‹‹تىبەتكە سەپەر باراۋەرلىك قانۇنى›› ماقۇللاندى.

20- دىكابىر، ئامرىكىدا «تىبەتكە سەپەر باراۋەرلىك قانۇنى» ماقۇللاندى. بۇ قانۇن ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئامرىكا قاتارلىق چەتئەللىكلەرنىڭ تىبەتكە كىرىشىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇشىغا قارىتا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان. مەزكۇر قانۇندا، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم ئامرىكىلىق مۇخبىر، دىپلومات ۋە ساياھەتچىلەرنى ھىچقانداق چەكلىمىسىز ھالدا تىبەتكە بىرىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 20- دىكابىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-21

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

20- دىكابىر، ئامرىكىدا «تىبەتكە سەپەر باراۋەرلىك قانۇنى» ماقۇللاندى. بۇ قانۇن ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئامرىكا قاتارلىق چەتئەللىكلەرنىڭ تىبەتكە كىرىشىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇشىغا قارىتا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان. مەزكۇر قانۇندا، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم ئامرىكىلىق مۇخبىر، دىپلومات ۋە ساياھەتچىلەرنى ھىچقانداق چەكلىمىسىز ھالدا تىبەتكە بىرىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر قانۇن لاھىيەسى 4- ئايدا جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى ئەزاسى رۇبىئو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللانغان، ئاندىن پىرىزدىنت ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن قانۇن رەسمىيلەشكەن. ئىمزا قويۇلۇپ 90 كۈن ئىچىدە ئامرىكا پۇقرالىرىنىڭ تىبەتكە توسالغۇسىز كىرىش دەرىجىسى باھالىنىپ، دۆلەت مەجلىسىگە دوكىلات سۇنۇلىدىكەن. ئامرىكا پۇقرالىنىڭ تىبەتكە كىرىشىنى ئوچۇق- ئاشكار توسقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كەلگۈسىدە مەزكۇر قانۇن ئارقىلىق ئامرىكىغا كىرىشى قەتئىي چەكلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە، خىتاي پۇقرالىرى، مۇخبىرلىرى،ئەمەلدارلىرى ئامرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەركىن- ئازادە ساياھەت قىلالايدۇ، ئەمما ئامرىكا پۇقرالىرى تىبەتكە بىرىپ كىلىشتە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئامرىكا دىپلوماتىيەدە باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ، مەزكۇر قانۇننى يولغا قويغان.

تىبەتنى قوللايدىغان خەلقئارا تەشكىلاتلار مەزكۇر قانۇننىڭ ماقۇللىشىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قانۇننىڭ ماقۇللانغانلىقى ئامرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە تېخىمۇ يىقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دىيىشتى.

بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتتىق تەنقىدلەپ، ئامرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى خاتا ئۇچۇر تارقىتىدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئىغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. تىبەت ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئوچۇق، ئەگەر ئامرىكا يۇقارقى قانۇننى ئەمەلىلەشتۈرسە، ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل» دىدى.

 

ھالبۇكى، ئۆتكەن نەچچە يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككىلا ئامرىكا ئەمەلدارىنىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان. بۇ ئايدا يەنە گىرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسانىي ياردەم مەخسۇس خادىمى باربىل كوفلەر خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بىرىشى رەت قىلىنغاندىن كىيىن، ئامالسىز تىبەتنى زىيارەت قىلغان.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/tibet-travel-senate-20181219/4708130.html

https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-46631275

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇملىرىغا قارشى نامايىش قىلدى

جۈ دېكابىر 21 , 2018
نەچچە يۈزلىگەن مۇسۇلمانلار جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادىكى ئەلچىخانىسى سىرتىدا توپلىنىپ، خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان- ت) دىكى مۇتلە كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىنغان زۇلۇملارغا قارشى نامايىش قىلدى.

You May Like