تەرجىمە:كومپارتىيە ئەۋەتكەن ‹‹تۇققانلار›› ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالماقتا

ئۇلارنىڭ قىياپىتى قالايمىقانمۇ، ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھىيلىگەرلىك بىلەن سۆز قىلامدۇ يوق؟ ئۆيدە گۇمانلىق يات ئادەم بارمۇ يوق ؟ ئاشخانىدا ئارتۇق قىڭراق بارمۇ يوق؟ تامغا دىنىي تۈس ئالغان زىننەت بۇيۇملىرى ئېسىلغانمۇ يوق؟ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولمىغان بۇيۇملار بارمۇ يوق؟ ئۇلارنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسى قانداق؟ ئادەتتە مەكىزىي تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىنى كۆرەمدۇ ياكى ئۇيغۇرچە پىلاستىنكىلارنىمۇ؟

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 5- يانۋار

 

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2019-01-06

 


[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئۇلارنىڭ قىياپىتى قالايمىقانمۇ، ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھىيلىگەرلىك بىلەن سۆز قىلامدۇ يوق؟ ئۆيدە گۇمانلىق يات ئادەم بارمۇ يوق ؟ ئاشخانىدا ئارتۇق قىڭراق بارمۇ يوق؟ تامغا دىنىي تۈس ئالغان زىننەت بۇيۇملىرى ئېسىلغانمۇ يوق؟ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولمىغان بۇيۇملار بارمۇ يوق؟ ئۇلارنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسى قانداق؟ ئادەتتە مەكىزىي تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىنى كۆرەمدۇ ياكى ئۇيغۇرچە پىلاستىنكىلارنىمۇ؟

 

بۇ يىراق يەرلەردىن كەلگەن ئەر- ئاياللار ئىشىكتىن كىرگەن زامان، كۆز ئالدىدىكى بۇ ‹‹تۇققانلىرى›› ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى باشتىن – ئاياغ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىدۇ.

 

ئۇلار ئۆز-ئارا ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل دەپ چاقىرىشسىمۇ، ئۇلار ئارسىدا ھېچبىر قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق، ھەتتا تىل جەھەتتىنمۇ چۈشىنىشمەيدۇ. بۇ كۆپىنچىسى خىتاي مىللىتىدىن بولغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولسا خىتاي دائىرلىرىنىڭ ‹‹ قوشماق تۇققان ››  پىلانىنىڭ بىر قىسمى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت) دىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلىشىپ، ئۇدا بىر قانچە كۈن ئۇلار بىلەن بىللە يەپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىدۇ، ھەتتا بەزىدە بىر سۇپىدا بىرگە ئۇخلايدۇ.

 

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان ‹‹ يەرشارى ۋاقىت گېزىتى ›› پەيشەنبە كۈنى (1- ئاينىڭ 3- كۈنى) ئېلان قىلغان بىر ئىنگلىزچە تۋېتتېر ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن، 2016- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ، خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دا 1 مىليون 120 مىڭدىن ئۇشۇق كادىر ۋە ھۆكۈمەت خادىمى 1 مىليون 690 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت بىلەن قوشماق تۇققان بولغان.

 

باشقا ھۆكۈمەت ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، 2018 -يلى 1- ئايدىن 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان- ت) دا كادىر، خىزمەتچىلەرنىڭ ‹‹ تۇققان يوقلاش ›› قېتىم سانى 31مىليون 490 مىڭ قېتىمغا، ‹‹ تۇققانلارنىڭ ئۆيى ›› دە قونۇش قېتىم سانى 10 مىليون 500مىڭ قېتىمغا يەتكەن.

 

ئىككى نەپەر تۆۋەنگە چۈشكەن «تۇققانلار» ئۇيغۇر ساھىپخان (سولدىن بىرىنچىسى) بىلەن بىر كارۋاتتا ياتماقتا

 

‹‹تۇققانلار›› ئۆزى يوتقان-كۆرپە ئېلىپ كېلىش، تاماق پۇلى (ھەركۈنى 20-50 يۈەن ئەتراپىدا)،گۈرۈچ، ئۇن، مېۋە-چېۋە قاتارلىق سوۋغىلاردىن باشقا، يەنە ‹‹ پارتىيە ئانا ›› تاپشۇرغان ۋەزىپىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.

