تېكساس شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت چاقىرىقى!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى تېكساس شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسى ئوتتۇرغا قويغان ئىككى قانۇن لاھىيسىنىڭ ئىمزا ئىشلىرى ئۈچۈن جىددى چاقىرىق قىلدى. تۆۋەندە بىز بۇ ئىككى قانۇن لاھىيەسى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلى بايان قىلىمىز.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى 

2019-5-21 

 

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى تېكساس شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسى ئوتتۇرغا قويغان ئىككى قانۇن لاھىيسىنىڭ ئىمزا ئىشلىرى ئۈچۈن جىددى چاقىرىق قىلدى. تۆۋەندە بىز بۇ ئىككى قانۇن لاھىيەسى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلى بايان قىلىمىز.

2018-يىلى نويابىردا ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن ئىككى قانۇن لاھىيسىنى تۇنۇشتۇرغان ئىدى . بىرى ئۇيغۇر قانۇن لاھىيەسى يەنە بىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى (S.178) ئامىرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفىر سىمىت قاتارلىق 25نەپەر نۇپۇزلۇق ۋەكىل تەرپىدىن تۇنۇشتۇرۇلغان . يەنە بىرى ئۇيغۇر قانۇن لاھىيەسى (H.S.1025)بولۇپ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەد يوخۇ، ئاۋام پالاتا ئەزاسى برەد شىرمان قاتارلىق 8نەپەر كىشنىڭ بىرلىكتە ئىمزا قويۇشى بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلغان .

مەزكۇر قانۇن لاھىيەسى بۇ يىل يانۋاردا تۈزتىلىپ قايتا تۇنۇشتۇرۇلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىمزا قويغان ۋەكىللەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيگەن ،ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پەلوسى خانىممۇ قېتىلدى. ئامىرىكىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لاھىيەسى 2009يىلى تۇنۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن ئىدى.

يېقىنغا قەدەر 53ئاۋام پالاتا ئەزاسى ،كېڭەشتە 28پارلامىت ئەزاسى ئىمزا قويغان . ئۇيغۇر قانۇن لاھىيەسىگە كېڭەش پالاتا ئەزاسىدىن 18كىشى ئىمزا قويغان. يەنە بىرى بۇ قانۇن لاھىيەسىگە دىمكىرات ۋە جۇمھۇرىيەت پارتىيسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيدىن بىراقلا ئىمزا قويغان بولۇپ ئۈمىد ئۈستىگە ئۈمىد قوشقان. بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ ماقۇللۇنۇپ ئىلان قىلىنىشىغا 7باسقۇچ كىتىدىغان بولۇپ ھازىر ئۈچۈنجى باسقۇچقا كىتىۋاتىدۇ.

ئۈمەر قانات ئەپەندىم پارلامىت ئەزاسى تەد كۇرۇز ئەپەندىمنىڭ ياردەمچىسى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.تەد كۇرز ئەپەندىم تېخى قارارىنى بەرمىگەن بولۇپ، مۇشۇ پەيىتتە تېكساس شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەركەتكە كېلىپ ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويسا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا ئۈمەر قانات ئەپەندىم تېكساس شىتاتىدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددى قاراپ قولدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى قىلىشقا چاقىردى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئاۋستىريەدە ئۇيغۇر مەسلىسى ئاڭلىتىلدى

سە ماي 21 , 2019
2019- يىلى 21- ماي، ئاۋستىريەدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلەردىن ئەسمۇتۇللاھ، مەۋلان ئەپەندىم ۋە مەھبۇبە خانىملار ئاۋستىريە پارلامىنت ئەزاسى مارتا بىسمان خانىمنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مارتا خانىمنىڭ خۇسۇسى ئىشخانىدا كۈتۈۋېلىنغان. ت

You May Like