تاھىر ھامۇت ئىزگىل كىتاب سۆھبىتى ئامېرىكىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە تەسرلىك ھالدا ئىلىپ بىرىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،12-ئۆكتەبىر

11-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ۋېرجىنىيە شتاتىدا ئۇيغۇر ئاممىسى توپلىشپ، ئۇيغۇر شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش»ناملىق كتاۋىنىڭ ئۇيغۇرچسىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسۋىتى بىلەن سۆھبەت مۇھاكىمە يېغىنى ئىلىپ باردى.

مەزكۇر پائالىيەتتە كىتاپنىڭ ئاساسى ۋەقەلىكى بولغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئاساسى تېمىسى ۋە كىتاپ ۋە ئاپتورنى چۆرىدىگەن ھالدا كەڭرى تېمىلاردا سۆھبەت ئىلىپ بىرىلدى.

مۇھاكىمە قىلىنغان بىر قسم تېمىلار:

ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىقىنى بىلدۈرۈشتە ھېكايە سۆزلەشنىڭ ئەھمىيتى، كتاپتىكى ھېكايىلەردىن 3 ۋەقەلىك، ئاپتور قوللانغان كىنايە ۋە كۈچلۈك ئىبارىلەردىن 5 مېسال ،دۇنيادىكى داڭلىق 5ئوبزورچىنىڭ قسقىچە باھاسى، بايان قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدىكى ئۆزگىچىلىك نۇقتىلىرى، ئاپتورنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى، ئادەتلىرى، قېيىنچىلىقنى يېڭىش ئۇسۇللىرى،

ئاپتورنىڭ خانىمى ھەققىدىكى كىتاپتا تىلغا ئىلىنغان بايانلار ۋە ئۇنىڭ رولى، تۆھپىسى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئوقۇرمەن مەسلىسى..قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مۇھاكىمە ئاخىرىدا كۆپچىلىك ئارقىمۇ ئارقا ئۆزگىچە سۇئاللارنى سورىدى. رابىيە قادىر، ئەلفىدار ئىلتەبىر، زۇيەيرە شەمسدىن قاتارلىق ئۈچ ئۇيغۇر خانىم مۇھىم سۆز قىلدى. ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورگان ۋەكىللىرىدىن ئۆمەر قانات ئەپەندى ئاياقلاشتۇرۇش سۆزى قىلدى ۋە ئەدەبىياتنىڭ ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر سياسى مەۋجۇتلۇقىدا تۇتقان رولىنى تارىخى ۋە رىئال مساللار بىلەن كۆرستىپ بەردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار خانىم تاھىر ھامۇتنىڭ ئايالى مەرھابا خانىمغا تەشەككۇر بىلدۇردى ۋە كۆڭلىنى ئىپادىلىدى. پائالىيەت ئاخىرىدا ئاپتور ئىمزالىق كىتاپ سېتىش پائالىيتى ئىلىپ باردى.

مەزكۇر پائالىيەتكە ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان رىياسەتچىلىك قىلدى. قاتناشقۇچىلار تاھىر ئىمىننىڭ جانلىق، ئۆزگىچە ۋە ئىلمى يوسۇندا تەشكىللىىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت بىلدۇردى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قسقا خەۋەر :خاماس رەھبىرى يەھيا سنۋار ئۆلتۈرۈلدى

جۈ ئۆكتەبىر 18 , 2024
17-ئۆكتەبىر تاراتقۇلارنىڭ ئىسرائىلىيە ئارميسدىن خەۋەر قىلىشچە، خاماسنىڭ گازادىكى باش لىدىرى يەھيا سىنۋارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ياھيا سىنۋار – 1962-يىلى غەززەنىڭ خان يۇنۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان، ھاماسنىڭ قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ ئاكتىپ رول ئوينىغان ۋە كىين سىياسى ۋە ھەربىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن. ئۇ 1980-يىللاردا يەھۇدىي ھەربىي قوشۇنلىرىغا قارشى بىرنەچچە ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىت ھېسابلايدىغان […]
يەھيا سنۋار

You May Like