تەرجىمىە:ئامېرىكا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا تەييارلىق قىلماقتا

ئەسلى مەنبەسى:نيۇريوك ۋاقىت گېزىتى تۈركچە مەنبە: http://www.hurriyet.com.tr/dunya/abd-uygur-turkleri-icin-cine-yaptirim-hazirliginda-40952432 ئىلان قىلنغان ۋاقتى : 2018ـ يىلى 11-سىنتەبىر تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : كۆلتېگىن ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ ،خىتاينىڭ مۇسۇلمان

ئامېرىكا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا تەييارلىق قىلماقتا

ئەسلى مەنبەسى:نيۇريوك ۋاقىت گېزىتى تۈركچە مەنبە: http://www.hurriyet.com.tr/dunya/abd-uygur-turkleri-icin-cine-yaptirim-hazirliginda-40952432 ئىلان قىلنغان ۋاقتى : 2018ـ يىلى 11-سىنتەبىر تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : كۆلتېگىن   ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ ،خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارتا ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ھەركىتگە قارتا جازالاش ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. خەۋەر قىلنشچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قوللانغان (باستۇرۇش ) سىياستى نەچچە ئايدىن بېرى ئاقسارايدا مۇنازىرە قىلنغان . نىيۇيورك ۋاقىت گىزىتىنىڭ ئاقسارايدىكى كوناۋە يېڭى ئەمەلداردىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن قىلغان خەۋرىگە قارغاندا، تىرامىپ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسلىسى ھەققىدە خىتايدىكى شەخسىلەر ۋە شىركەتلەرگە قارتا جازالاش تەدبىرى ئېلىپ بېرىشقا ھازىرلىق قىلۋېتپتۇ. ئىگەللىنشچە، جازالاش ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەر ئاقساراي، تاشقى ئىشلار مىنسترلىكى ۋە مالىيە مىنسترلىكى قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان. ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالاشتىن سىرت ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى نازارەت قىلش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئامېرىكا تېخنىكىللىرىنىڭ خىتايغا ئىكسپورت قىلنشىغىمۇ چەك قويۇشنى پىلانلىماقتا. Euronews تە ئىلان قىلنغان خەۋەرگە قارىغاندا ، ئەگەر ئامېرىكا جازالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرسە، بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تەرپىدىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايىتى بىلەن جازالىنشى بولۇپ ھېسابلىندىكەن . ب د ت ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ تەخمىنەن ئىككى مىليۇن ئۇيغۇر تۇركىنى يىغۋېلىش لاگىرىغا سولىۋېلىپ ئۇلارغا مەجبۇرىي ھالدا خىتاي كوممۇنسىت پارتىيە ئىددىيسى زورلاپ تاڭلىغانلىقى ھەققىدە دوكلات ئىلان قىلغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسترى خۇا چۈنيىڭ ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ شنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان ) ئنسانى ھوقۇق دەپسەندچىلىكىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ خىتاينى جازالىماقچى بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئ‍نسانى ھوقۇق ئەھۋلىنىڭ ئامېرىكىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئىتقاد ئەركىنلىكىنىڭ قانۇن بويىچە قوغدىلدىغانلىقىنى بايان قىلدى . ئ‍نسانى ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تۈنۈگۈنكى دوكلاتىدا ، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندىكى (شەرقىي تۇركىستان ) مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتاي تەرپىدىن «پىلانلىق ۋە سىستملىق ھالدا كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلشقا ئۇچراۋاتقانلىقى » نى ئىلان قىلغان ئىدى.  

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تەرجىمە: خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا قانداق ياردەم قىلىش كىرەك؟

سە سېنتەبىر 11 , 2018
مەنبە: خىرىستىئان ئىلىم- پەن كۆزىتىش گېزىتى 2018- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

You May Like