شىۋېتسىيەدە «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقى خاتىرىلەندى

شىۋېتسىيەدە «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقى خاتىرىلەندى

 شىۋېتسىيەدە «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقى خاتىرىلەندى

مەنبە: « شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» فەيسبۇك بېتى

سىتوكھولم ۋاقتى 3- ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى سائەت  14:00 دە شىۋېتسىيەدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە «2009- يىلى 5- ئىيۇل كۈنى ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا: شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى نىجات تۇرغۇن  شىۋېت تىلدا سۆز قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ «1949يىلى» دىن بۇيان ئىزچىل ھالدا تالاي قەبىھ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىدەك رەزىل ماھىيىتىنى پاش قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ ھەقتە خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ خىتاينى ۋاقتىدا تىزگىنلەشكە چاقىردى. 

نامايىش نۇتۇقلىرى ۋە شوئارلىرىنىڭ خەلقى ئالەمگە كەڭ ۋە تەسىرلىك تارقىلىپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئەندىشە دېڭىزىغا غەرق بولۇپ ئالاقزادە بولغان خىتاي ئەلچى خانىسى، ئەلچىخانا ئىچىدىن قالايمىقان مۇزىكا قويۇۋېتىش ئارقىلىق نامايىش ساداسىنى كېسىپ قالايمىقان قىلىشقا نامايىشچىلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىۋېتىشقا جان جەھلى بىلەن تىرىشىپ، نامايىشچىلار  بىلەن يىراقتىن تىركىشىپ باقتى. لېكىن ئوت يۈرەك نامايىشچىلارنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ئاۋاز  ياڭراتقۇ ئارقىلىق توۋلىغان «خىتاي مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسۇن!» دېگەندەك جاراڭلىق شوئارلىرى، خىتاي ئەلچىخانا ئەتراپنى لەرزىگە سالدى. يۈزى قېلىن خىتاي مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرىنى ساراسىمىگە چۈشۈرۈۋەتتى. 

نامايىش ئاخىرىدا، 5- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى  قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان شېھىتلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئوقۇلغان قۇرئان تىلاۋىتى ۋە قىسقا دۇئا بىلەن نامايىش مۇۋەپپەقىيەتلىك تىپ تىنچ ئاخىرلاشتى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

سىز ئۇنۇتقان 7 - ئايدىكى يەنى بىر قانلىق پاجىئە

جۈ ئىيۇل 8 , 2022
بۈ كۈن ۋەتەندىن ھىجرەت دەپ قاچقان گۇناھسىز ئۇيغۇلارنىڭ تايلاند ھۈكۈمىتىنىڭ شەرەپسىزلەرچە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بىلەن ،145 نەپەر قېرىندىشىمىز ئاشكارە ئۆلۈمگە ئېلىپ مېڭىلغان كۈن.

You May Like