تەرجىمە: ئادرىيان زىېنز بىلەن سۆھبەت

2018- يىلى فىۋرالدا خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمى شەكىلدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «قايتا تەربىيەلەش» مەركەزلىرى يوق دەپ بايانات بەرگەن چاغدا گىرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادريان زېنز ئۇلارنىڭ بۇ باياناتىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى قارار قىلغانىدى.

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ۋولقان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-14

2018- يىلى فىۋرالدا خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمى شەكىلدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «قايتا تەربىيەلەش» مەركەزلىرى يوق دەپ بايانات بەرگەن  چاغدا گىرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادريان زېنز ئۇلارنىڭ بۇ باياناتىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى قارار قىلغانىدى. ئۇ ئىنتىرنىت تورىدىكى  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرىگە ( قۇرۇلۇش توختاملىرى ،خىزمەتچى ياللاش ياردەملىرى، يەرلىك خامچوتلار قاتارلىقلار،. ) ئىچكىرىلەپ  كىرىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليون ئۇيغۇرنى قامىغان غايەت چوڭ كۆلەمدىكى «قايتا تەربىيەلەش» لاگىرلىرىنىڭ  مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ  چىقتى.  ئادريان زېنز بولسا بىر خىرىستىيان بولۇپ ئۇ ئۆز تەتقىقاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاۋازى چىقمايۋاتقان ۋە خىتايلارنى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ۋە تىلىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلارغا ياردەم بىرىشنىڭ بىر يولى دەپ دەپ قارايدۇ.  تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ مۇھىم قىسمى.

1.خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قامىغانلىقىغا ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ئىزدەۋاتقىنىڭىزدا  سىزنى نىمىلەر ھەيران قالدۇردى؟

نۇرغۇنلىغان  نەرسىلەر مىنى ھەيران قالدۇردى. مەن ئۇچۇرلارنى ھۆكۈمەت توربىكەتلىرىدىن شەخسى توربىكەتلەردىن، ۋە خىتاي مىدىيالىرىدىن تاپتىم. مەن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشتا ئۆتكەن يىللارغا يەنى 2014-2016 يىللار ئارىسىدىكى كىچىك كۆلەملدە قايتا تەربىيەلەش  ھەركىتى باشلانغاندىكى  كۈچلۈك ئىسپاتلارغا قاراپ چىقىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم. شۇنۇڭدىن كىيىن بارا بارا كىڭىيىشكە باشلىدى.  شۇڭا سىز بۇ سىستىما ۋە قوللىنىلغان ئۇقۇم ۋە ئىسىملارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىز قوغلىيالايسىز. مۇھىم ئاچقۇچلۇق يىرى بولسا  شۇ قايتا تەربىيەلەش لاگىرى ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ قوللانغان ئىسىم ۋە ئۇقۇملىرىنى جەملەش. ئۇيغۇرلار ، «بىز ئۈگۈنۈشكە بارىمىز» دەيدۇ ئەمما ھۆكۈمەت قوللانغان ئاچقۇچلۇق جۈملە بولسا » تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش».

2.سىز ئالدىنقى يىلى بۇ تەتقىقات ماقالىڭىزنى ئىلان قىلغاندىن كىيىن نىمىلەر ئۆزگەردى؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خىرىدار چاقرىش ئىلانىدا ۋە رەسمى ھۆكۈمەت دوكىلاتلىرىدا  مۇھىم ئاچقۇچلۇق جۈملىلەرنى ئىشلىتىشنى توختاتتى.  بولۇپمۇ قۇرۇلۇش تەكلىپى بىرىشكە ئالاقىدار دوكىلاتلارغا ۋاستىچىلىك رولىنى ئوينىغان  بىرقانچىلىغان توربىكەتلەر تاقالدى.  بەزى ۋاقىتلاردا مەن باشقىچە ئۇچۇرلارنى باشقا ئۇلىنىشلاردىن تاپالىغان بولدۇم بەزى ۋاقتلاردا تاپالمىدىم. خىتايلار ئۆزىنىڭ نىمىلەرنى قىستۇرغانلىقى ۋە نىمىلەرنى قويغانلىقىغا بەكلا زىيادە دىققەت قىلىدىغان بولىۋالدى.  ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پايدىلنىش قىممىتى بار بولغان ئۇچۇرلار ۋاقتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يەنىلا كۆپەيدى. شۇڭا ھازىر تىخىمۇ ئىنچىكە تاللاشقا توغرا كىلىدۇ. سىز بۇرۇنقى ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ئىشىلىتلگەن ھۆججەتلەرنى ئەسلا تاپالمايسىز، شۇ ئوخشاش ھۆججەتلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن  سىز تىخىمۇ ئىجادچان  يوللارنى تىپىپ چىقىشىڭىز كىرەك بولىدۇ.  ئۇيەردە ھازىر مۈشۈك ساچقان ئويۇنى  ھادىسىسى مەۋجۇت.

