ئاپتورى: كۆلتېگىن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019- يىلى 26- فېۋرال
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
بىر نەرسىنىڭ ياكى بىر ئىشنىڭ ياخشى تەرپىنى تىلغا ئالغانلىق ئونىڭ ناچار تەرىپىنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىراۋنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلغانلىقمۇ ئو شەخسنىڭ نوقسانسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ ، بەلكى ناچار تەرپىنى تىلغا ئېلشنىڭ ۋاقتى كەلمىگەنلىكى ياكى زۆرۈريىتى يوقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە مۇكەممەل بولمىغاندەك ،ھېچقانداق ئىشمۇ پۈتۈنلەي توغرا ياكى پۈتۈنلەي خاتا بولمايدۇ. ئەگەر بىراۋ بىر شەيئىنىڭ ياكى شەخسنىڭ توختىماي ياخشى ياكى پەقەت يامان گېپىنىلا قىلغان بولسا ، بىلىشىمىز كېرەككى بۇ شەخسنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرى تېخى يېتىلمىگەن.
بۇ يازمىدا يېقىندىن بۇيانقى شەرقىي تۈركستان دەۋاسىنىڭ قانداق قىلىپ توغرا يولدا كېتىپ بارغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىز ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى نېمىنىڭ ھەقىقىي كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ئوخشىمايدىغان دەۋىردە كۈچكە ۋەكىللىك قىلدىغان نەرسە ئوخشىمايدۇ. 13-ئەسىرلەرگە كەلگۈچە بۇ كۈچ ئات ۋە قىلىچتا ئىدى. شۇڭا ئاتا – بوۋىلىرىمىز بولغان ھونلار ، كۆك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىدىن غەربىگە قارشىلىقسىز خالغانچە ئات چاپتۇرۇپ يۈرەلىگەن ئىدى. 15-ئەسىرلەرگە كەلگەندە زەمبىرەك ۋە كېمە ، ئات بىلەن قىلىچنىڭ قولىدىن كۈچنى تارتىپ ئالدى. ئۈچ قىتئەگىچە سوزۇلغان سەلتەنەتلىك ئوسمانلى دۆلىتى ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرى ۋە ئىسپانىيەنىڭ ئالدىدا زەئىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشقا باشلىدى. ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ قىسقا لېكىن يۇملاق كېمىلىرى ئوسمانلىلارنىڭ ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە كېمىسگە قارىغاندا ئوكيانلاردا يۈرۈشكە ماس كىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئولار ئامېرىكا قىتئەسىگە باردى ۋە ياۋروپانىڭ بۈگۈنكى ماددى تەرەقىياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى. 18-ئەسىردە سانائەت ئىنقلابىي ئەنگلىيىنى دۇنيانىڭ خوجىسى قىلغان بولسا 20- ئەسىردىكى ئۇچۇر ۋە پەن تېخنىكا ئىنقىلابى ئامېرىكىنى دۇنيانىڭ زومىگىرىگە ئايلاندۇردى. رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى يىقىتقان نەرسە نېمە دېگەن سۇئالغا مەنىلىك ھالدا «تېلىۋۇزۇر » دەپ جاۋاب بەرگەن. تەبىيكى ، باشقا بىر قانچە مۇھىم سەۋەب بار لېكىن بۇ رۇس ئەمەلدارىنىڭ گېپى دۇنياغا يېڭى بىر كۈچنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ مېدىيا ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئىتراپ قىلغان ئىدى. مانا موشۇ سەۋەبتىن خىتاي مېدىيانى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلمەكتە. زادى قانچىلىك دەرىجىدە كونترول قىلۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. يەرشارىلاشقان بۈگۈنكى دۇنيادا مېدىيا بىر ئۇچۇرنى دۇنيانىڭ ئو بۇرجىكىدىن بۇ بۈرجىكىگە نەچچە سېكونتتىلا يەتكۈزۈپ غايەت زور تەسىر پەيدا قىلالايدۇ. ئونىڭ ئۈستىگە ئونى كونترول قىلىش ناھايىتى قىيىن شۇنداقلا نۇرغۇن دۆلەت كونترول قىلشقا قارشى. بۈگۈنكى كۈندە باھاسى 100 دوللارنىڭ ئۈستىدە بولغان تېلېفونلارنىڭ كۆپىنچسى بىر مېدىيا قورالى بولۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. بۇ قورالنى كۈچلۈك ئاجىز ھەممە كىشى ئىشلىتەلەيدۇ.
