9-نويابىر
قاتار خاماسنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرىدىن غەززەدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە ھاماس تۇتقۇن قىلغان گۆرۆلەرنى قويۇۋېتىش ئۈچۈن ئىسرائىل بىلەن توختام تۈزۈشكە ۋاسىتىچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق مەزگىل تۇرۇشىغا يول قويغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىردى.
قاتار بۇ قارارنى ئامېرىكا بىلەن ماسلشپ چىقارغان بولۇپ، 10 كۈن بۇرۇن خاماس رەھبەرلىرىگە بىلدۈرگەن.
بۇ قارار بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىر ۋە قاتار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ خاماس بىلەن ئالاقە قىلىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن قىلغان ئۇزاق مەزگىللىك تىرىشچانلىقىغا نىسبەتەن يامان بىشارەت.
قاتار ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئايلاردا خاماس ۋە ئىسرائىيەنىڭ ھەر ئىككىلىسگە قارىتا بارغانسېرى نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغان.
قاتار ھۆكۈمىتى بۇ قارار ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم تۈزۈشكە بولغان ئىرادىسىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرگەندىن كىين چىقىرىلغان دىگەن.