تەرجىمە: دىپلومات ژورنىلى: مالايسىيا بىلەن ھىندونوزىيە خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دەس تۇرۇشقا تەييارلاندىمۇ؟

نۆەتتە كىرىزىسنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن ئېنىق. ئۈچ مىلىيونغا يىقىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭدا ( شەرقىي تۈركىستان- ت) زور كۆلەملىك يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا قامالغان. بۇ 21- ئەسىردىكى ئەڭ دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى. ئۇيغۇر كوچىلىرىدا ئادەم يوق، ئوقۇغۇچىلار، مۇزىكانتلار، تەنتەربىيەچىلەر، تىنىچلىقپەرۋەر زىيالىيلار تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇلار ئەمگەككە مەجبۇرلۇنۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدىن چىققان تاۋارلار ھەتتا ئامرىكىغا يىتىپ باردى.

دىپلومات ژورنىلى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-  28- يانۋار

ئاپتور: نىسىن كوكا

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-30

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

نۆەتتە كىرىزىسنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن ئېنىق. ئۈچ مىلىيونغا يىقىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مۇسۇلمانلىرى  خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭدا ( شەرقىي تۈركىستان- ت) زور كۆلەملىك يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا قامالغان. بۇ 21- ئەسىردىكى ئەڭ دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى. ئۇيغۇر كوچىلىرىدا ئادەم يوق، ئوقۇغۇچىلار، مۇزىكانتلار، تەنتەربىيەچىلەر، تىنىچلىقپەرۋەر زىيالىيلار تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇلار ئەمگەككە مەجبۇرلۇنۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدىن چىققان تاۋارلار ھەتتا ئامرىكىغا يىتىپ باردى.

شۇنداقتىمۇ، خەلقئارا يەنىلا سۈكۈتتە. بولۇپمۇئۆتكەن يىللىرى پەلەستىن ۋە روھىڭگا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلغان، بايانات ئىلان قىلغان ئىسلام دۇنياسىمۇ سۈكۈتتە.نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئوتتۇرا شەرق، تۈركىيە ياكى خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرىدىن پاكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى مۇسۇلمانلاردىن باش بولۇپ خىتايغا بىسىم چۈشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقاندا، مالايسىيا بىلەن ھىندونوزىيە ھەقىقىي ئۈمىد بىغىشلىدى.

گەرچە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىككى مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تارىخى، كۈلتۈرەل باغلىنىشى ناھايىتى چەكلىك بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئاۋامنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىدىغان دىموكراتىك دۆلەت. كۆپ قىسىم دۆلەتلىرى ئۇنداق ئەمەس. ئۇلاردا يەنە مەتبۇئات ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى بار بولۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرى خىتاينىڭ چاۋىسى ئاستا-ئاستا سىرتقا يىيىلماقتا.

باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم ئاممىۋى سورۇندا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرگەن تۇنجى مۇسۇلمان لىدىرى بولۇپ قالدى. مالايسىيا ھۆكۈمىتى ھەتتا بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ تۈركىيەگە كىتىۋىلىشىغا يول قويدى.

ھىندونوزىيە بولسا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار نوپوسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالدىمىزدىكى ئاپرىلدىكى سايلامدا مۇئەييەن رول ئوينىشى مۇمكىن. يانۋاردا، ھىندونوزىيەدە تەسىرى چوڭ «ئۆلىمالار بىرلىكى» ئىسلام دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنى ئەيىبلىدى.

ھىندونوزىيەگە نىسبەتەن 2019- يىلى سايلام يىلى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىكى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھالقىتىپ، سىياسىي مەسىلىگە ئايلاندۇرغان.  ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈچلۈك ئوڭچىل ئىسلامىي تەشكىلاتلار مەسىلەن ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىپ، دىكابىردا زور نامايىش تەشكىللىگەن ئىسلام مۇھاپىزەتچىلىرى ھەرىكىتى، مائارىپ تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى. دىمەك، ئۇيغۇر مەسىلىسى سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىشى ھەتتا خىتاي بىلەن ھىندونوزىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن. بىراق ھىندونوزىيەنىڭ خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىشكە جۈرئىتى يوق، شۇڭا مالايسىيا بەكرەك كۆزگە كۆرۈنىۋاتىدۇ. مالايسىيانىڭ باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەدنىڭ كەلگۈسى سايلامدىن غىمى يوق، مالايسىيا ھىندونوزىيەگە قارىغاندا ئىسلامغا تېخىمۇ مايىل، ئۇ يەنە  ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى.

ئۇيغۇر دەۋاگەرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۇۋكاتلىرى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدىغان ئورگان دەپ قارىلىدۇ. بىراق ئۇ پەلەستىن، يەمەن، روھىڭگا ئۈچۈن يىغىن ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئاساسەن سۈكۈت قىلماقتا. 57 دۆلەت ئەزا بولغان بۇ تەشكىلات ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بىشىغا كىلىۋاتقان كۈلپەتكە زور ياردەمدە بولالايتى. تەشكىلات كاتىپى يۈسۈپ ئۈسەيمىن: » بۇ ھەقتىكى دوكىلاتلارغا يىقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن پاراڭلاشقانلىقى»نى بىلدۈردى. ئۇ يەنە:» شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى ئىگەللەيدىغانلىقى»نى ئىيىتتى. دىمەك، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 1،2- مارت ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، بۇ پۇرسەتتە مالايسىيا ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدۇ. مالايسىيانىڭ تېخىمۇ بەك ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن خەلقنىڭ بىسىمى ھەممىدىن مۇھىم.

خىتاي غەرپتىن كەلگەن ئەيىبلەشلەرنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇمنىڭ بىر قىسمى دەپ رەددىيە بىرىدۇ. ئەگەر مالايسىياغا ئوخشاش ئاسىيا دۆلىتى شۇنداقلا يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىدىكى ھالقىلىق دۆلەت ئەيىبلىسە، خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق تەسىر قىلىپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى يۇمشىتىشى مۇمكىن.

بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە تۈرتكە بولىدىغىنى جوكوۋى، ماھاتىر ياكى ئەنۋەرگە ئوخشاش رەھبەرلەرنىڭ تۇيۇقسىز ھاياجانى ئەمەس. ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغىنى مالايسىيا ۋە ھىندونوزىيە خەلقىنىڭ نارازىلىقى. ھىندونوزىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى سايلامغا تەسىر كۆرسىتەلىسە، جوكوۋىنى تېخىمۇ يوغانراق قەدەم ئىلىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن. مالايسىيادا بولسا، شەھەر خەلقى ۋە تاراتقۇلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قانداق قىلىپ بىسىم چۈشۈرۈشى، ماھاتىر ۋە ئەنۋەرلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا رەھبەر بولۇش ئارزۇسىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە باغلىق.

شۇنداقلا، يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا قاماپ قويۇلغان مىلىيونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نام- نىشانسىزلىقى ھەرقانداق بىرھەرىكەتنىڭ تىز ئۈنۈم بىرىشىنى چەكلەپ قويىدۇ.

(*قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 مەنبە:

https://thediplomat.com/2019/01/are-indonesia-and-malaysia-ready-to-stand-up-for-chinas-muslims/

 

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئانا تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئىستانبولدا ئۆتكۈزۈلدى

جۈ فېۋرال 1 , 2019
2019 -يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىستانبولنىڭ سەفاكۆي رايونى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقپىسى مۇراسىم زالىدا تۇنجى قېتىملىق نەق مەيداندا ئانا تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like