سودا بىرلىكى ھەمكارلىقنىڭ مىۋىسىنى كۆردى

11- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئىستانبۇل سېلىم پاشادا ئۆتكۈزۈلگەن يۇرتلار بىرلىكىنىڭ يېغىندا، بىرلىك قارمىقىدىكى سودا گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئەزالارغا پايدا ئايرىش، كەلگۈسى سودا تىجارەت ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئالاقىدار مۇھاكىمە، مۇلاھىزە يىغىنى ئېچىلدى، شۇنداقلا سودا بىرلىكىدىكى ھەر قايسى ئەزالارغا تۇنجى قېتىملىق پايدا ئۈچۈن 50 مىڭ لىيرا، كىشى بېشىغا 900 لىيرا دىن پۇل تارقىتىپ بىرىلدى.

ئامىنە ۋايىت سەدەف

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 2- نويابىر

 

11- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئىستانبۇل سېلىم پاشادا ئۆتكۈزۈلگەن يۇرتلار بىرلىكىنىڭ يېغىندا، بىرلىك قارمىقىدىكى سودا گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئەزالارغا پايدا ئايرىش، كەلگۈسى سودا تىجارەت ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئالاقىدار مۇھاكىمە، مۇلاھىزە يىغىنى ئېچىلدى، شۇنداقلا سودا بىرلىكىدىكى ھەر قايسى ئەزالارغا تۇنجى قېتىملىق پايدا ئۈچۈن 50 مىڭ لىيرا، كىشى بېشىغا 900 لىيرا دىن پۇل تارقىتىپ بىرىلدى.

 

ھەرقايسى يۇرت چوڭلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە خەلقىمىزنى بىرلەشتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق مىللىتىمىزنى سىياسى، ئىقتىسادىي، مائارپ ۋە تەشۋىقات قاتارلىق خىزمەتلەردە كۈچلەندۈرۈپ، تەرەققي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايە بىلەن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى، ئۇزاق ئۆتمەيلا سودا بىرلىكىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. بۇ يىل 5- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇرۇلغان سودا بىرلىكى، بىرلىكتىكى 55 نەپەر ئەزانىڭ بىرلىكتە چىقارغان 550 مىڭ لىيرا مەبلىغى بىلەن تۇنجى قەدەمدە رېزىنكە زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىپ، 6- ئاينىڭ 17- كۈنى رەسمىي ئىش باشلىدى ۋە ئېشىنچا مەبلەغ بىلەن دوكتۇر بورھان ئۇلۇغيولنىڭ يىتەكلىشىدە ئىسلامىي پايچەككە مەبلەغ سېلىپ، قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ۋە پايدا ياراتتى. بۇ يىلقىدەك خىتاي ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان، ئىقتىساد ۋە سىياسەت مۇقىمسىز بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئېلىنغان بۇ ئازغىنە پايدىنى بۇ بىرلىكنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز.

 

ئىقتىساد دۇنيانىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىندىغان بۈگۈنكى كۈندە، شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئارىغا كېلىپ، قولنى قولغا تۇتۇپ، ھەمكارلىشىشى ۋە بۇنىڭدىن ئېلىنغان پايدا، خەلقىمىزگە بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

 


بىز ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى نامىدىن خەلقىمىزنىڭ بۇ سودا گۇرۇپپىسىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمىز.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

قەشقەردە خىتاي ۋىرۇسدىن يۇقۇملانغۇچىلار تېز كۆپەيمەكتە

چا نويابىر 4 , 2020
24- ئۆكتەبىر قەشقەرۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىنىڭ 2- كەنىتىدە 17 ياشلىق بىر قىزدا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالغاندىن كېيىن، 2-نويابىردىن 3- نويابىرغىچە بولغان 20 سائەت ئېچىدە قەشقەردە يېڭىدىن 116 ئادەم خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل ئىچىدە 3 قېتىم قامال قىلىنغان بولۇپ، پۇقرالارغا قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى يولغا قويۇلغان.

You May Like