شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ 4- مارت كۈنىدىكى پائالىيەتلىرى

ۋۇخەن ۋىروسىنىڭ تەسىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتىن قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر قايسى كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىللىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكتىۋىتىسلەر خىلمۇ خىل ئۇسۇلدا پائالىيەتلىرنى داۋام قىلماقتا. 43- نۆۋەلىك «خىتايدا كىشىلىك ھۇقۇق ئەركىنلىكى» تىمىسىدىكى يىغىن، 3- ئاينىڭ 4- كۈنى جەنۋەدە ئېچىلدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

سەدەف

 

2020.3.5

 


ۋۇخەن ۋىروسىنىڭ تەسىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتىن قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر قايسى كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىللىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكتىۋىتىسلەر خىلمۇ خىل ئۇسۇلدا پائالىيەتلىرنى داۋام قىلماقتا. 43– نۆۋەلىك «خىتايدا كىشىلىك ھۇقۇق ئەركىنلىكى» تىمىسىدىكى يىغىن، 3- ئاينىڭ 4- كۈنى جەنۋەدە ئېچىلدى.

 

 

 

 


يىغىنغا فىرانسىيە، بىلگىيە، دانىيە، تۈركىيە ۋە شۇنداقلا باشقا بىر قانچە دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم ئاخبارات خادىملىرى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى، شۇنداقلا يازما دوكلات سۇندى.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىگە ۋاكالەتەن يىغىنغا قاتناشقان ئابدىقادىر تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ دىيىشچە يىغىندا » خىتاينىڭ يېقىنىقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىقىنى، شۇندا كورونا ۋېروسى تارقالغاندىن بۇيان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ» لاگىردىكى نەچچە مىليون ئۇيغۇرلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بولسا كىسەل مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاينىڭ يۇقۇم رايۇنلىرى بولغان ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئادەم يۆتكىشىنىڭ، قەستەنلىك بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇلۇپ، يىغىن جەريانىدا ۋەكىللەرنى ھەرقايسى دۆلەت ئاخباراتچىللىرى ۋە بەزى دۆلەت دىپلوماتلىرى ئايرىم كۈرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغان .
يىغىن ئېچىلۋاتقان ۋاقىتتا يەنە يىغىن زالنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى زالدا خىتايلار ۋەتىنىمىزنىڭ بىر قىسىم يەرلەرنىڭ رەسىملەرنى، قەشقەر، تۇرپان، خوتەن قاتارلىق ناھىيە شەھەرلەردىكى بىر قىسىم ساقلىنىپ قالغان مەسچىت، مەكتەپ ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ رەسىملەرنى تىزىپ كۆرگەزمە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا
شەرقىي تۈركىستاندا نۆۋەتتە دىيىلۋاتقان ئەھۋالنىڭ بىرىنىڭمۇ يۈز بەرمەيۋاتقىننى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى تەشۋىق قىلۋاتقان بۇلۇپ، يىغىندىن قايىتقان ۋەكىللەر بۇنى كۈرۈپ، قۇلىدىكى دەلىل _ ئىسپاتلار بىلەن ئۇلارنىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرنى بۇزغان.

 

ئوخشاش بىر كۈندە يەنە تۈركىيەنىڭ كونىيا ۋىلايىتى سەلچۇق ئۈنۋىرسىتىدا » خىتاي بېسىمى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان» تىمىسىدا بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى لىكسىيە سۆزلەندى.

 

 

 

 

لىكسىيەنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆزلىگەن بۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كورونا ۋېروسىنىڭ لاگىر ۋە تۈرمىلەردىكى نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئەكىلۋاتقانلىقىنى سۆزلەش بىلەن بىللە يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋاللارنىڭ خىتاي باش كۇنسولى دىگەندەك ئەمەس ئىكەنلىكىگە پاكىتلىق رەددىيەلەر بىرىلدى.

 


ئاخىردا كونيا ئالپەرەن ئوجاكلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان شەرق تىياتىر كولۇبىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «خىتاي زۇلمى» دىراممىسى ئوينالدى ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان خورلۇقلىرى جانلىق ئىپادە قىلىندى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

شائىرە مەدىنە باۋۇدۇننىڭ ۋەتەنپەرۋرەلىك ھەققىدىكى شېئىرلىرى تۈركىيە سەنئەت ژۇرنىلىدا ئىلان قىلدى

جۈ مارت 6 , 2020
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىدىن شائىرە مەدىنە باۋۇدۇن خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت ۋە سېغىنىش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «بار»ناملىق شېئىرى تۈركىيەنىڭ «گۈنجەل سەنەت» (ھازىرقى زامان سەنئىتى) ناملىق ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىندى. مەدىنە خانىم تۈركىيە مارمارا ئ‍ۇنېۋېرستىتىنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ماگسترلىقتا ئوقۇغان

You May Like