شى جىنپىڭنىڭ ھۇقۇق يولىدىكى «سېرىق چىراق» ياندىمۇ؟

19ـ نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىندىن كېيىنلا شاڭخەيگە خىزمەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىققان شى جىنپىڭنىڭ ھەركىتى مېدىيا ۋاستىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

 

2019-يىلى 4-نويابىر

 

19ـ نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىندىن كېيىنلا شاڭخەيگە خىزمەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىققان شى جىنپىڭنىڭ ھەركىتى مېدىيا ۋاستىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. نورمالدا مەملىكەتلىك يىغىن ئېچىلغاندىن كېيىن بېيجىڭغا يىغىنغا كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈش ۋە باشقا يىغىندىن كېيىنكى ئىشلارنى بىتەرەپ قىلىش كېرەك بولغان شى جىنپىڭ شاڭخەيگە خىزمەت تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش يولغا چىققان ھەمدە شاڭخەيدە 4-5 كۈن قالدىكەن. شاڭخەيدە ئېچىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىمپورت يەرمەنكىسىدە سۆز قىلىدىكەن. بۇ يەرمەنكە ئۆتكەن يىلىمۇ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، شى جىنپىڭ شۇ كۈنى يېتىپ كېلىپ سۆز قىلغان ۋە ئىككى كۈندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتقان. ئەمما بۇ قېتىم ئالدىنئالا كېلىپ «تەكشۈرۈشتە» بولغان. شى جىنپىڭ خىزمەت تەكشۈرۈش جەريانىدا باشتىن ئاخىرى سۆزلەپ كەلگەن  «ھەممە ئىشتا پارتىيە يېتەكچى» دىگەن ئىدىيەسىگە قارىشى ھالدا «جۇڭگۇچە دىمكوراتىيە»نى ئوتتورغا قويغان. «جۇڭگۇنىڭ دىمكوراتىيەسى بىر پۈتۈن جەيرانلىق دىمكوراتىيە» بۇ شى جىنپىڭ ئوتتورغا قويغان ئابىستىراكىپ، دەبدەبىلىك، قۇرۇق گەپ. بۇنى ئوتتورغا قويغاندىن كېيىن خىتاي ۋە چەتئەل مېدىيالىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، خەلىقئارادا قىززىق تېمىغا ئايلانغان. ھەيران قالارلىق يېرى بۇ «جۇڭگۇچە دىمكوراتىيە» توغرىسىدىكى خەۋەر شىنخۇا ئاگېنىتلىقى تەرىپىدىن ئۆچۈرۋېتىلگەن. خەلق گېزىتىمۇ بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن. خەلق گېزىتىنىڭ باش تېمىسى دائىم دۆلەت رەھبەرلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر بىلەن باشلىناتتى. نېمە ئۈچۈن خىزمەت تەكشۈرۈش ئۈستىدىكى رەئىسنىڭ خەۋىرى ئۆچۈرۈلدى؟ شۇنداقلا ئەڭ چوڭ گېزىت ئۇ توغرىسىدا خەۋەر يازمىدى؟ بۇنى ئۆچۈرگەن كىم؟ ئەجەبا مەركەزدە شى جىنپىڭدىن كۈچلۈك بىر كۈچ مەيدانغا كەلدىمۇ؟ 

 

بەزىلەر شى جىنپىڭ ئۆزى ئۆچۈرگەن دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇ ئېھتىماللىق ناھايىتى تۈۋەن. چۈنكى شى جىنپىڭ قاتتىق يۈز ئاۋايلاشقا ئامراق بېرى بولۇپ، خاتالاشقان تەقدىردىمۇ ئاسان ئۆزگەرتمەيدىغان تەبىئەتكە ئىگە. ئالدىنقى قېتىملىق ھەربىي پاراتتا شى جىنپىڭ سول قولدا سالام بەرگەن بولۇپ، خاتالاشقانلىقىنى سەزگەن بولسىمۇ ئۆزگەرتمەي تۇرغان. 

 

ئۇنداقتا شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتا جۇڭگۇچە بولسىمۇ بىر «دىمكوراتىيە»نى ئوتتۇرغا قويىدۇ؟ ئەجەبا ئۇنىڭغا باشقا تاللاش قالمىدىمۇ؟ ئۇنىڭ ھۇقۇقى راستىنلا تەرۋېنىپ قالدىمۇ؟ ئۇنىڭ ئوچۇق سۆزلىگەن سۆزنى ئۆچۈرگەنلەر كىم؟ ئۇلار بۇ قېتىم شى جىنپىڭغا دەرس بەرمەكچىمۇ ياكى ئاگاھلاندۇرىشمۇ؟

 

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=uIfptLQEv4I&feature=youtu.be

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى جۇمھۇرىيەت بايرىمنى تەبرىكلىدى.

دۈ نويابىر 11 , 2019
ھەر يىلى 12-نويابىر پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر دۆلىتى-شەرقى تۈركستاننى ھەسرەت ۋە ئۇمىد ئ‍ىچىدە ياد ئېتىدۇ.

You May Like