شېۋېتسارىيەدىكى تىبەتلەر ھەر قايسى شەھەرلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى

شېۋېتسارىيەدىكى تىبەتلەر ھەر قايسى شەھەرلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى

 شېۋېتسارىيەدىكى تىبەتلەر ھەر قايسى شەھەرلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى 

ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 12-مارت

بۈگۈن شېۋېتسارىيەدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ،شىۋىتسارىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى . 

نامايىش شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە ،بەرن ، زۇرىخ قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلدى .

زۇرىخ شەھىرىدىكى نامايىش بىر قەدەر كۆلىمى چوڭ نامايىش بولۇپ، نامايىشقا ھەر قايسى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىمۇ قاتناشقان. نامايىشچىلار قوشۇنى شەھەر مەركىزىدىن زۇرىخ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغىچە شوئار توۋلاپ ،جاراڭلىق شوئار سادالىرى ئىچىدە يۈرۈش قىلدى . 

بۈگۈن شەنبە كۈنى بولسىمۇ، خىتاي ۋىرۇسى ۋەھىمىسى بىر قەدەر پەسەيگەن ۋە شەھەر قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى. يول بويى يەرلىك خەلق نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلۇپ زۇرىخ كۆلى بويىدىكى مەركىزى يول ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. 

تىبەتلەر ياۋروپادا جۈملىدىن شىۋىتسارىيەدە ئەڭ كۆپ بولۇپ، يەرلىك خەلق ئىچىدىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە. شىۋىتسارىيەدە تىبەتلەرنى قوللاش دولقۇنى خېلىلا كۈچلۈك بولغاچقا نامايىشمۇ داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغان . 
ھەتتا تېخى بىر كۈن بۇرۇن شىۋىتسارىيەنىڭ ھەر قايسى شىتات ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلىرى، بەزى يەرلەردە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرمۇ تىبەتنىڭ دۆلەت كۈنىنى تەبرىكلەپ تىبەت بايرىقى ئاسقان ئىدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ئوخشاش خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋىتسارىيەدە تىبەت خەلقىدەك تەسىر يارىتالمىغان، ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرنىڭ سانى ئەڭ ئاز دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر خانىملار ئىستانبۇلدا ئاكتىپ پائالىيەتلەردە

يە مارت 13 , 2022
ئۇيغۇر خانىملار ئىستانبۇلدا ئاكتىپ پائالىيەتلەردە

You May Like