سىنگاپور مېدياسى: سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە قاتارلىق 37 دۆلەت بىرلىكتە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى قوللاپ مەكتۇپ يازدى

ياپونىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) سىياسىتىنى ئەيىپلىگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە قاتارلىق 37 دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللاپ مەكتۇپ يازغان.

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 13- ئىيۇل

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-13

 

ياپونىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) سىياسىتىنى ئەيىپلىگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە قاتارلىق 37 دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللاپ مەكتۇپ يازغان.

 

رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە دوۋېي خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە: ئالجىرىيە، ئانگولا، بېلارۇسىيە، بۇركىنا فاسو، بۇرۇندى، كومورو، كونگو، كۇبا، چاۋشيەن، كونگو ( كىنگ )، ئېرىترىيە، گابون، لائوس، بىرما، فىلىپپىن، روسىيە، سومالى، جەنۇبىي سۇدان، سۈرىيە، تاجىكىستان، ۋېنېسۇئېلا، زىمبابۋې، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، مىسىر، توگو ، كامبودژا، ئومان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، سۇدان، تۈركمەنىستان، كۇۋەيت، كامېرون ۋە بولىۋىيە.

 

بۇ دۆلەتلەر بىرلىكتە ب د ت غا مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار مەكتۇپتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئېرىشكەن ئاجايىپ نەتىجىلىرىنى مەدھىيىلىگەن، ھەمدە خىتاينىڭ تېررورىزم ۋە رادىكالىقنىڭ سىنىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە، شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان-ت) بىر قاتار تېررورىزم ۋە رادىكاللىققا قارشى تەدبىر قوللانغانلىقىنى يازغان.

 

مەكتۇپتا شىنجاڭنىڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) قايتا بىخەتەر بولغانلىقى، ھەممە مىللەتنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

 

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تورىنىڭ ئۇچۇرىغا كۆرە، 22 دۆلەتنىڭ ئەلچىسى بۇ ھەپتە بىرلىكتە مەكتۇپ يېزىپ خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە: ئاۋسترالىيە، ئاۋستىرىيە، بېلگىيە، كانادا، دانىيە، ئستونىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئېرلاندىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، ليۇكسىمبۇرگ، گوللاندىيە، يېڭى زىللاندىيە، نورۋېگىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسارىيە، شىۋىتسىيە ۋە ئەنگلىيە. ئامېرىكا بىر يىل ئىلگىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىققان بولغاچقا بۇ بىرلەشمە چاقىرىققا قاتناشمىغان.

 

 مەنبە:

https://www.zaobao.com.sg/realtime/china/story20190713-972151?amp&__twitter_impression=true

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 27 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن

دۈ ئىيۇل 15 , 2019
خىتتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تىجارەت ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن، خىتتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل ئىككىنجى پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى 6.2 پىرسەنت بولغان ۋە 27 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇتەخخەسىسلەرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ چېكىنىش يەنە داۋام قىلىدىكەن ۋە ئەڭ تۆۋەن چەككە يېتىدىكەن.

You May Like