 3.سىزچە قانچىلىغان ئادەتتىكى خىتاي پۇخرالىرى شىنجاڭدا نىمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ؟

ئەگەر ئۇلار شىنجاڭ رايونىغا بارمىغانلا بولسا پەقەت ھۆكۈمەت ئوتتۇرغا قويغاننىلا بىلىدۇ. ھەتتا ئۇلار رايونغا بارغان بولسىمۇ ئەگەر ئۇلار ساياھەتچى سۈپىتىدە بارسىلا خاتا ئۇچۇرلارغا ئىرىشىشى مۇمكىن. ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەممە نەرسىلەر تىنچكەن، چىرايلىق ۋە زامانىۋىكەن  دەپ ئويلاپ قالىدۇ. پەقەتلا ئۇلار يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىۋاستە  كۆرۈشسىلا ئاندىن ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلەلەيدۇ.

4.ئۇلار ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قانداق بىلەلەيدۇ؟

تىخنىكىلىق جەھەتتىن ئىيقاندا ئۇلار خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنغان غەرپ مىدىيالىرىدىكى يازمىلاردىن بىلەلەيدۇ. ئەمما نۇرغۇنلىرى چەكلەنگەن ،پەقەت سىزدە تەقلىدى شەخسى تور بولغاندىلا كۆرەلەيسىز (بۇ ئۇسۇلمۇ ھازىر بارغانسىرى قىيىنلىشىپ كەتتى). ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان خىتاي پۇخرالىرى غەرپ مىدىيالىرىنى بەكلا چەكتىن ئاشۇرۋىتىدۇ  دەپ قارايدۇ شۇنداقلا غەرپ مىدىيالىرىغا بولغان ئشەنچ يۇقۇرى ئەمەس. 2008 – يىلى تىبەتتە نامايىش بولغاندا ھۆكۈمەت بۇ جەھەتتە خەلقنىڭ غەرپ مىدياسىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىشتە ئۇتۇق قازاندى. ھەرۋاقت غەرپ مىدىيا ئاخباراتچىلىقىدا  كىچىككىنە خاتالىق يۈزبەرگەن ۋاقتتا خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى دەرھال ئۇنى تۇتىۋالىدۇ. بۇخىل ھادىسلەر غەرپ مىدىياسىغا سەلبىى نەتىجە ئىلىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ توغۇرلۇق خەۋەر تارقىتىش ھەقىقەتەن قىينلاشتى.

5.سىز ختايلار تەرىپىدىن چىگرىدىن كىرىش قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدىڭىزمۇ؟

مەن قايتىپ بىرىشنى سىناپ باقمىدىم، بەلكىم ئۇلار مىنى كىرگۈزىشى مۇمكىن، ئەمما ئىككى كانادالىق [Michael Kovrig and Michael Spavor] تۇتۇلغاندىن كىيىن بىز ۋە نۇرغۇن ئاكادىمىكلار، مۇتەخخەسىسىلەر  خىتاينىڭ ئەجەللىك چەكلەردىن  ھالقىپ كەتكەنلىكىگە ئىشەندۇق.ئۆزۈمنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن شۇنداقلا مىنىڭ پەرزەنتلىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن بىرىشنى ئويلاشمىدىم.

