قازاقىستان پرېزىدېنتى ئاتالمىش «شىنجاڭ» سېكرېتارى بىلەن كۆرۈشكەن

قازاقىستان پرېزىدېنتى ئاتالمىش «شىنجاڭ» سېكرېتارى بىلەن كۆرۈشكەن

قازاقىستان پرېزىدېنتى ئاتالمىش «شىنجاڭ» سېكرېتارى بىلەن كۆرۈشكەن

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 28-مارت

خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېف 27-مارت دۈشەنبە كۈنى زىيارەتكە كەلگەن خىتاي مەركىزى سىياسىي بيۇروسى ئەزاسى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ سېكىرتارى ما شىڭرۇينى كۈتۈۋالغان. سۆھبەت جەريانىدا توقايېف سۆز قىلىپ، قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ھالدا كەل دائىرىلىك ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

سۆھبەت جەريانىدا ما شىڭرۇي مۇنداق دېگەن : « بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىزنىڭ مەقسىتى، ئاساسلىقى سىز بىلەن رەئىسىمىز شى جىنپىڭ بىلەن ئوتتۇرىدا تۈزۈلگەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك توختاملارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. خىتاينىڭ بىر رايونى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، غەربتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، قازاقىستان بولسا ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىزدىكى ئەڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان دۆلىتىمىز. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى ھەمكارلىق «شىنجاڭ» ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ.»

مەلۇم بولغىنىدەك، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر 19-ئەسىرلەردىن بۇيان موسكۋا تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ كەلگەن. ئەمما ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ بۇ رايونلاردىكى كونتروللۇقى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە، بېيجىڭنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك ھەرىكەتلىرى دىققەتنى قوزغايدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، دىن ۋە ئائىلىنى مۇھىم دەپ قاراش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن. پومپيو: بۇ ھەر قانداق تاشقى دۈشمەندىن خەتەرلىك

سە مارت 28 , 2023
ئامېرىكىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، دىن ۋە ئائىلىنى مۇھىم دەپ قاراش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن. پومپيو: بۇ ھەر قانداق تاشقى دۈشمەندىن خەتەرلىك

You May Like