تەپسلى خەۋەر: ختاي تالباننى رەسمى ئېتىراپ قىلىپ، باش ئەلچىسنى قوبۇل قىلدى، ئېتتپاقداشلىقى ئەندىشە قوزغىماقتا

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-يانۋار

ئافغانستانغا ھۆكۆمرانلىق قىلىۋاتقان تالبان ھۆكۈمىتىنىڭ ختايغا ئەۋەتكەن باش ئەلچىسى بىلال كەرىمى ( Bilal Karimi) ختاي ھۆكۈمرانى شى جىن پىڭغا دىپلوماتىك خەت تاپشۇرۇپ، رەسمى دىپلوماتىك ئېتىراپنامىغا ئېرىشكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى.ختاي ھۆكۈمىتى ھەتتا روسيە،ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان تالىباننى تۇنجى بولۇپ ئاشكارا ئېتىراپ قىلدى.ئۆزگىچە يېرى شۇكى، تالىبان باش ئەلچىسى-بېجىڭ ختاي خەلق سارىيدا بېجىڭغا دىپلوماتىك كېنىشكا تاپشۇرغان 38 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسى قاتارىدا باش ئەلچى خېتى تاپشۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللا مۇجاھىد ( Zabihullah Mujahid ) مۇنداق دىگەن: ختاي پۈتۈن دۇنيا تونۇپ چۈشەنمىگەننى چۈشىنىدۇ.ھازىر بىر قۇتۇپلۇق (ئامېرىكىنىڭ دۇنياسى)ئەمەس، بىز ئىران ۋە روسيەنىمۇ بىزنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ختاي دۇنيا بويلاپ، ئامېرىكىغا قارشى بارلىق كۈچلەرنى قوللاپ كەلگەن بولۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ختاينىڭ نىيتى بولغان ئامېرىكىنى پۈتۈنلەي ئاجىزلاشتۇرۇش، دۇنياغا لىدىر بولۇش، ئامېرىكىغا قارشى كۈچلەرنى قۇترىتىش ئارقىلىق دۇنيانى ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىق پاتقىغا پاتۇرۇپ ئۆزى ئارىدىن پايدا ئالماقچى بولغانلىقىغا دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ختاي روسيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، شمالى كورىيەنىڭ ئامېرىكىغا قارشى يادرو تەرەققىياتى ۋە سناق قىلىشى، خاماسنىڭ ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ئۇرۇشى، ئىراننىڭ خوسىلار قوشۇنى قاتارلىقلارنى قورال، ئ‍ستىخبارات ۋە دىپلوماتىك ياردەملەر بىلەن قوللاپ كەلگەنلىكى كەڭرى خەۋەر قىلىنىپ كەلمەكتە.

تالىباننىڭ ختايغا مۇھتاجلىقى

تالىبان ئافغانستاننى ئۆتكۈزىۋالغان ئ‍ۆتكەن 2 يىلدا نۇرغۇن مۇشەققەتلەرگە دۇچ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە پۇل-مۇئامىلە ۋە بانكا ئ‍شلىرىنى باشقۇرۇش، ئاشلىق، سەھيە مەسلىسى، ئاساسى مۇئەسسە قۇرۇلۇشى ئەڭ جىددى مەسلە. تالىبان ئاللىقاچان ئەڭ كۆپ ئ‍نسانى ياردەم تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىنى ئۈزگەن ياكى دۈشمەنلەشكەن.ئۆتكەن يىلىلا قشتا توڭلاپ ياكى ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ب د ت دوكلاتى ئارقىلىق دۇنيانى چۆچۈتتى.تالىباننىڭ ئاياللارنى مائارىپتىن چەكلەش سياسىتى تالىباننى پەقەت غەرپتە ئەمەس، ھەتتا ئ‍سلام دۇنياسدىمۇ يالغۇز قويدى.تالىبان ئۆزىنىڭ غايىسنىڭ قانچىلىك كاتتا بولۇشىغا قارىماي، دىپلوماتىيە جەھەتتە يالغۇزلۇق، ئېقتسادى جەھەتتە قىينچىلىق، تېخنىكا جەھەتتە قالاقلىق بىلەن ختايغا مۇھتاج بولدى.ئامېرىكىدىن قالغان قوراللاردا ئادەم ئ‍ۆلتۈرگىلى، شەھەرلەرنى ئ‍شغال قىلغىلى بولغان بىلەن، دۆلەت قۇرۇش، تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئادەم كۈچى لازىم.