6.خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق ئۆزگۈرىۋاتىدۇ؟

ئۆتمۈشتە بىزدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن،  ئىنتايىن قاتتىق قول بولسىمۇ ھەرھالدا سوغۇق قانلىق بىلەن ئىش قىلىدۇ  دەيدىغان ھىس تۇيغۇ بار ئىدى. ھەتتا ھازىرمۇ  گەرچە ئۇلار سوغۇق قان ۋە ئويلۇنۇپ ئىش قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەپسۇس ئۇلار چەكتىن ئىشىپ  كەتتى.   بىز ھەيران قىلىۋاتىمىز، چەك نەگە قەدەر؟ بەلكىم ئۇلار ئۆزىگە بەكلا ئىشىنىپ چەتئەللىكلەرگە (ئونبەش يىل بۇرۇن پەرەز قىلىش مۇمكىن ئەمەسئىدى) قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلالايمىز دەپ ئويلايدىغاندۇ. ھازىر ئۇلار ھەرقانداق ئىشنى قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇلارنىڭ بۇ ئىقتىدارى بىزنىڭ ئارقىغا چىكىنىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا.

7.سىزنىڭ خىرىستىيان ئىتىقادىڭىز خىزمىتىڭىزگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟

مىنىڭ ئىتىقادىم ھاياتتا نىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەندە باشقا مەدەنىيەتكە بولغان ئىچكى قىزغىنلىق بار، شۇنداقلا مەن تەتقىقاتقا نىسبەتەن كۈچلۈك قىزغىنلىق يىتىلدۈرگەن. ئەمما مەن ئۆز پايدىسىغىلا تەتقىقات قىلشقا ئىشەنمەيمەن.  مەن ھاياتىمنىڭ تىخىمۇ يۈكسەك مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى  ۋە باشقا ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مىنىڭ پەقەتلا زەردار  ۋە مەشھۇر بولۇپ ياشىغۇم يوق .مىنىڭ تەڭرىم بەرگەن سوۋغاتنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە ئاتاپ  باشقىلارغىمۇ مەنپەتىنى يەتكۈزۈپ ياشىغۇم بار.

8.سىز بۇنىڭغا ئوخشاش تەتقىقاتلاردىن ھوزۇر ھىس قىلامسىز؟

بۇرۇنلاردا مەن، تەتقىقات خىزمىتى قىزىقارلىق ھەمدە سىزگە نام شۆھرەت ئاتا قىلىدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئەمما ھازىر ھىس قىلپ يەتتىمكى تەتقىقات ئارقىلىق بىر دۆلەتنىڭ پۈتۈنلەي يالغان سۆزلەۋاتقانلىقنى  ئىچىپ تاشلىغىلى بولدىكەن.  ئۇ رەزىللىكنى ئىچىپ تاشلىيالايدىكەن. شۇڭا مەن تەتقىقاتنىڭ باشقىچە بىر تەرىپىنى بايقىۋالدىم. مەن تەڭرىمنىڭ قولۇمدىكى بۇ سوۋغاتنى باشقا ئىنسانلارغا ياخشىلىق يەتكۈزۈشكە قوللىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن. بۇلار ماڭا نۇرغۇن مەقسەتلەرنى بەخش ئەتتى.

9.سىزنىڭ روھى ئىتىقادىڭىز قانداق  يىتىلگەن؟

مەن كاتولىك بولۇپ ئۆسۈپ يىتىلدىم، قاچانىكى بالاغەتكە يەتكىنىمدە ھەر يەكشەنبىلىك ئىبادەتكە قىزغىنلىقىم قالمىدى. ھاياتقا تىخىمۇ كۆپ سۇئالىم بولدى. مىنىڭ ھاياتىم نىمە ئۈچۈن؟ مەن نەگە بارىمەن؟ شۇنىڭ بىلەن مەن چىركاۋدىن ئايرىلدىم،  گەرچە مەن ئومومەن تەڭىرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەممۇ . كىيىنچە مەن ۋاشىڭتوندا بىر كورىيەلىك پوپقا ئۇچراپ قالغىنىمدا، ئۇ ماڭا مەن ۋاپات تاپقاندىن كىيىن نەگە بارىدىغانلىقىم توغۇرلۇق پاراڭ قىلىپ بەرگىنىدە، تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۈچۈلك شەكىلدە ماڭا بىلىنگەندەك تۇيغۇغا كەلدىم. شۇ چاغدا كىچىكىمدىن باشلاپ ئۈگىتىلگەن خىرىستىيان دىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى  ھىس قىلىپ يەتكىنىمگە ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم.  مەن بۇنىڭ مىنىڭ بارلىق  سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىم. خىرىستىيانلىق مىنىڭ نىمە ئۈچۈن مەۋجۇت ئىكەنلىكىمنىڭ ۋە نىمە ئۈچۈن مىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىمنى قىلىۋاتقانلىقىمنىڭ ئاساسى ئىدى.

