بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 22- ماي
شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى 20- ماي ئىسلاندىيەنىڭ پايتەختىدە ئاياغلاشتى، 8 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە شىمالىي قۇتۇپ تىنچلىقىنى قوغداشقا ئائىت بىر تۈرلۈك ئورتاق ۋەدىنى ماقۇللىدى، ھەمدە تۇنجى قېتىم كەلگۈسى 10 يىللىق «ئىستراتېگىيىلىك پىلان» نى تەستىقلىدى.
بۇ قېتىمقى شىمالىي قۇتۇپ 8 دۆلەت مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، شىمالىي قۇتۇپ كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشىنىڭ باشقا رايونلارنىڭكىدىن 3 ھەسسە تېز بولىۋاتقانلىقى، موسكۋا بىلەن غەرب ئوتتۇرىسدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان گىئوپولىتىكىلىق جىددىي رىقابەت ۋە ئۆزلۈكسىز كەسكىنلىشىۋاتقان ھەربىي جىددىيلىك، شۇنداقلا خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى ۋە ھۇشيارلىقىنى قوزغىغانلىقى قاتارلىقلار ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىغان.
بۇ قېتىمقى شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىدە ئامېرىكا، رۇسىيە، كانادا، ئىسلاندىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار. رۇسىيە ئىسلاندىيەدىن كېيىن، شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىنىڭ كەلگۈسى ئىككى يىللىق نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكېن 20- ماي شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىدە مۇنداق دېدى: «بىز كىلىمات، مۇھىت، ئىلىم – پەن ۋە بىخەتەرلىك جەھەتلەردە ئومۇمىيۈزلۈك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شىمالىي قۇتۇپنىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىمىز.»
شىمالىي قۇتۇپتىكى ئىستراتېگىيىلىك رىقابەت
بىلىنكېن سۆزىنى تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي قۇتۇپتىكى ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتنىڭ ئالاھىدىلىكى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئەمما شىمالىي قۇتۇپ چوقۇم تىنچ ھەمكارلىقنى ئۆزىگە ماركا قىلىشى كېرەك.»
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، بۇ سۆز خىتايغا يوشۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ شىمالىي قۇتۇپ مۇنبىرىدە كۆزەتكۈچىلىك ئورنى بار. بېيجىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى بىپايان زېمىنغا بولغان قىزىقىشىنى قىلچە يوشۇرمىدى، بۇ يەردە مول بولغان تەبىئىي مەنبەلەر بولۇپ، مۇز قاتلىمىنى كېمىيىشى ۋە دېڭىز ئۈستى ترانسىپورتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بۇ تەبىئىي مەنبەلەرنى ئېچىشقا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن.
گرېنلادىيە ئارىلى
بىلىنكېن 20- ماي چۈشتىن كېيىن دانىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى گرېنلادىيە زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇردى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ دانىيەگە قاراشلىق بۇ زېمىن بىلەن «تېخىمۇ كۈچلۈك» شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئۇ يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئامېرىكا بۇ ئارالنى ئەمدى سېتىۋىلىشنى خالىمايدۇ.» دېدى.
2019- يىلى سابىق پرېزىدېنت ترامپ گرېنلادىيە ئارىلىنى سېتىۋىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ دانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بىمەنىلىك» دەپ رەت قىلىنغان ۋە شۇ سەۋەبتىن دىپلوماتىيىلىك داۋالغۇش پەيدا بولغان ئىدى. بىراق فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، ترامپنىڭ بۇ تەشەببۇسى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىنى قايتىدىن ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
بۇ يىل 7- ئاپرېل گرېنلاندىيە ئاپتونومىيە كېڭىشى سايلىمىدا، خىتاي مەبلىغى بىلەن ئۇران كانى ئېچىشقا قارشى تۇرىدىغان سول قانات مۇھىت ئاسراش پارتىيىسى غەلىبە قىلغان بولۇپ، خىتاي شېڭخې بايلىق مەنبەسى (盛和资源) ئاۋسترالىيە شىركىتى نامىدا گرېنلاندىيەدە 10 يىللىق قۇدۇق قېزىپ، كان ئېچىش پىلانىنى يوققا چىقارغان ئىدى.
بۇلتۇر، ئامېرىكا گرېنلاندىيەنىڭ مەركىزى نۇك (Nuuk) تا قايتىدىن كونسۇلخانا ئاچقان بولۇپ، 12 مىليۇن دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى. گەرچە گرېنلاندىيە يەرلىك ھۆكۈمىتى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بىلىنكېن ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىلانىنى مۇجمەل يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ ئۇسۇلنى تېپىشنى، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايمىز.»
مەنبە: فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى