تىرامپ 34 تۈرلۈك جىنايەت ئەيىپلىنىپ «جىنايەتچى»ھۆكۈم ئىلان قىلىنغاندىن كىين، قوللاش نسبىتى ئاشتى

سوت، تەپتىش ۋە زاسداتىللارنىڭ مۇستەقىللىقى، بىتەرەپلىكى گۇمان قوزغىماقتا. دىموكراتچىلار «قانۇننى ئ‍ۆز سياسى رەقىبىگە قارشى قوللاندى »دەپ ئ‍ەيىپلەنمەكتە.

ئۆتكەن ئايدا، نيۇيورك شەھىرىدە ئىچىلغان سوت مەھكىمىسى تىرامپنىڭ 2016-يىللىق سايلامدىن بۇرۇن، ستورمى دانيەل ئ‍سمىلىك بىر  پاھشە ئايالغا ئۆزى بىلەن بولغان جنسى مۇناسۋىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا 130 مىڭ دوللار ئاغزىنى تۇۋاقلاش پۇلى بەرگەنلىكى مۇناسۋەتلىك ئ‍ېچىلغان سوتتا، زاسداتىللار تىرامپنى «جىنايەتچى» دەپ بېكىتتى.

جىنايەت جازا ھۆكۈمى 7-ئايدا ئىلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئېھتىماللىقلار ئىچىدە تۈرمىگە كىرىش، كېپىللىككە قويۇپ بىرىلىش، جەرىمانە تۆلەش قاتارلىقلار بار. ئەمما مۇتەخەسسلەر ئۇنىڭ تۈرمىگە كىرىش ئ‍ېھتىمالى تۆۋەن دەپ قارىماقتا.ئۇ تۈرمىگە كىرگەن تەقدىردىمۇ ئامېرىكا قانۇنى بويىچە سايلامغا قاتنىشالايدۇ.ئۇنىڭ پىرەزدىنت بولۇش-بولماسلىقىنى سايلىغۇچىلار ھۆكۈم قىلىدۇ.

ھازىر تىرامپ چەتئەلگە چېقىش چەكلىمسنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

تىرامپقا ئارتىلغان 34 تۈرلۈك جىنايەت ئىچىدە، شركەت مالىيە ھۈججەتلىرىنى ئۆزگەرتىش،  سايلامغا ساختىلىق قىلىش، باشقا جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەقسدى بولۇش قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلغان. 

تىرامپ جىنايەتچى ئىلان قىلىنىپ 48 سائەت ئىچىدە ئۇنىڭ سايلام فوندىغا ئىئانە قىلىنغان پۇل سوممىسى 50 مىلىيوندىن ئىشپ كەتكەن.

بايدىن ئۆزىنىڭ باياناتىدا، نيۇيورك سوت مەھكىمسنىڭ ھۆكۈمىنىڭ ئامېرىكا فېدراتسيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئەيىپلەشكە -نيۇيورك مانخاتتام ئالاھىدە رايونى باش تەپتىشى ئالۋىن بىراگ مەسئۇل بولۇپ، ئۇ سايلام مەزگىلىدە تىرامپنى سوتقا تارتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بىرىپ سايلانغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

7 دۆلەت باشلىقلىرى ختاينىڭ روسيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەيىپلىدى

شە ئىيۇن 15 , 2024
«ختاي نىڭ رۇسىيەنى قوللىشى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى «قوزغىتىۋاتىدۇ» ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭغا قارشى ئاگاھلاندۇردى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا موسكۋانىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنى ماددىي جەھەتتىن قوللايدىغان كۈچلەرگە قارشى جازا يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىد سالدى. يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان يەتتە گۇرۇپپا (G7) باشلىقلارنىڭ  بۇ يىل ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا […]
7 ۆلەت باشلىقلىرى ختاي روسيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەيىپلىدى

You May Like