ئىككى – ئۈچ يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار بۇ مېدىيادىن پايدىلىنىپ خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ كەلمەكتە ، بولۇپمۇ 2016- يىلنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە. 2000-يىللاردىن ئىلگىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىكى لىدىرلىرىمىز شەرقىي تۈركستان داۋاسىنى پەقەت بىر قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىش ئۈچۈن نەچچە ئاي تەييارلىق قىلىپ ، نەچچە ئىدارە ئورگان بىلەن كۆرۈشۈپ مىڭ تەستە ھەل قىلاتتى. ھەل بولدى دېگەندىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەقەت چەكلىك ساندىكى كىشىگىلا خىتاب قىلالايتى. تۈركىيەگە ئوخشاش كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساسى بولمىغان يەرلەردە قىلنغان نۇتۇق ۋە شىكايەتلەرنىڭ تىلىۋۇزۇرلاردا تارقىلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى ئاساسەن يوق ئىدى. نەتىجىدە خىتايغا ئۇنچە بەك بېسىممۇ ھاسىل قىلالمايتتى. لېكىن بۇلتۇرنىڭياقى شەرقىي تۈركستان مەسلىسى خىتاينى ئولتۇرالماس قىلۋەتتى. بۇ مېدىيانىڭ كۈچى ، بۇ كۈچ ئەينى ۋاقتتىكى ياۋروپا دىني ئىنقىلابىدىكى مەتبەئەنىڭ رولىغا ئوخشايدۇ. مارتىن لۇتىر ئەينى ۋاقىتتىكى كاتولىك دىنى چېركاۋى ۋە پاپانىڭ ياۋروپادىكى «ھەممىگە قارار چىقىرىدىغان » مۇستەبىت تۈزىمىگە جەڭ ئېلان قىلغاندا ، پاپانىڭ كىشىلەرنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئىزىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خىرستىيان ئەقىدىلىرىگە قانداق خىلاپ ئىكەنلىكىنى ماقالە ۋە كىتاب شەكلىدە يازغان. ئەينى ۋاقىتتا ياۋرۇپادا تەرەققىي قلىشقا باشلىغان مەتبە بىلەن بۇ كىتابلار ناھايىتى تىز سۈرەتتە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ئومۇمىيۇزلۈك ئويغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چېركاۋ ۋە ئونىڭ شېرىكى بولغان مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر توسىمەن دەپمۇ توسۇپ بولالمىغان. نەتىجىدە دىنىي ئىسلاھات غەربىي ياۋرۇپادا ئومۇميۈزلۈك غەلبە قىلىپ غەرب پەن تېخنىكسىنىڭ تەرەقىياتىغا پايدىلىق ئىدولوگىيىلىك زىمىن ھازىرلىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنئەنىۋىي «مېدىيا»نىڭ يەنى مەتبەئەنىڭ كۈچى ئىدى. بۈگۈن بۇ كۈچنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ تىز ، قاپلاش دائىرسى تېخىمۇ كەڭ ۋە ۋاسىتىلىرى تېخىمۇ ئىلغار بولۇپ كەتتى.
