ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغۇچى : سايئوغلى
2019-11-23
22-چىسلا جۈمە كۈنى تىرامپ فۇكىس خەۋەرلىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ خوڭكوڭغا ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئاشكارلىدى. ئۇ مۇنداق دىدى: مەن شى جىنپىڭنىڭ خوڭكوڭغا ئەسكەر چىقىرىپ خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكىنى ئەسكەرتتىم. بولمىسا شېنجىنغا توپلانغان «مىليۇن» كىشلىك قۇشۇن 14مىنۇتتا خوڭكوڭنى «ۋەيران» قىلاتتى.
تىرامپ 8-ئاينىڭ 13-كۈنى بىر تىۋىت ئاتقان بولۇپ، ئىستىخباراتتىن ماڭا خىتاينىڭ شېنجىنغا جىددى ئەسكەر يۆتكىگەنلىك خەۋىرى كەلدى دىگەن ئىدى. بۇ خەۋەردىن كېيىن خوڭكوڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن كۆرىشىۋاتقان پائالىيەتچىللىرى جىددى ھەركەت قىلىشقا باشلىغان، ئارقىدىن خىتاينىڭ ھەركىتى ئاستىلىغان ئىدى. 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن كېيىن خوڭكوڭ ساقچى قىسىمنىڭ خوڭكوڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتىنى قورشاۋغا ئېلىپ ئۇقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشى بىلەن ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن ئىدى. تىرامپنىڭ كۆزدە تۇتقان توسقۇنلۇقى مۇشۇ ئىككى تارىختا بولىشى مۇمكىن.
تىرامپتىن خوڭكوڭ ھەققىدىكى تەستىقلانغا قانۇنغا ئىمزا قويۇش ھەققىدە سورالغان سۇئالغا ئۇدۇل جاۋاپ كەلمىدى. ئۇ مۇنداق دىدى: بىز خوڭكوڭ تەرەپتە تۇرىمىز. شى جىنپىڭ مىنىڭ دوستۇم، ئۇ قالتىس ئادەم مەن ئۇ تەرەپتىمۇ تۇرىمەن. تىرامپ پارلامىنتىنىڭ قارارىغا ئوچۇق قارشى چىقالمايدۇ. ئىمزا قويۇشى ئېنىق ئەمما سودا ئۇرىشى توختامنامىسىغا بۇ قانۇننى ۋاستە قىلماقچى بولۇۋاتقاندەك تۇرىدۇ. تىرامپتىن بۇ بايانات كەلگەندىن كېيىن ئوخشاش كۈندە شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم يۇمشاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بىز سودا ئورۇشىدىن قورقمايمىز، ئەمما ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشقان ئاساستا تۇنجى قەدەملىك كېلىشم ئىمزالىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دىدى. قورقمايمىز دىگەن گەپنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە باشقا باياناتلىرىدا تولا ئاڭلاپ زىرىكىپ كەتكەن گەپلەر بولۇپ، مۇھىمى كىمنىڭ تۇنجى بولۇپ يارىشىش، سۈلىھ تەلەپ قىلىشىدۇر. تىرامنىڭ ئالدى-كەينىگە دەسسەپ تىۋىتىردا ئوينىغان سىياسەتلىرى ئالدىدا خىتاي تەرەپ باش ئەگكەن بولدى. لېكىن خىتاينىڭ نەچچە قېتىملىق يۈزسىزلەرچە ئۆز مىللىتىدىن بولغان ۋەتەنداشلىرىغا 1989-يىلدىكى قانلىق باستۇرۇشنى يەنە تەكرارلىماقچى بولىشى ۋەھشىيلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ئامېرىكىنىڭ ھەددىنى بىلدۈرشى، خوڭكوڭغا ئىگە چىقىپ قانۇن ئېلان قىلىشى دېمكوراتىيەنى نىشان قىلغان ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ يۈزىنى يەنە بىر قېتىم كۆستەردى.
خىتاي تەرەپ تىرامپ ھۈكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ مەسلىسنى سودا ئۇرۇشى كېلىشىمىگە دەسمايە قىلىپ تەلەپلىرىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ دەرھال بىر قىسىم ھەرىكەتلىرىنى توختاتتى. خىتاي خەلىق قۇرۇلتىي ۋە خوڭكوڭ-ئاۋمىن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلجىرلاشلىرنى توختاتتى. 24-چىسلا يەكشەنبە خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلدىغان سايلامنىمۇ كېچىكتۈرمىدى.
ئاجىز ھالەتتە تۇرۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كۈچلەرنىڭ قانۇن ماقۇللاپ قوغدىشىنى قولغا كەلتۈرۈش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىش ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ، مۇستەقىللىق غايىسىگە يېتىشتە قوللىنىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى خوڭكوڭ مەسىلىسىدىن ئالىدىغان ساۋاقلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.