10.خىرىستىيانلار شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن نىمىلەر نى قىلالايدۇ؟

مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يەنى ھىچ بولمىغاندا خىرىستىيان چەمبىركدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىلىپ تۇرغىنى بەك مۇھىم. ھەربىر كىشىنىڭ ئىلان قىلىنىۋاتقان بارلىق خەۋەرلەرنى ھەمىشە ئوقۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما بەزى كىشىلەر جەزمەن بۇ خەۋەرلەنى تارقىتىش ئۈچۈن ھەرۋاقت بىلىپ تۇرۇشى كىرەك. مىنىڭ دىققىتىمنى تارتىدىغان بىر ئىش شۇكى شىمالى ئامېرىكىدا چىركاۋدىكىلەرنىڭ كۆپنچىسى بۇ ئىشلاردىن بەكلا خەۋەرسىز.  ئۇلار خەلقئارالىق خەۋەرلەرنى بەكلا ئاز ئوقۇيدۇ ئۇلار پەقەتلا ئۆز ئەتراپىنى قورشىغان ئىشلارنىلا بىلىدۇ.

11.سىز ئامىركا خىرىستىيانلىرنىڭ بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار بولغىنىدا نىمە ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىسىز؟

خىرىستىيانلار تىخمۇ  كۆپ ئويغۇتۇشلارنى قىلالايدۇ. ئۇلار شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر ئىشنى ياكى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئۆي چىركاۋى مەسىلىسنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ بۇلارنى چۆرىدەپ بىرە پائالىيەت قىلالايدۇ. ئۇلار يەرلىك سىياسەتچىلەرگە مەكتۇپ يازالايدۇ. ئۇلار ئاكادىمىكلەر ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن ئالاقە قۇرالايدۇ. مەن ھەربىر چىركاۋ ھەممە ئىشنى قىلسۇن دىمەيۋاتىمەن . ئەمما چىركاۋلار بەزى چاغلاردا ئادالەت توغرىسىدكى ئىشلارنى  سۆزلەشنى بەك ئاز ئويلىشىدۇ ۋە بۇ ساھەنى يەرلىك ئىنجىو لارغا ۋە كەسپى ئورگانلارغا قالدۇرۇپ قويىدۇ.

12.بىز بەزەن ھاللاردا پەقەت بىۋاستە بىزگە ياكى مەقسىتىمىزگە  تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارغىلا دىققەت قىلىمىزمۇ؟

شۇنداق ،كۆپىنچە چىركاۋلار ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى جەمىئەتنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما خىرىستىيانلار ئۈچۈن بۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس.  بىز باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ مەنپەتىگىلا قىزىقىشقا ئەمەس باشقىلارنىڭمۇ مەنپەتىگە قاراشقا چاقىرلىمىز،  فىلىپپىيانىس 2؛3-4 دىيىلگەندەك. ئەگەر سەن بىلدۈرۈلمىسەڭ ئۇنى قىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. بىز ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ شەخسىتىمىز دەخلىگە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ  سۆزلەشكە چاقىرىلىمىز.  مانا بۇلار مىنى سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەنبەسى: https://world.wng.org/2019/08/a_higher_purpose

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئۇيغۇر قىزى ئەلنىگار ئامرىكا خەۋىپسىزلىكى خىتاي بۆلۈمى دىرىكتورى بولدى

پە ئاۋغۇست 15 , 2019
تىرامپ ھۆكۈمىتى بىر ئۇيغۇر ئاكادىمىكنى ئامرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كىڭىشىدە خىتاي بۆلۈمى دىرىكتورى قىلىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان سىموۋۇللۇق بىر قەدەم ھىسابلىنىدۇ.

You May Like