21– ئەسىر ئۇچۇر ۋە ئالاقە دەۋرى دەپ بىكارغا ئېيتىلمىغان ، بۇ يەردە تەكىتلەنگىنى ئونىڭ كۈچىدۇر. بىز كۈچنى توغرا ئىشلىتەلىسەك خىتاينىڭ زۇلمى ئۈستىدىن غەلبە قىلالايمىز. چۈنكى يەرشارىلاشقان دۇنيادا بىراۋنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا چوقۇم بىر يەردىن ئاۋاز چىقىدۇ ، ھىچبولمىسا بىراۋنىڭ دەردى بىر كۈچنىڭ يەنە بىر كۈچكە قارشى ئىتتىپاقدىشى بولالايدۇ. تارىختا بىرلىرى بىلەن ئىتىپاق تۈزمەي تۇرۇپ مۇستەقىل بولغان ھاكىمىيەتنى ئىزدەپ تېپىش ناھايىتى قىيىن. ئامېرىكىمۇ ئەنگىلىيەگە قارشى فرانسىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ ياردىمى ئاستىدا مۇستەقىل بولغان، خىتايمۇ ياپونىيەگە قارشى ئامېرىكا بىلەن ئىتىپاق تۈزۈش ئارقىلىق ھاكىمىيەت قۇرغان. شۇڭا ئونىڭ بۇنىڭ كوزورى بولۇپ قالدى دېگەن گەپلەرگە ئىرەن قىلىپ كەتمەسلىك كېرەك.
تارىخچى يۇۋال خاراري (Yuval Noah Harari ) ئۆزىنىڭ دۇنياۋى داڭلىق ئەسىرى Sapience (ئىنسان تۈركۈمى ) دە ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنى قىرغىن قىلش جەرياننى مۇنداق بايان قىلىدۇ :
⁃ ھېرنان كورتېز تەخمىنەن 600-700 ئەتراپىدا ئىسپانىيە ئەسكەرلىرى بىلەن مېكسىكىغا كەلدى ۋە بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنى جىق چىقىم تارتمايلا يوق قىلدى. ھالبۇكى ئولارنىڭ نوپۇسى نەچچە مىليون ئىدى. ئو ئازتېك ئىمپراتورلىقىنىڭ ئاجىزلىقنى بايقاپ قالدى ، يەنى ئولارنىڭ قوراللىرى ياغاچتىن ياسالغان بولۇپ ھەر ئىشتا پادىشاھىنىڭ گېپىنى ئاڭلايتى. شۇڭا ئىسپان قوماندان پادىشاھىنى قولغا چۈشۈردى ۋە ئونىڭدىن كىين ئازتېك ئىندىئانلىرىنى قىرغىن قىلدى. ئولار نەچچە يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مېكسىكىنى ئىشغال قىلدى ۋە ئارقىدىنلا ئولارنىڭ قوشنىسى بولغان گىۋاتمالاغا ھۇجۇم قىلدى. ئو يەردىن كىين جەنۇبىي ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۇلارنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلدى، قىززىقارلىق ۋە ئېچنىشلىق بولغىنى جەنۇبتىكى ئىندىئانلار شىمالدىكى يەنى ئۆزىنىڭ قوشنىسى بولغان ئىندىئانلارغا نېمە بولغانلىقىنى ، نىمىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلمەيتى ۋە بۇ ئىسپانىيە ئىستىلاچىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئەھۋال ئىدى …..
ئاپتور بۇ مەزمۇنلارنى بايان قىلىپ كېلىپ شۇنداق بىر سوئالنى سورايدۇ:
⁃ ئەگەر ئىندىئانلارنىڭ قولىدا بۈگۈنكىدەك ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى ياكى شارائىتى بولغان بولسا ، ئۆز ئارا خەۋەرلىشەلىگەن بولسا ، بولۇپمۇ ئىسپانلارنىڭ تاجاۋۇزىنى ئەنگلىيىلىكلەرگە يەتكۈزەلىگەن ۋە ئەنگىلىيەدىن ياردەم سورىغان بولسا نەتىجىدە قانداق بولاتتى؟
ئاپتور بۇنىڭ جاۋابىنى ئۆزى بېرىدۇ ۋە شۇنداق دەيدۇ :
⁃ ئەگەر شۇنداق ئىمكانىيەت بولغان بولسا ئىندىئانلار ھىچبولمىسا تامامەن قىرىلىپ كىتىش بالاسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولاتتى ياكى ئىسپانلارنى قوغلاپ چىقىرىپ ئۆزىنى باشقىدىن تەرەققىي قىلدۇرغان بولاتتى. ئىشقىلىپ ھازىرقىدىن تامامەن باشقا بىر ئامېرىكا قىتئەسىنى كۆرىشىمىز مۇمكىن ئىدى.
