تەرجىمە: جازا لاگىر شاھىدلىرىنىڭ بايانلىرى: خىتتاي مۇسۇلمانلارنى خارلاۋاتقان لاگىرلىرىنىڭ ئىچى نىمىگە ئوخشايدۇ؟

مۇھىم مەزمۇنلار

خىتتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىليۇندەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى جازا لاگىرلىرىغا سولىغانلىقىدىن ئەيىپلەندى.
جازا لاگىرلىرىدا شاھىد بولغان ئىككى ئۇيغۇر ب ب س ( BBC ) كەچلىك خەۋەرلىرىدە لاگىرلاردا يۈرگۈزۈلىۋاتقان جىسمانىي ۋە روھىي قىيناشلارنى ئېيتتى.
بىرەيلەن يولۋاس ئورۇندۇققا كېشەنلىگەنلىكى، ئۇخلاتمىغانلىقى ھەم ساقچىلارنىڭ ئۇرۇپ قىينىغانلىقىنى بايان قىلدى.
يەنە بىرەيلەن ئۇ تۇنىيدىغان كىشلەرنىڭ لاگىردا « نېرۋىسىدىن كەتكەن » دەك بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى دېدى.

جازا لاگىر شاھىدلىرىنىڭ بايانلىرى: خىتتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلارنى خارلاۋاتقان لاگىرلىرىنىڭ ئىچى نىمىگە ئوخشايدۇ؟

What it»s like inside the internment camps China uses to oppress its Muslim minority, according to people who»ve been there

 

تەرجىمە قىلغۇچى:ئىسمائىل ئاۋاق

ئۇيۇشتۇرغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

مەنبە: https://www.businessinsider.com/life-inside-china-internment-camps-for-uighur-minority-in-xinjiang-bbc-report-2018-8

  مۇھىم مەزمۇنلار

  • خىتتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىليۇندەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى جازا لاگىرلىرىغا سولىغانلىقىدىن ئەيىپلەندى.
  • جازا لاگىرلىرىدا شاھىد بولغان ئىككى ئۇيغۇر ب ب س ( BBC ) كەچلىك خەۋەرلىرىدە لاگىرلاردا يۈرگۈزۈلىۋاتقان جىسمانىي ۋە روھىي قىيناشلارنى ئېيتتى.
  • بىرەيلەن يولۋاس ئورۇندۇققا كېشەنلىگەنلىكى، ئۇخلاتمىغانلىقى ھەم ساقچىلارنىڭ ئۇرۇپ قىينىغانلىقىنى بايان قىلدى.
  • يەنە بىرەيلەن ئۇ تۇنىيدىغان كىشلەرنىڭ لاگىردا « نېرۋىسىدىن كەتكەن » دەك بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى دېدى.

  خىتتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىدىن بىر مىليۇندەك كىشىنى پالىغان جازا لاگىرلىرىنىڭ يېڭى مەلۇماتلىرى ئاشكارىلاندى. لاگىرلاردىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئوخشاشلا قىينىلىدىغانلىقىغا شاھىد بولغان ئىككىيلەن ب ب س ( BBC ) نىڭ پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئاڭلىتىلغان كەچلىك خەۋىرىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدا سۆزلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازات لاگىردىكى بىر مەھبۇسنى يوقلاش ئۇچۈن جازا لاگىرىغا بارغان، ئۆمىر شۇ لاگىرلارنىڭ بىرسىگە قامالغان. ب ب س ( BBC ) ھەر ئىككىلىسى شۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار دېدى. ئۇلار خىتتاينىڭ قايتۇرۇپ ئەكىتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئاڭلاتقۇچىلار ئازاتنىڭ ياكى ئۆمىرنىڭ ھازىرقى ئورنىنى ئاشكارلىمىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى قارامايدىكى لاگىرغا سولانغان ئامىر ئۆزىنىڭ يولۋاس ئورۇندۇققا كېشەنلىنىپ ئۇخلىتىلمىغانلىقى، ھەتتا لاگىر ساقچىسىنىڭ ئۇرغانلىقىنى دېدى. ئۆمىر ب ب س ( BBC ) غا « ئۇلارنىڭ « يولۋاس » دەيدىغان بىر ئورۇندۇقى بار . مېنىڭ پۇت – قولۇم ئاشۇ ئورۇندۇققا كېشەنلەندى. مەن قىمىرلىيالمىدىم . ئۇلار مېنى ئۇخلاتمىدى. ئۇلار ھەتتا مېنى نەچچە سائەتلەپ ئېسىپ قويدى. يەنە ئۇردى. ئۇلاردا ساقچى كالتەكلىرى، تولغانما سىمدىن ياسالغان قامچىلار، ئادەمنىڭ تىنىگە سانجىيدىغان يىڭنەلەر ۋە تىرناقلىرىمىزنى يۇلۇپ ئالىدىغان ئامبۇرلار بار. خالىغاندا ئىشلىتىدىغانغا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئالدىمدىكى ئۈستەلگە قويۇلدى. باشقىلارنىڭ ئىڭراشلىرىنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمەن. » دېدى. ئۆمىر ئۆزىنىڭ كېيىن باشقا بىر لاگىرغا يۆتكەلگەنلىكىنى ، كىچىككىنە بىر ئۆيدە مەجبۇرىي ھالدا 45 مەھبۇسنىڭ پالانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇخلايدىغانغا بوشلۇق بولمىغاچقا نۆۋەتلىشىپ ئۇقلايدىغانلىقىنىمۇ دېدى. ساقچىلار ئۇنى دىنىي رادىكاللارغا ياردەم قىلدىڭ دەپ لاگىرغا سولىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ بەتنامغا ئىقرار ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. خىتتاي ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نەزەربەنتى ۋە باستۇرۇشىنى تېرورىزىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ كۆرسەتتى . ئەڭ قىسقا بولغاندىمۇ 90 – يىللارنىڭ ئوترىلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى خىتتايدا تېرورلۇق ھەرىكىتى قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلەپ كەلدى. ئۆمىرنىڭ ئېيتقانلىرى سىمون دەنيەر بۇيىل مايدا ۋاشىنگىتون پوچتىسىدا جازا لاگىرلىرى توغرىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدا ئېيتىلغانلار بىلەن ئوخشاش .جازا لاگىرىغا پالانغان قايرات سەمەرقەنتمۇ ئوخشاشلا « يولۋاس » ئورۇندۇققا كېشەنلەنگەنلىكىنى ، بۇيرۇققا بوي سۇنمىسا سۇغا تۇنجۇقتۇرۇلغانلىقىنى دىگەن . خىتتاينىڭ جازا لاگىردىكى قىيناشلىرى تەن جازاسى بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. لاگىرغا پالانغان بىرەيلەننى يوقلىغىلى بارغان ئازات، مەھبۇسلارنىڭ تاماق ئېلىش ئۈچۈن قىزىل ناخشا توۋلايدىغانلىقى، ئۇ بىلىدىغان كىشلەرنىڭ « كاللىسىدىن كەتكەن » دەك بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى . بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چىرايى ۋە ئاۋازى ئۆزگەرتىلگەن ئازات ، ب ب س ( BBC ) غا ئاش ۋاقتىدا ، قولىدا قۇرۇق سۇلياۋ قاچىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئادەمدىن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 1200 كىشى بار. تاماق يېيىش ئۈچۈن ئۇلار چۇقۇم خىتتاينى مەدىيھىلەپ ناخشا ئېتىشى كېرەك، دېدى. ئۇ يەنە مەھبۇسلار ئىچىدىكى ئۇ ئىلگىرىمۇ تۇنىيدىغان كىشلەرنىڭ روبوتقا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ، ئۇلار قارىماققا « ئەقلى – ھۇشىنى يوقاتقان » دەكلا ئىدى. مەن نۇرغۇنلىرىنى ياخشى تونۇيمەن. بىز ئىلگىرى بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەن. ئەمما ھازىر ئۇلار ماڭا نورمال تۇيۇلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەندەك قىلىقلارنى قىلاتتى. ئۇلار قاتناش ۋەقەسىدە ئېسىنى يوقاتقان كىشلەرگە ئوخشاپ قالغانتى، دېدى. ئازاتنىڭ كۆرگەنلىرى بەشىنچى ئايدا ۋاشىنگىتون پوچتىسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدىكى بايانلار بىلەن بىردەك ئىدى . شەرقىي تۈركىستاننىڭ قارامايدىكى باشقا بىر كەنتىدىكى جازا لاگىرىدا مەھبۇسلارنىڭ بىر كۈنى ئادەتتە خىتتاي رەئىسى شىجىنپىڭنىڭ سىياسىي دوگمىسىنى ئۆگۈنۈش، خىتتاي كومىنىست پارتىيىسى توغرىسىدا ناخشا ئېيتىش، « شىجىنپىڭ ياشىسۇن! » دىگەندەك سۆزلەرنى توۋلاشتىن ئىبارەت ئىدى. خىتتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگىرىنىڭ بارلىقىدىن تاندى. ئەمما دىنىي رادىكال دەپ ئاتىغانلىرىنى باشقا بىر يەرگە « جايلاشتۇرۇش » پروگراممىسى بارلىقىنى ئىقرار قىلدى. ئۇلار يەنە شەرقىي تۈركىستان قورچاق ھۆكۈمىتى « دىنىي رادىكاللىقنىڭ بۇلغىشى ۋە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قانۇنلۇق ھەم ئۈنۈملۈك تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى » نى ئېيتتى . بىرلەشكەن مىللەتلەر پەيشەنبە كۈنى خىتتاينى « قانۇنىي ھۆكۈم چىقىرىلمىغان، سوتلانمىغان ۋە ھىچقانداق بىر جىنايى قىلمىشنى ئىقرار قىلمىغان كىشلەرنى ھەرقانداق قانۇندىن چەتنىگەن لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرۇشنى توختىتىش » قا چاقىردى. ئامرىكىدا ھەر ئىككى پارتىيىدىن بولۇپ 17 كىشلىك قانۇن تۈزگۈچىلەر چارشەنبە كۈنى بىر پارچە ئۇچۇق خەت يېزىپ باش كاتىپ مايىك پومپىئو ۋە بايلىق مىنىستېرى سىتىۋ مۇچىنلارنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقى ئۈچۈن خىتتايغا قارشى جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردى.

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

تەرجىمىە:ئامېرىكا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا تەييارلىق قىلماقتا

سە سېنتەبىر 11 , 2018
ئەسلى مەنبەسى:نيۇريوك ۋاقىت گېزىتى تۈركچە مەنبە: http://www.hurriyet.com.tr/dunya/abd-uygur-turkleri-icin-cine-yaptirim-hazirliginda-40952432 ئىلان قىلنغان ۋاقتى : 2018ـ يىلى 11-سىنتەبىر تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : كۆلتېگىن ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ ،خىتاينىڭ مۇسۇلمان

You May Like