تېۋىتتىردا ئۇيغۇر نامىنى يالغاندىن قوللانغانلار كىملەر ؟

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-02

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەسئۇلى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان يېقىندا تېۋتتىردا ئۇيغۇر نامىنى قوللانغان نۇرغۇن ئلشەتكۇچىلەرنى  بايقىغان، ئۇلار ئىنگىلىزچە، ختتايچە ئۇيغۇر نامىنى ئشلەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھىچقانداق مەزمۇن ئورتاقلاشمىغان، ھساباتىدا پۈتۈنلەي ئنگىلىز تىلىدا ئەرەبلەرگە ئائىت مەزمۇنلار يوللانغان بولۇپ، بىرەرمۇ ئۇيغۇر مىللىتى ھەققىدىكى خەۋەر يوقكەن.

تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشمىزچە، بۇلار جەمئى ئوتتۇزدىن ئاشىدىغان ھسابات بولۇپ، بىرەرمۇ ئىتنىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەسكەن، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىرمۇ خەۋەر، مەزمۇن، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەگەشكۇچىلىرى بار بولۇپ، بەزىلىرى «پەلەستىنگە ئەركىنلىك » دىگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆزىگە باشتۇغ قىلىۋىلىش بىلەن بىرگە، پەلەستىن بايرىقىنى چېقىرىۋالغان؛ تاھىر ئەپەندى بۇلارغا «ئۇيغۇر بولمىساڭ  ئۇيغۇر نامىنى ئىشلەتمە، ئشلەتسەڭ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇنلارنى چىقار، كىشلەرنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىما» دەپ خەت يازغان، ئۇزۇندىن بىرى ختتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھساباتلىرىغا تۇرلۇك ئۇسۇلدا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى ئىنكار قىلىش، بۇزۇشقا ئۇرۇنغان، بۇ قېتىملىق زور كۆلەمدە ئۇيغۇر نامىنى ئشلىتىپ، بۇلار نىمە ئۇچۇن بۇنداق قىلىدۇ ؟

بۇ كۆزەتكۇچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

بىر ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇرلار باش قوشتى! ئامېرىكا ئەسقاتتى!

شە ئاۋغۇست 3 , 2019
2019-يىلى 3-ئاۋغۇست، ۋاشىنگىتون تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئىلاۋە: ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى باشقا ھەر قانداق بىر تۈركۈم ئ‍ىنسانلارنىڭ ھاياتىدىن قەدىرسىز ھايات ئەمەس، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش مۈشكۈل بولسىمۇ تىرىشىۋاتىمىز. چەتئەلدە بولسا خەلقئارا تەشكىلاتلار، تاراتقۇلار ۋە مۇناسۋەتلىك ئەھدىنامىلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇرلارنى جىددى قۇتقۇزۇش ئىمكانىمىز بار! كۈلپەتتىكى ئۇيغۇر ئۈچۈن يىغىلاش ئەمەس، ھەرىكەت لازىم ، […]

You May Like