ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
ياپونچە بۆلۈم تەرجىمىسى
2019-7-3
•خىتايدىن تۈركىيەگە، تۈركىيەدىن سۈرىيەگە كىرىش
ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى، (تۆۋەندە ئى د) » باشقا مەملىكەتلەردىن كەلگەن جىھاتچىلارمۇ قوشۇلغان. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىرقىدىن باشقا ئاسىيالىقلارمۇ ئاز ئەمەستۇر. سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر تۇتۇش ئورنىدا «سۈرىيە دېموكراتىك قىسىملىرى»غا ئەسىرگە جىھادچىلاردىن 900 كىشى قامالغان ئىدى. بۇلتۇر 10-ئايدا ئۇ يەرنى زىيارەت قىلدىم. مىلتىق بىلەن قوراللانغان كۆزەتچى كۆرۈشۈش ئۆيىگە خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇرنى (35 ياش) ئېلىپ كەلدى. ئۇ مېنى كۆرۈپلا خىتاينىڭ سوراقچىسى دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي، چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى. پاسپورت ۋە مۇخبىرلىق سالاھىيەتىمنى چۈشەندۈرگەندىلا يۈزىنى چىقارماسلىق شەرتى بىلەن زىيارەتنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئىنگىلىزچە بايان قىلدى. ئى د ئىچىدە قوللانغان »ئەبۇبەكر» ئىسمى بىلەن سۆزىنى باشلىدى.
◌◌◌ رەسىم: كۆرۈشۈش ئۆيىدە زىيارەتتە ئۇيغۇر جىھادچى ئەبۇبەكر. خىتايغا قايتۇرۇلسا ئېغىر جازاغا مەھكۇم بولۇش خەۋپى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن ئەنسىرەيتتى. 2018-يىلى، فوتوگراف: ساكاموتو سۇگۇرۇ. رەسىمنىڭ قىسمەن جايلىرى تۇتۇقلاشتۇرۇلدى.
ئۇنىڭ يۇرتى خىتاينىڭ غەربىدىكى 22 مىليون نوپۇسلۇق ئۇيغۇر ئېلى(شەرقىي تۈركىستان) ئىدى. بۇنىڭ تەخمىنەن يېرىمى ئىسلام ئېتىقادلىق ئۇيغۇرلار ئىدى. مۇستەقىللىق ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە سەزگۈر خىتاي ھۆكۈمىتى دىننى باستۇرۇپ ئېزىپ كەلگەنىدى. -ئىنمنىڭ تۇرالغۇسى سەۋەبسىزلا نەچچە قېتىم ئاختۇرۇلدى. بۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزۈمنىڭمۇ ساق قالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى.
2014-يىلى ئائىلەمنى باشلاپ ۋېيتنام ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلدىم. ئەمما تۇرمۇش جاپالىق ئىدى. قاچا يۇيۇش، تازىلىقچى بولساقمۇ كۈنىگە 2000 يىن تېپىش تەس ئىدى. بۇ ۋاقىتتا بىر يۇرتلۇق كىشىدىن ئۇچۇر كەلدى. » ئايدا مىڭ دوللارلىق خىزمەت بار، ياتاق تاماق ھەقسىز.» بۇ خىزمەتنىڭ ئورنى ئى د ئىشغالىيەتىدىكى سۈرىيە زىمىنىدا ئىدى. سۈرىيە چېگرىسىغا يېقىن شەھەردە 30 ئادەم توپلىنىپ باشلامچىنىڭ ياردىمىدە چېگرادىن ئۆتتۇق. ھەربىي گازارمىدا نەچچە ئايغا يېقىن مەشىقلىنىپ، سۈرىيە ئىراق چېگرىسىغا يېقىن شەھەر قائىمدىن (Al-Qa’im) ئۆي بېرىلدى. لېكىن ئائىلە تولۇقلىمىسى قوشۇلۇپ ئاران 20 مىڭ يىن (200 دوللار) بېرىلدى. ئايالىم «نېمىشقا بۇ يەرگە كەلدۇق؟» دەپ ئۇھسىندى.
ئۇ نارازىلىقىنى بايان قىلسا مەلۇم قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھېچنېمە دېيىشەلمەيدۇ. سۈرىيە يەرلىكلەرمۇ جىھادچىلار بىلەن ئارىلىق ساقلىغاچقا، ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت يالغۇزلۇقتا ئۆتكەن. ھاۋا بومباردىمانىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مەخپىي تۈركىيەگە قېچىشنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان كىشىلەرنى ئىزدىدىم. ئەمما بۇ ئى د نىڭ ئامانلىق قىسىملىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ 2 ئاي قامالدىم. » تۈركىيە ياكى خىتاينىڭ ئىشپىيونى بولۇشى مۇمكىن» دەپ تاياق يەپ سوراققا تارتىلدىم. قويۇپ بېرىلىپ بىر قېتىملىق پارتلىتىشتا قولۇم يارىلاندى. كېيىن موتوسىكلىت رېمونت قىلىپ تۇرمۇشۇمنى قامدىدىم. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇرۇش ئوتى مەن تۇرغان شەھەرگىچە يامراپ ئائىلەم بىلەن «سۈرىيە دېموكراتىك قىسىملىرى»غا تەسلىم بولدۇم. ھازىر ئايالىم ۋە بالىلىرىم باشقا يەردە قاماقتا.
زىيارەت ئاخىرلاشقاندا ئۇ مېنىڭ خاتىرە ئالغان دەپتىرىمنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى. خەتلەرنى كۆرۈپ: «راستلا ياپونچە ئىكەن» دېدى. يۈزىدە بىر خىل خاتىرجەملىك چىقىپ تۇراتتى. يەنە نىر قېتىم «يۈزۈمنى چىقارمىغىن، بولمىسا يۇرتتا قالغان ئاتا ئانامنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. » دەپ ئۆتۈندى.
سۈرىيەدە جىھاد قىلىپ خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇ ۋە ئائىلىسىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر جازاغا مەھكۇم بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇ ھەممىنى ئېنىق دېمىگەندۇ. ئى د گە قاتناشقان چەت ئەللەكلەر ئارىسىدا ئى د نىڭ ئىدىيەسىگە ئەگەشكەنلەرمۇ، تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرمۇ بار. ئېچىنىشلىقى شۇكى، خىتايدا زۇلۇمدىن قېچىپ بۇ يەرگە كەلگىنىدە، يەرلىك باشقا مەزھەبتىكىلەرنى ئېزىش تەرەپدارى بولۇشى، ئى د تەرىپىدىن ئىشپىيون دەپ گۇمان قىلىنىشىدۇر.
«سۈرىيەدىمۇ خىيايدىمۇ ئوخشاشلا قورقۇ مەن بىلەن بىللە ئىدى. قەلبىم ئۆلگەن ئىدى.» ئەبۇبەكر سۆزلىرىنى تەستە داۋام قىلدى. «قاماقتىن چىقىپ كەتسەم بىخەتەر بىر يەردە ئائىلەم بىلەن بىرگە يوشۇرۇن ياشاش بىردىنبىر ئۈمۈدۈم.»
مەنبە:
https://news.yahoo.co.jp/byline/tamamotoeiko/20190701-00132484