 

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتى ئانتروپولوگىيە ئوقوتقۇچىسى داررېن بايلېر ئامېرىكا ئاۋازىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹ بۇ »تۇققانلار»نىڭ  ۋەزىپىسى ئۇيغۇر ئۆي ئىگىلىرىنى باھالاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق ۋە ئىسلامى كىملىكىگە بولغان ساداقەت دەرىجىسىنى ئۆلچەش، ئۇلارغا ئاساسىي »ساپا» نى ئۆگىتىش، ئۇلارنى پەقەتلا خىتايچە سۆزلەشكە، پەقەتلا خىتاي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئىكەن.››

 

داررېن بايلېر ئۇيغۇر-خىتاي ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، 2011- يىلىدىن بېرى ئىككى قېتىم شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دا نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان. ئالدىنقى يىلى باھاردا ئۇ ئۇيەرگە قايتا بېرىپ، 10 نەچچە بىۋاسىتە ۋە ۋاستىلىق ھالدا ‹‹ قوشماق تۇققان››  پىلانىغا قاتناشقان كىشى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

 

 

داررېن بايلېر ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، ‹‹ تۇققانلار›› بەزىدە ئۇيغۇرلارنى قەستەن ھاراق ئىچىشكە، تاماكا چىكىشكە تەكلىپ قىلىدىكەن. بىرگە چۆچۈرە تۈگكەن ۋاقىتتا، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ گۆشنىڭ ھالال ياكى ئەمەسلىكىنى سوراش- سورىماسلىقىنى سىنايدىكەن. 

 

داررېن بايلېر مۇنداق دەيدۇ، ‹‹ خىتايلار تاماق بەرگەن ۋاقتىدا، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنى مەجبۇرۇلاپ يىيىشىڭىز كېرەك. بۇ كىشىلەرنى بىر خىل ئوڭايسىز ۋە ئىنتايىن ئازاپلىق ھالەتكە چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ. كۆپ كىشىنىڭ ماڭا دىيىشىچە، كېلىش مەنبەسىنى بىلمىگەن تاماقلارنى يىيىش ئۇلارنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدىكەن.››  

 

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ‹‹ قوشماق تۇققان›› لارنى ئىللىقلىققا تولغان مىللەتلەرنىڭ سىڭىشىشى دەپ ئورىغان بولسىمۇ، بىراق تەنقىدچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يۇمشاق كۆرۈنگەن سىياسەتلەر ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرلىرىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشى ئىكەن.

 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ كومپارتىيە پۇت-قولىنى بەك ئۇزۇن سوزدى. ھېچكىم بۇنداق توقۇپ چىقىرىلغان «تۇققانلار» نى قارشى ئالمايدۇ.››  

 

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ‹‹ ئەگەر ئۆيمۇ ناتۇنۇش كىشىلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنسا، ئۇنداقتا كىشىلەر تېمى يوق تۈرمىدە ياشىغانغا ئوخشايدۇ.››  

 

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ۋاڭ لىيەنسوڭ مۇنداق دەيدۇ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈندىلىك يېتىپ قوپۇشلىرىغىچە ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىش، بۇ خىل ‹‹ ئىنتايىن تاجاۋۇزچىلىق خارەكتېرىگە ئىگە بولغان ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى››  پەقەت ئاساسى ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى- تەروز قىلىپلا قالماستىن، يەنە بۇ رايۇندا نارازىلىق كەيپىياتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

ماۋزېدۇڭ دەۋرىدىكى ‹‹ تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ ئەمگەك قىلدۇرۇش›› قا ئوخشىمايدىغان يېرى بولسا، بۇ قېتىمدا، شەھەردىن كەلگەنلەر نامرات دېھقانلاردىن ئۆگەنگىلى كەلگەن بولماستىن، بەلكى ئۇلار ئۆزىنى كۈتۈۋالغان كىشىلەرنى باھالايدۇ ۋە تەربىيە بېرىدۇ. داررېن بايلېرنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ‹‹ تۇققانلار›› نىڭ كەينىدە كۈچلۈك دۆلەت ھاكىمىيىتى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارغا غايەت زور بېسىم ۋە چارىسىزلىقنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.

 

بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ داررېن بايلېرغا دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، ئۆيگە كەلگەن ‹‹ تۇققانلار›› نىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئايغاچچىلىرى بولۇپ، يالغاندىن دوستانە قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەن خالاس. ئۇلار مەڭگۈ بۇ كىشىلەرگە ئىشەنمەيدىكەن.

 

بىراق، يۈزەكى جەھەتتە، ئۇيغۇرلار يەنە ئېھتىرام قىلغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشى كېرەك بولۇپ، قولىدىن  كېلىشىچە بۇ ‹‹ تۇققانلار›› نى كۈتۈشى كېرەك ئىكەن، مۇبادا بىرە ئىشنى خاتا قىلىپ قالسا، «تۇققانلار» تەرىپىدىن چېقىپ قۇيۇلۇپ، ‹‹ تەربىيلەش مەركىزى›› گە قامىلىشتەك بەختسىزلىككە دۇچار بولۇشتىن قورقۇدىكەن.