ختاينىڭ تالىبان بىلەن ھەمكارلىقتىكى نشانى

ختاي ئۆزىنىڭ چىگرا بېخەتەرلىكى ۋە ئافغانستان تەسر كۆرستەلەيدىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئ‍سلامى قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ختايغا قارشى ھەر قانداق ھەرىكىتىنى چەكلەش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قوللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى قوللايدىغان بىر ھاكىمىيەتنى خەلقئارا سەھنىگە چىقىرىش ختاينىڭ سياسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.شۇنداقلا ختاي ئاساسى مۇئەسسەسى پۈتۈنلەي ئارقىدا قالغان ئافغانستانغا مىڭلاپ تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش شركەتلىرىنى ئاپىرىپ، يېڭىدىن قۇرۇپ، ئافغانستاننىڭ يېڭى ھالىتىگە ئەڭ كۈچلۈك تەسر كۆرستىدىغان دۆلەتكە ئايلىنالايدۇ، خالىغان چاغدا تالىباننى ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىگە جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئامېرىكىغا، ۋە ياكى باشقا خالىغان دۈشمەنگە قارشى ئ‍شلىتەلەيدۇ.

تالباننىڭ ئ‍سلامى غايىسى ۋە ختاينى قوللىشى

تالىبان ھۆكۈمرانلىق قاتلىمى ئ‍سلام دىنىنىڭ سۈنئى مەزھىپگە ئېتىقاد قىلىدۇ، گەرچە تالباننىڭ تۈرلۈك تەشۋىقات جاكارنامىسدە، دۇنيادا بىرلىككە كەلگەن ئ‍سلامى خەلىپىلىكى قۇرۇش، ئ‍سلام شەرىئىتى تۇرغۇزۇش سۆزلەنگەن بولسمۇ، ئەمما تالىبان ئ‍سلامنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۈشمىنى، مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلغان ختاي بىلەن ئەڭ يېقىن شرىكلىك ئ‍ورناتتى. تالىبان ھەر قانچە كۈچلۈك ئېتقادقا ئىگە بولغان بىلەن، ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇنىڭ بازىسى ۋە ئۇنىڭغا جان بىرىدىغان ئ‍ش- ئاۋال ئۆزى كۈچى يتىدىغان تىرىتورىيەنى ياخشى تۇتۇپ تۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل، تېخنىكا، ياردەم كىرەك. بۇنى ئۇيغۇرلارنى بەرمەيدۇ، ختاي بىرىدۇ، كاتتا غايىلەر پەقەت قەغەز يۈزىدە ياكى شۇئاردا سۆزلەنگەن بىلەن، تالىبانغىمۇ جان لازىم، پۇل لازىم، ھۆكۈمەت لازىم،ھۆكۈمەتتە تۇرۇش ئۈچۈن ھىچنىمىگە ئەسقاتمايدىغان ئۇيغۇرنى ساتسا ياكى باستۇرسا نىمە بوپتۇ؟ مانا بۇ تالىبان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھازىرقى مەنتقىىسى.

تالبان ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىققاندىن كىين، خەلقئارا تاراتقۇلار ئافغانستاندىكى شەرقى تۈركستان تەشكىلاتى ياكى قوراللىق گۇرۇپپلىرىنىڭ ختايغا قارشى ھىچقانداق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە خەۋەر قىلىپ باقمىدى.

ئۆتكەن ئىككى يىلدا، تالىبان ھۆكۈمىتى بىر نەچچە قېتىم « ئافغانستان تەۋەسدە ختاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرىمىز، ئافغانستاندا ختايغا قارشى قوراللىق كۈچلەر يوق» دەپ ۋەدە بەرگەن.بۇنىڭغا جاۋابەن ختاي ھۆكۈمىتى تالىبان ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا سەھنىلەردە قوللايدىغانلىقىنى، ئېقتسادى ۋە تېخنىكا جەھەتتە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2023-يىلى ختاينىڭ جاسوسلۇق تېخنىكا ۋە ئالاقە شركەتلىرى ئافغانستاننىڭ تىلفون ئالاقە تېخنىكا قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ تالىباننىڭ ختايغا ئالدىراپ ئ‍شەنگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ مۇھىم ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى ختايغا تولۇق ئاڭلاش،ئىگەللەش ئىمكانىيتى بەرگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي-قەشقەر بىلەن پاكستان ئ‍سلامئ‍اباد ئاۋىئاتسيە لىنيەسى 15 يىلدىن كىين قايتا  ئاچقان

چا يانۋار 31 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-يانۋار ختاي -ئاتالمىش شنجاڭنى يەر شارىلاشقان شەكىلدە دۇنياغا تەشۋىق قىلىش، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئۇسۇللارنى ئ‍شقا سالماقتا، ساياھەت ۋە سودا بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىىم تاكىتىكلاردىن بىرى ھسابلىنىدۇ. ختاي دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرىشچە،  قەشقەردىن پاكىستان ئىسلامئابادقا ئۇچىدىغان خەلقئارا يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇراسىمى قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ […]
ختاي-قەشقەر بىلەن پاكستان ئ‍سلامئ‍اباد ئاۋىئاتسيە لىنيەسى 15 يىلدىن كىين قايتا ئاچقان

You May Like