تاھىر ئىمىن: ھەر ئۇيغۇردىن بىر ھەرىكەت !

ئۇيغۇر مىللىتىدە چەكسز يوشۇرۇن ھاياتى كۈچ بولۇپ، ئۇلار ئىلىم-پەن، سودا، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققياتىدا، ھەتتا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇگۇنكى قۇتۇلۇش ۋە تىرىلىش ھەرىكىتىدە غايەت زور مۇھىم ئوينىيالايدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ يوشۇرۇن كۈچنى مۇھاجىرەتتىكى «ئ‍شەنچ ۋە مۇھەببەت كىرزىسى » بوغۇپ قويغان بولۇپ، ئۆز-ئارا گۇمان ۋە ئۆچمەنلىك تۆشەكتە كۆزىتىپ ياتقان كىشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا چېقىشتىن توساپ قويغان ئامىللارنىڭ بىرى.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

2019-09-10

تەۋسيە:

باشقىلارنى قويۇڭ،ئۆزىڭىزنىڭ مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىڭ!

ئۇيغۇر مىللىتىدە  چەكسز يوشۇرۇن ھاياتى كۈچ بولۇپ، ئۇلار ئىلىم-پەن، سودا، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققياتىدا، ھەتتا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇگۇنكى قۇتۇلۇش ۋە تىرىلىش ھەرىكىتىدە غايەت زور مۇھىم ئوينىيالايدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ يوشۇرۇن كۈچنى مۇھاجىرەتتىكى  «ئ‍شەنچ ۋە مۇھەببەت كىرزىسى » بوغۇپ قويغان بولۇپ، ئۆز-ئارا گۇمان ۋە ئۆچمەنلىك تۆشەكتە كۆزىتىپ ياتقان كىشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا چېقىشتىن توساپ قويغان ئامىللارنىڭ بىرى.

نۆۋەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەردە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار، ئىلىم ئىگىلىرى، ئ‍شلەۋاتقان، ئوقۇۋاتقانلار غايەت زور مىللى بايلىقىمىزدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەپسۇسكى بۇ بايلىق ئۇيغۇر مىللىتى ئەڭ ئىغىر كۇلپەتكە دۇچ كەلگەن بۇگۇنكى كۇندىمۇ مەخپى كاندەك يوشۇرۇن ساقلانماقتا.

مەن ئىككى يىل جەريانىدىكى تۇرلۇك سۆھبەتلەردىن كۆزىتىشىمچە، نۇرغۇن سۇكۇتتىكى ئۇقۇمۇشلۇق ياشلار  نۆۋەتتىكى ھەرىكەتلەرنى ئۇنۇمسز دەپ قارايدىكەن، تەشكىلاتلاردىن ئۇمۇتسزلىنىدىكەن، ھازىر ئوتتۇرىغا چىققانلارنىڭ چوقۇم بىر يېرى كۆزىگە سغمايدىكەن.

دەرۋەقە، بۇنىڭدىن ئاساسلىق مەسلە، پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇنېۋرسال ساپا مەسلىسى. مەلۇم بىر ساھەدە مۇتەخەسسلەشمەي، ھاياجان بىلەن داھى بولۇش قىزغىنلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر.

يەنە بىرى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى سېپىدىكى تۈرلۈك ئىچكى زىددىيەتلەر، مەينەت رىقابەتلەر كىشلەرنى يېقىنلىششتىن بەزدۇرگەن.

ھەرىكەت قىلىشقا قىززىقمايۋاتقان كۆزەتكۇچى دوسلارنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ  كاللىسغا كىلىدىغان بىرىنچى مەسلە: ئوتتۇرىغا چېقىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنىڭ «يارامسزلىقى، جىدەلخورلۇقى، سەمىمىيەتسزلىكى، مەنبەلەرنى مونوپۇل قىلىۋىلىشى، گۇرۇھۋازلىق قىلىشى، نادانلىقى».

لىكىن بۇ باھانە كىشنى قايىل قىلالمايدۇ، چۈنكى، قىرغىنچىلىققا دۇچ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتى  ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مىللىتى، ئۇنىڭ مەسلىسى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسلىسى، نادانلارنىڭ، ئۇرۇشقاقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق مەسئۇلىيتىمىز بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق، نادان ئۆزىگە يارىشا ئۇسۇلدا، سز ئۆزىڭىزگە يارىشا ئۇسۇلدا ھەرىكەت قىلىسز.

ھازىر چىچىلاڭغۇ، سستىمىسز دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلسز ھەرىكەتلىرى تەرەققى قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا، خەلقئارا سياسنىڭ مەركىزى تېمىلىرىغا قاتارىغا كىردى.

ئەگەر بارلىق ئىقتىدارلىق ياشلار ئۆزىگە لايىق ئۆزلىرى قىلالايدىغان، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان بىر ساھەنى تۇتقا ۋە مەركەز قىلىپ، «ھەر بىر ئۇيغۇر بىر ھەرىكەت» نى داۋاملاشتۇرسا، ھازىرقىدىن ئۇنۇمى نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغان، دۇنيانى ئۇيغۇر ئۇچۇن تىك تۇرغۇزغىلى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى ياخشىلىغىلى، ختتاينىڭ ئىنسانىيەتنىڭ دۇشمىنى سۇپىتىدە يىېتىم قالدۇرغىلى، جازالىغىلى بولىدۇ.

سزدە  پوزىتسيە توغرا ۋە تەييار بولغان ھامان، قانداق ئىش قىلىش، نىمە ئىش قىلىش مەسلىسى ھەل بولىدۇ، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئورتاقلاشقىنڭىزنىڭ ئۆزىلا بىر ئىلگىرىلەش. ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بىلىم، ئۇچۇر، مەسلىھەت، ئىدىيە تەمىنلەشمۇ بىر ئىلگىرلەش. خاتالىقىنى دادىللىق بىلەن كۆرستىپ بىرىشمۇ ئىلگىرىلەش. ياخشىغا مەدەت بىرىشمۇ ئىلگىرلەش. پىتنە-پاساتقا قوشۇلماسلىقمۇ بىر ئىلگىرىلەش، ئىلغارلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشمۇ بىر ئىلگىرىلەش.

ئۆزىمىز ھەرىكەت قىلغاندىلا، باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قانداقلىقىنى توغرا چۇشىنەلەيمىز، ئالدىمىزدا مىڭلىغان ھەرىكەت تاللىشمىزنى كۇتۇپ تۇرۇپتۇ، پەقەت قىلالايدىغان ئىقتىدارلىق، سۇپەتلىك ئىش قىلغۇچىلارلا كەم.

ھەر بىرىمىز قىلالايدىغان بىر ئىش بار،شۇ ئىشقا ۋاقتىمىزنى،زىھنىمىزنى بىرەيلى.

ھەر بىرىمىز بىردىن ھەرىكەتنى باشلايلى.

ھەر بىرىمىز ھەرىكەت قىلغاندىلا چوقۇم ئۆزگىرىش ياسيالايمىز!

ھەر  ئۇيغۇردىن بىر ھەرىكەت!

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامرىكىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى كىڭەش پالاتاسىدا ماقۇللاندى!

پە سېنتەبىر 12 , 2019
ۋاشىنگىتون، ئامرىكا پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو ۋە بوب مىنىندىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئىككى پارتىيەنىڭ س 178-نۇمۇرلۇق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

You May Like