت دۆلەت مىنىستىرىنىڭ ئىران يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن باشقا يەنە خىتاينىڭ بارغانسېرى چەكتىن ئاشقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملىرى ئارقىلىق لىتىۋانىيەگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە مىنىستىرلار بىردەك ھالدا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا لىتىۋانىيەگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.  

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۆ دغىياڭ 30-دېكابىر ئۆزنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازغان: « رۇسىيەگە بولغان پوزىتسىيەمىز ئېنىق، ئۇكرانىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز. ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجىمىز بار. لىۋىيەدە تېز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈشنى ئالدىنقى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك، خىتايغا قارشى لىتۋانىيەگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.»

ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئوخشاش مەزمۇندىكى باياناتلارنى بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارشى لىتۋانىيەگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئارمان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ختتاي دائىرلىرى «ئامېرىكىدىكى شنجاڭلىق مۇھاجىرلار تور سۆھبەت يېغىنى»غا ئۇيغۇرلارنى قاتناشتۇرالمىغان.

جۈ دېكابىر 31 , 2021
ختتاي دىپلوماتىيە منسترلىكى، ختتاي ج خ منسترلىكى، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىر تۇتاش پىلانلىغان، ختتاينىڭ شەرقى تۈركستان (ئۇيغۇرستان)دىكى سياسەتلىرىنى ماختاشنى مەقسەت قىلغان «ئامېرىكىدىكى شنجاڭلىق مۇھاجىرلار تور سۆھبەت يېغىنى» مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

You May Like