سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىكى خاراكتېرىڭىز نېمە؟

كلاسسىك گۇمانىزملىق پىسخولوگىيە ئېقىمىدا، كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ پەزىلىتىنى يېڭى بىر قاتلامغا يۈكسەلدۈرگەن،

كلاسسىك گۇمانىزملىق پىسخولوگىيە ئېقىمىدا، كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ پەزىلىتىنى يېڭى بىر قاتلامغا  يۈكسەلدۈرگەن، ئۇلار كىشىلەرنىڭ زۇلمەتلىك تەرىپىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولغان، گەرچە بۇ يەنىلا ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇلار كىشىلەرنىڭ شەكلى، رەڭ تۈزۈلۈشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ بىر قىسىم يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېچىپ بېرىدىكەن، ھەمدە كىشىلەرگە قانداق تەڭشىلىشنى تەكىتلەيدىكەن. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بۇ رەسىم ئارقىلىق يوشۇرۇن خاراكتېرىڭىزنى بىلىۋېلىڭ. تۆۋەندىكى ئىشىكلەردىن بىرنى تاللاڭ: جاۋابلار: A. ئۆزلۈككە ئەھمىيەت بېرىدىغان، تۇرمۇشى ساپ، ئاندا-ساندا ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ قالىدىغانلاردىن. سىزنىڭ تالىشىڭىزدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىزنىڭ قەلبىڭىز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن تولغان، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا ئازراق مەنمەنلىكمۇ قىلىپ قويىسىز، لېكىن شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، سىز تۇرمۇشتا تولىمۇ ساپ، ئاددىي تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلاردىن، پۇت تېپىشىشنى ياخشى كۆرمەيسىز، مەئىشەتنىمۇ ياخشى كۆرمەيسىز، كاللا ئويناتمايسىز. سىز ھەمىشە ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلىسىز، بۇ سىزنى سەل ئۆزمەپتۇن كۆرسىتىپ قويىدۇ، سىز ئىجتىمائىي ئالاقىگە ھېرىسمەن، يېڭى دوست تېپىشنى ئارزۇ قىلىسىز، سىز قەلبىڭىزدە ناھايىتى كۈچلۈك ھالدا باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزگە چوقۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىسىز. پەقەت دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، باشقىلارنىمۇ كۆپرەك ئويلاپ قويۇڭ، شۇندىلا سىز تېخىمۇ خۇشال بولالايسىز. B. مىجەزى سالماق، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل، سەل قايغۇلۇق كۆرۈنىدىغانلاردىن. سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل، شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنى سىرتقى دۇنيا بىلەن ئايرىۋېتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ساقلانماقچى بولىسىز. سىز كىشىگە بىر خىل تەمكىن ۋە پىشقان تۇيغۇ بېرىسىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئازراق سىرلىقلىقمۇ بار. سىز دائىم قايغۇلۇق كۆرۈنىسىز، گەرچە كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ، ئىدىيىرىڭىزدىن ئۆتكۈزىۋەتمىگىڭىز بەك تەس. مۇھەببەت جەھەتتە، باشقىلارنىڭ قەلب ئىشىكىڭىزنى چېكەلىشى بەك تەس، گەرچە سىز قارىماققا چىداملىق كۆرۈنسىڭىزمۇ، ئەمەلىيەتتە سىزدىمۇ مۇلايىملىق بار، شۇڭا، تاشقى قىياپىتىڭىزنى كۈچەيتكەندىن كۆرە، ئىچكى دۇنيارىڭىزنى كۈچەيتكىنىڭىز ئەۋزەل. C. كەيپىيات كەچۈرمىشى چوڭقۇر ھەم ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان، ھېسسىي تەپەككۇرى بىرقەدەر ئېغىر بولغانلاردىن. سىزنىڭ تاللىشىڭىز ئارقىلىق شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىز ھېسسىيات كەچۈرمىشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلاردىن، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى مۇھەببەت كەچۈرمىشى دائىم شۇنداق چوڭقۇر ھەم ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ، ئىش قىلىش ئۇسلۇبىڭىزدىمۇ ھېسسىياتقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىسىز، ئاسان ھاياجانلىنىسىز، ئاسانلا ئاممىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن يۇقۇملىنىسىز، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىسىز. سىزدە ھەمنەپەس تۇيغۇسى مول، ئاق كۆڭۈل، تۇرمۇشقا قىزغىن، قەلبىڭىزدە مۇھەببەتكىمۇ گۈزەل ئىستەكلەر بىلەن تولغان. سىز ھەمىشە تۇرمۇشتىكى گۈزەللىكنى بايقىيالايسىز، تاغ-دەريا، گۈل-گىياھلارمۇ سىز بىلەن ئۆزگىچە بولۇپ كېتىدۇ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىدىيەرىڭىز زىيادە غايىۋى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. D. نەتىجىنى ھېس قىلىش تۇيغۇسىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئېرىشكەندىكى رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى ئارزۇ قىلىدىغانلاردىن. سىزنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك مۇۋەپپەقىيەت ئىستىكىڭىز بار، غايىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىسىز. سىزنىڭ ئىش قىلىش ئۇسلۇبىڭىز نەتىجىنى يېتەكچى قىلغان، شۇڭا سىز ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆزىڭىز يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە يەتمەكچى بولىسىز، لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، بەزىدە بەكلا ھېرىپ كېتىسىز. سىزنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسىڭىز ئەقلىي تەپەككۇردۇر، شەيئىلەرنى ھامان ئوبيېكتىپ ھەم ئالاھىدە تەھلىل قىلالايسىز. سىز پىرىنسىپچان ئادەم، سىزنىڭ ھەرقانداق سەۋر چېكىڭىزگە تېگىپ كېتىدىغان ئىشلارغا ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالمايسىز. بىراق، بەزىدە توختاپ يول بويىدىكى مەنزىرىلەرگە، يەنە ھېلىقى سىزنى ساقلاۋاتقان ئادەمگە قاراپ بېقىڭ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

شۇ كۈنلۈك دەرسلەرنى ۋاقتىدا تەكرار قىلدۇرۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

پە ئاپرېل 26 , 2018
ئەستە قالدۇرۇش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلىشىدۇ. بۇ نۇقتىنى ھەرقانداق ئادەم ئۆز تەجرىبىسىدىن بىلەلەيدۇ. ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ئېسىمىزدە پۇختا ساقلاش ئۈچۈن، دەل ۋاقتىدا تەكرار قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، ئۆگىنىشنىڭ بىرقانچە ھالقىلىرى ئىچىدە «تەكرار قىلىش» ئىنتايىن مۇھىم. تەكرار قىلىش ئارقىلىق چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، خاتىرىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

You May Like