شىر ئويغانغاندا: خىتتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يەرشارىغا بولغان تەھدىتى

شى جىنپىڭ ھىچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايۋاتىدۇ. ئۇ تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن چوقۇم بىرلىشىشى كېرەك ۋە بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇدېدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى قىلغاندىكى تەلەپپۇزى تەخىرسىز بولۇپ، بىرلىشىش مەسىلىسىنى يەنە بىر ئەۋلاتقا قالدۇرغۇدەك ھالدا كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دېدى.

ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: بانۇ سۇتۇق

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-24

 

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تۆۋەندىكى بىر ئابزاسىلا تەرجىمە قىلىندى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى، بولۇپمۇ بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى. ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى خىتتايغا قايتۇرۇش ئىشى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇ تىزىملىكنى تەشكىل قىلىشى يېڭى ئىش ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇرغا زىيانلىق بۇ پىلانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش دەرىجىسى ئىلگىركىدىن كۈچىيىشى مۈمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئەھۋاللاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ سەزگۈلۈكنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. 

 

شى جىنپىڭ ھىچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايۋاتىدۇ. ئۇ تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن چوقۇم بىرلىشىشى كېرەك ۋە بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇدېدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى قىلغاندىكى تەلەپپۇزى تەخىرسىز بولۇپ، بىرلىشىش مەسىلىسىنى يەنە بىر ئەۋلاتقا قالدۇرغۇدەك ھالدا كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دېدى. ئۇ خىتاي ھەربى قىسمىنى بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانلىق جەڭ قىلىشقا تەييار بولۇشقا چاقىردى. يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار خىتتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىياڭگاڭ بىلەن تەيۋەن مەسىلىسىدىلا توختاپ قالمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە خىتتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگىمۇ بېسىم چۈشۈرۈپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاللىبۇرۇن بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى جازا لاگىرىغا سولانغان خىتتايغا قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. خۇددى ناتسىسلار يەھۇدىلارنى بىر مەسىلە دىگىنىگە ئوخشاش، شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى قارارلاشتۇرۇپ بولدى. كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى، مالايسىيە، مىسىر، تايلاند، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، كامبودژا، ۋىتنام ۋە لائۇس ھۆكۈمەتلىرى ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتتايغا قىيىن – قىستاققا ئېلىنىش، تۇتقۇن قىلىنىشى ئۈچۈن قايتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلدى. بۇنىڭغا ئوخشاش خىتتايدىن قورقۇش ۋە ئۇنىڭ تەلەپلىرنى قاندۇرۇش داۋاملىشىۋىرىدىكەن، ئاز كۈن ئۆتمەي خىتتاي چاڭگىلىنى غەرپ دۆلەتلىرىگىمۇ سوزۇيدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ئاللىبۇرۇن پىلانلىنىپ بولۇشى بىر ھەقىقەت: خىتتاي تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى خې يافېي پىشقەدەم پارتىيە كادىرلىرىغا مۇنداق دىگەن: «جۇڭگو (يەنى خىتتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى) قانلىق يول ئاچىدۇ ۋە غەرپنىڭ مونوپوللۇقى ۋە جامائەت پىكىرىنىڭ خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تارمار قىلىدۇ».

Xi Jinping is not listening. He has stated that Taiwan “must and will be” unified with the mainland, and his tone is urgent—he says that the “problem” of unification cannot be put off for another generation. He calls on the Chinese military to be prepared to fight “bloody battles” to achieve this. All the signs indicate that the Party will not stop at Hong Kong and Taiwan. Pressure is now being applied to foreign governments to deport Uyghurs to China, where more than a million members of the ethnic group are being held in concentration camps. Xi Jinping has decided that Uyghurs are a problem, much as the Nazis decided that Jews were a problem, and he expects other countries to submit to his authority on the issue. Incredibly, the governments of Malaysia, Egypt, Thailand, Kazakhstan, Kyrgyzstan, Uzbekistan, Pakistan, Cambodia, Vietnam, and Laos have all complied, sending their Uyghurs to China for torture and incarceration. If the cowardice and appeasement continues, then soon enough the lion will sink its claws into Western countries. Indeed, this is already the plan: He Yafei, deputy director of the Overseas Chinese Affairs Office, told senior Party cadres that “China” (by which he means the Communist Party) will “carve out a bloody path and smash the West’s monopoly and public opinion hegemony.”

https://twitter.com/clairlemon/status/1153614053979222017?s=20    

ئەسلى مەنبە:

When the Lion Wakes: The Global Threat of the Chinese Communist Party https://quillette.com/2019/07/22/when-the-lion-wakes-the-global-threat-of-the-chinese-communist-party/

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئاۋستىرالىيەدە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى قۇرۇلدى

پە ئىيۇل 25 , 2019
2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنىي شەھىرىدىكى «ئاسمان» مىھمانخانىسىنىڭ كاتتا بىزەلگەن زالىدا «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قۇرۇلۇش ۋە لىنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like