ئسلام دۆلەتلىرى ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك دۇنياسى،سىلەر نەدە؟

ئسلام دۆلەتلىرى ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك دۇنياسى،سىلەر نەدە؟

ئسلام دۆلەتلىرى ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك دۇنياسى،سىلەر نەدە؟ ئافراسياپ سىلەر يەنىلا جۇڭگونىڭ ئېقتسادى كۈچلۈك بولغانلىقى،سىلەرگە مەنپەئەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن خىتايغا ئشىنەمسلەر؟ تۆۋەندىكىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامىنتى، ياۋروپا پارلامىنتى دۇنياغا داڭلىق تاراتقۇلار،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى،دۇنيا كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئىككى يىللىق ئەھۋالنىڭ يېغىندىسى ،قېنى كۆزۈڭلارنى يۇمۇۋالماڭلار. كوممۇنست ۋە مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى دىنسزلىققا، كوممۇنىست بولۇشىقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ.سلەر نەدە؟ شىيىي تائاملارنى ھارام كىينىش،خىتتايچە ش،ختتايچەىسۆزلىش تايچەىخ بالىلىرى ئۇيغۇر بىلىشكە غايىسى بايرىقىنى قويۇش،كوممۇنست باش ھەيكىلىگە كۇڭزى،مەجبۇرلىنىپ،100%خىتاي قىلىپ تەربىيلنىۋاتىدۇ،سلەر نەدە؟ مۇقەددەس دىنىي دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىم ئەسەبى كىتاب دەپ قارىلىپ توننا-توننىلاپ كۆيدۈرلىۋاتىدۇ، سىلەر نەدە؟ 2 مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمان رادىكاللاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن ناتسىست لاگىرى تۈسىنى ئالغان قاماقخانىلارغا سولانماقتا ،ئىمانىدىن يېنىشقا مەجبۇرلىنىپ،چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلانماقتا ،سىلەر نەدە ؟ ئۇيغۇر تىلى ھۆكۈمەت تىلىدىن،مائارىپتىن قالدۇرۇلدى،بارلىق ئۇيغۇرچە كىتاپلار كۆيدۈرۈلدى،سىلەر نەدە؟ شەرقىي تۈركستاندىكى 24 مىڭ مەسجىدتىن 20 مىڭدىن ئارتۇق مەسجىد يىقىتىلدى،ئۆزگەرتىلدى،ختتاي زاۋۇتلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى،سىلەر نەدە؟ 60مىڭدىن ئارتۇق دىنىي ئۆلىما ۋە دىنىي خادىملار رادىكال ھسابلىنىپ ،تۈرمىلەرگە تاشلاندى ،سىلەر نەدە ؟ بۈيۈك ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلدى،ئابدۇشۇكۇر ھاجى قاتارلىق داڭلىق ئۆلىمالار 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.سىلەر نەدە؟ ساقال قويغانلار،ياغلىق ئارتقانلار،ھىجابلانغانلار بىردەك ئىغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنماقتا،سىلەر ھەقىقەتچى بولساڭلار ،قېنى سىلەر نەدە ؟ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ،قورساقتىكى 9ئايلىق بولغان بالىلارنى مەجبۇرى ئۆلتۈرمەكتە، سىلەر نەدە ؟ تەربىيىلەش لاگىرىغا قامالغان كىشلەر» مەن مۇسۇلمان ئەمەس،مەن خەنزۇ ،مەن جۇڭگولۇق،مەن كوممۇنىست «دەپ قەسەم قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ،چوشقا گۆشى يىيشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ،ئسلامنىڭ ھىمايىچىسى بولساڭلار سىلەر نەدە؟ ھۆكۈمەت مەمۇرى بولمىغان 18ياشتىن يۇقىرى 80ياشقىچە بولغان بارلىق ئەركەكلەر لاگىرلارغا،تۈرمىلەرگە قامىلىپ،ئىچكىرىدىن خىتايلار يۆتكەپ كېلىنىپ، ئەركەك زاتى بولمىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇشقا،توي قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا.سىلەر نەدە؟ يىزىلاردىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى مەجبۇرى ھالدا دىنسز ،ئىمانسز خىتاي كاپىرلىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ ،سىلەر نەدە؟ ئاتا-ئانىسى قاماققا سولىنىپ،يېتىم قالغان 200مىڭدىن ئارتۇق ئىگە-چاقىسز ئۆسمۈر ۋە كىچىك بالىلار، بالىلار لاگىرلىرىغا سولاندى،ئىنسان بالىسى بولساڭلار، سىلەر نەدە؟ ختتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە يېرىگە كامىرا ئورنىتىپ،يۈز تونۇش ئاپىراتى بىلەن ھەر قانداق ھەرىكەتنى كونتىرۇل قىلدى،پۇتۇن ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا سىنى يىغدى ،ھەم بۇنى ئۆزىنىڭ باشلىقلىرى،بايلىرىنىڭ ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇشى ئۇچۇن ئشلىتىۋاتىدۇ،سلەر مۇسۇلمان بولساڭلار،قېنى سىلەر نەدە ؟ ئون مىڭلىغان يوقاپ كەتكەن ياشلارنىڭ جەسەتلىرى تېپىلماقتا،ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى خىتاي بايلىرىنىڭ ئىچكى ئەزا يۆتكەش ئوپىراتىسيىسى ئۈچۈن ئشلىتىلمەكتە.سىلەر نەدە؟ كەنت-كەنىتلەر ئارىسى توسۇلۇپ،مۇسۇلمانلار ھىچقانداق يەرلەرگە بېرىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا،سىلەر نەدە؟ بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرى يېغىۋېلىنىپ،تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان تېېلفۇن،ئىنتىرنىت ئالاقىسى ئۈزۈۋىتىلدى،سىلەر نەدە؟ تۈركىيە،سەئۇدى،مىسر،پاكستان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغانلار ،بۇ يەرلەردە تۇققانلىرى بار كىشلەر 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنماقتا ،سىلەر نەدە؟ خىتاي ھۆكۈمىتى مىسر ھۆكۈمىتىگە بېسم چۈشۈرۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتتى،سىلەر نەدە؟ خىتاي ھۆكۈمىتى پاكستان،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،سەئۇدى ئەرەبستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ،ئۇلارغا بېسم چۈشۈرمەكتە،ئسلام دۇنياسى سىلەر نەدە؟ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىنىپ،جاسۇس بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ،سىلەر نەدە ؟ بارلىق ئۇيغۇر مەمۇرى باشلىقلار،زىياليلىرى،يازغۇچىلىرى،سەنئەتكارلىرى ،بايلىرى ئىككى يۈزلىمىچى دىگەن باھانە بىلەن قاماقلارغا سولاندى،سىلەر نەدە ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسى ئىگىلىكى ۋەيران بولۇپ،دىۋانە ،نامرات بولۇشقا مەجبۇرلاندى،يەرلىرى،ئۆيلىرى ،بازارلىرى ختتايلارغا ئايرىپ بېرىلدى،سىلەر نەدە ؟ خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايتى چوڭ ۋە باي زېمىنىنى بېسۋالغان،ئۇيغۇرلار بۇ زېمىننى قايتۇرۋىلىش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرستىپ كەلگەن،نۆۋەتتە ،خىتايلار بۇ زىمىننىڭ ئىگىسى دەپ قارشلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەخپى قىرغىنچىلىق قىلىش ،ئاشكارا ئاسمىلاتسيە قىلىش سىياستىنى يۈرگۈزۋاتىدۇ.… ئسلام دۇنياسى! خىتايدا بىرلا پارتىيە بار،خىتايدا بىرلا مىللەت ھۆكۈمران ،خەنزۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسى بىر مىلىيارد 300 مىلىيوندىن ئاشىدۇ،ھەممىگە شۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ،ئۇلار مىللەتچى شۇنداقلا ئاتېئىست،ئۇلاردا ھىچقانداق دىنى ئېتقاد يوق،ئۇلار مۇسۇلمانلارنى قالاق دەپ مەسخىرە قىلىدۇ،مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ غەرپ دۇنياسى بىلەن بولغان ياخشى بولمىغان مۇناسۋىتىدىن پايدىلىنىپ ،ئۇلار بىلەن ئېتتپاقلىشپ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يېتىم قالدۇرىدۇ.، چەتئەل ئاخباراتى مۇستەقىل تەكشۇرۇش ئېلىپ بارالمايدۇ،ئۇيغۇرلار قارشلىق كۆرسەتسە تىرورچى دەپ ،پۈتۈن جەمەتى ۋە مەھەللە بويىچە قىرغىن قىلىنىۋاتىدۇ،قېنى سىلەر ؟ختتايلار يالغانچى،كۆز بوياشقا ئۇستا،تارىختا چەتئەل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى نەچچە رەت ئالدىغان،چۈنكى ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ قولىدا،بايلىق ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاستىدا. پۈتۈن دۇنيادىكى خالىغان ئۇيغۇردىن بۇ ئەھۋاللارنى سوراپ باقساڭلار بولىدۇ،مۇشۇ ماقالىنى يازغۇچىنىڭ 23 تۇققىنى ئىز-دېرەكسز يوقالغان،چۈنكى ختتاي ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئۆزىگە تەھدىت ھېسابلايدۇ. ئەي ئاللاھنىڭ ئەزىز بەندىلىرى بولغان مۇسۇلمانلار،ئويغنىڭلار،ئسلامنىڭ ھەقىقى دۇشمىنى كوممۇنىزىمدۇر،چۈنكى ئۇ شىرىكتۇر،شەخسىنى -ماركىسنى خۇدا دەيدىغان ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەتتۇر، ئۇلار دۇنياغا ختتايچە دىكتاتۇر،ختتايچە چىرىكلىك،ختتايچە شەكىلۋازلىق،ختتايچە يالغانچىلىق،ختتايچە تەرەققياتنى ئومۇملاشتۇرماقتا،ئەمما ئاخىرىدا سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى مەبلەغ،ئېقتساد ئارقىلىق مۇستەملىكە قىلماقچى! ئەگەر ئسلام ۋە تۈرك دۇنياسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ فاشست سياسىتىگە قارىتا داۋاملىق سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيىسىدەبولسا،بىر مەدەنىيەتلىك ۋە دۇنياغا تۆھپە قوشقان بىر مىللەت يەر شارىدىن يوقۇلىدۇ. ! نەپس-ھەممە يامانلىققا باشلايدۇ! ئسلام دۇنياسى نەپسنىڭ كەينىگە كىرمەي ھەق يولىدا مۇستەھكەم تۇرغاي! ئاللاھ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى زۇلمەتتىن قۇتقازغىن ! ئسلام دۇنياسنى ئويغاتقىن،تۈرك دۇنياسىغا كۈچ ۋە قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن!

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

لانتوس فوندى جەمئىيتى:بىز ھەگىز توختىمايمىز!

چا ئاپرېل 25 , 2018
لانتوس فوندى جەمئىيتى:بىز ھەگىز توختىمايمىز!

You May Like