تاھىر ئىمىن نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىگە: «بۇ ھەقىقەتەن بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق!»

19- يانۋار ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايىك پومپيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېين، دۇنيا تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
20- يانۋار، ۋاشىنگتون

 

        19- يانۋار ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايىك پومپيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېين، دۇنيا تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

 

        ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان بۇ ھەقتە نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قارارنى سياسىي مەقسەتتە چىقىرىلغان دەپ قارايدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسز؟» دېگەن سۇئالغا: «دەرۋەقە بۇ قارارنىڭ قانۇنىيلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار، ئەمما بارلىق پاكىتلار شۇنى ناھايتى ئوچۇق كۆرسىتىدۇكى، يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەقىقەتەن بىر قىرغىنچىلىقتۇر.» دەپ جاۋاب بەردى.

 

        تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرىشىچە، ئۇ زىيارەت جەريانىدا نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرغا يەنە، گەرچە ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈرگەن:

 

        ئۇيغۇرلار بايدىن ھۆكۈمىتدىن خىتايغا ئۇيغۇر مەسلىسدە قەتئىي ئۇسۇلدا تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، يۇمشاق بولۇش، قىرغىنچىلىق دەپ تەنقىد قىلىپ قويۇش يېتەرلىك ئەمەس، يېڭىچە ئۇسۇللارنى ئىجات قىلىش، كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك بېسم چۈشۈرۈش، ئىزچىللىق بىلەن، دادىللىق بىلەن ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاق سارايدىن ئايرىلدى، بايدىن قەسەم بېرىپ پرېزىدېنت بولدى.

چا يانۋار 20 , 2021
20- يانۋار ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكىنىڭ 46- نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرىۋالدى. ئەنئەنە بويىچە، سابىق پرېزىدېنتلاردىن كىلىنتون، كىچىك بۇش ۋە ئوباما كېلىپ بۇ مۇراسىمغا قاتناشتى. سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشمىدى.

You May Like