 

قومۇل شەھەرلىك مۇسۇلمان ياش ئەمەت تور ژۇرنىلى ‹‹ زىمىستان›› غا مۇنداق دېگەن: ‹‹ھۆكۈمەت مەن ۋە ئايالىمنى جەمىي تۆت كىشى بىلەن تۇققانلاشتۇردى. ھەر ھەپتىدە بىر تۇققان ئالمىشىدۇ. ئۆيدە ھەركۈنى ئادەم تۇرىدۇ، بىرسى كەتمەي تۇرۇپ يەنە بىرسى كېلىدۇ.››

 

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ھازىر مەن قالايمىقان گەپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن، چۈنكى مەن قايسى گەپنىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خاتا ھىسابلىنىش مۇمكىنلىكىنى بىلمەيمەن.››

 

ئۇيغۇرلارنىڭ قورقۇشى قانداقتۇر ئۇرۇنسىز غەم- ئەندىشە ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ‹‹تۇققانلار››ھەر سائەت- ھەر مىنۇتتا ئۇلارنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ خاتىرىلەپ تۇرىدۇ.

 

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورى 2017- يىلىدىكى بىر خەۋىرىدە ‹‹تۇققانلاشقان››كادىرلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى خاتىرلەنگەن: ھەركۈنى ئەتىگەندە، ھەر قايسى گۇرۇپ ئەتىگەنلىك يىغىن ئېچىش، چۈشتە ئارام ئالماي ئۆيلەرنى زىيارەت قىلىش، چۈشتىن كېيىن كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش، ماتىرىياللارنى رەتلەش، كەچتە سۆھبەتتە مۇھاكىمە قىلىش، مەخسۇس ئادەم دوكلاتنى توپلاش، ھىسابنى رەتلەش، دوكلاتنى يۇقۇرىغا مەلۇم قىلىش، » كېچە- كۈندۈز ئۇلاپ خىزمەت قىلىش رېتىمى، كۆپچىلىككە ئىدارىلەردىكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى ئەسلىتىدۇ».

 

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ‹‹تۇققانلاشقان›› كادىرلارغا تەمىنلىگەن ‹‹يوليورۇق››تا دىيىلىشىچە، ‹‹بالىلار ئەڭ ياخشى بۆسۈش نوقتىسى››، ‹‹ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا بالا بولسا، ئۇيۇنچۇق ۋە ئۇششاق- چۈششەك يىمەكلىك ئېلىۋېلىشنى يادىدا تۇتۇش››، ‹‹ ئاۋۋال بالىلار بىلەن ئىچقويۇنـتاشقويۇن بولۇش.››

 

 

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتى ئانتروپولوگىيە ئوقوتقۇچىسى داررېن بايلېرنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇرلار جازالىنىشتىن قورقۇپ، بالىلىرىنى بۇ يات ‹‹تۇققانلارنى›› قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىكەن، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن دۆلەتنىڭ تەشۋىقات- تەرغىباتلىرىنى ھىمايە قىلىدىكەن. بەزىدە بالىلار تەرجىمانلىق رولىنى ئوينايدىكەن، چۈنكى كۆپ چاغلاردا ئۇلارنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسى چوڭلارغا قارىغاندا ياخشى ، لېكىن بۇمۇ ئۇلارنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدىكەن—بىر تەرەپتە بولسا ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى قولىغا ئالغان مېھمان، يەنە بىر تەرەپتە بولسا ئۆز ئاتا-ئانىسى.

 

يېقىندا، داررىېن بايلېر ‹‹نيويورك ۋاقتى گېزىتى›› ئۈچۈن يازغان ‹‹چاقىرىلمىغان مىھمانلار: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرگەن مىليونلارچە مەمۇرلار›› ناملىق ئۇزۇن ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ: ‹‹»قوشماق تۇققان» نىڭ ئەڭ ئازاپلىق قىسمى بولسا، بەلكىم ئۇ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ نوپۇزىنى ئاجىزلاشتۇردى، ھەمدە ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلدى.›› ئۇ بىر ئۇتتۇرا ياش ئۇيغۇرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىدۇ: ‹‹ ئۇلار بىزنىڭ ئائىلىمىز ۋە ئېتىقادىمىزنى تارتىۋالدى. ھازىر بىزنىڭ ھېچنىمىمىز قالمىدى.››

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

 

 

مەنبە: https://www.voachinese.com/a/party-sent-relatives-occupy-homes-of-uyghurs-20190104/4729881.html?utm_source=dlvr.it&utm_medium=twitter

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تەرجىمە: تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى

دۈ يانۋار 7 , 2019
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

You May Like