شۇنداق ، مانا بۇ دەۋىرنىڭ ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىدىكى ھەل قىلغۇچ رولى. بۈگۈن بىز قولىمىزدىكى مېدىيا بىلەن دەردىمىزنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتالايمىز. خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلىمىغا قارشى مىليۇنلىغان ئىنساننىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، دۆلەتلەر بىلەن ئىتىپاق تۈزەلەيمىز شۇنداقلا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بىز تەرەپتە تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. ئەڭ مۇھىم بولغىنى بۇ ئىشلارنى ھەركىم ھەر يەردە تۇرۇپ قىلالايمىز.
بۇ يەردە يەنە بىر نوقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈر، ئو بولسىمۇ مېدىيا ئۇرۇشىدىكى ياشلارنىڭ كۈچ قۇدرىتى. شۇڭا لىدىرلىرىمىز ياشلارنىڭ كۈچىگە سەل قارىماسلىقى لازىم ، كىچىك ، تەجرىبىسىز دەپ قارىماسلىقى لازىم. چۈنكى بىلىم دېگەن نەرسىمۇ زاماننىڭ تەرەققىي قىلشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. يېڭىلىنىپ تۇرمايدىغان بىلىپ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن قۇرۇق قەغەزدىن باشقا نەرسە ئەمەس. 20-30 يىلنىڭ ئالدىدا خەت ئوقۇپ يېزىش ساۋاتلىق ھېسابلىناتتى. ھازىر كومپيۇتېر ۋە زامانىۋى تېخنىكىنى ئىشلىتەلەيدىغان كىشىلەر ساۋاتلىق ھېسابلىندىغان بولدى. مېدىيامۇ ئەنە شۇ زامانىۋى تېخنىكىنىڭ بىر تۈرىدۇر. بۇلتۇر ۋە بۇ يىلقى پائالىيەتلەردىن ياشلارنىڭ رولىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالماق قىيىن بولمىسا كېرەك. لېكىن بۇ ياشلار ھەممىنى توغرا قىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە چوڭلارنىڭ تەجرىبسى ۋە ئەقلىمۇ مۇھىم. دېمسىمۇ مېدىيانىڭ بەرگەن ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ فەيسبۇكتىن نەق مەيدان ئۇلىنشى قىلپلا ئىشنى ئوڭتەي توڭتەي قىلىپ ، خەلقنىڭ كاللىسىنى قالايمىقان قىلىپ ھە دېسىلا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ، چوڭلاردىن ئاغرىنىپ يۈرگەن ياشلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇنى بىلىش كېرەككى ، مېدىيا ئۇرۇشى قىلىش دېگەنلىك ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ بىلجىرلاش دېگەنلىك ئەمەس. شۇڭا بىز مېدىيا ئۇرۇشىدا ياشلار ۋە چوڭلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ئىتراپ قىلشى ئاساستا پىلانلىق ۋە ئۈنۈملۈك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم، مانا بۇ توغرا مېدىيا ئۇرۇشىدۇر.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركستان داۋاسى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان مېدىيانى ئۆزىگە قورال قىلش ئالاھىدىلىكى بىلەن توغرا يولدا ئىلگىرىلمەكتە. لېكىن بۇ يول يەنمۇ كۆپ ھەمكارلىققا، يېڭى يېڭى ئۇسۇللارغا، تەجرىبىگە ، سالماقلىققا ، تىرشچان ۋە جەڭگىۋارلىققا موھتاج.
مېدىيا تەڭرىنىڭ 21-ئەسىردە ئاجىزلارغا بەرگەن ئەڭ كۈچلۈك قورالدۇر.
پايدىلانغان ماتېرىياللار :
- ئۈچنچى دۇنيا ئۇرىشى – ئۇچۇر ۋە پسىخىكا ئۇرىشى
- Civilization: the West and East (Niall Ferguson)
- Sapience: A brief History of Humankind (Yuval Noah Harari)
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.