شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىك پۇتبۇل كوماندىسى تۇنجى نۆۋەت غەربىي پاپۇا بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ

19- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى، گوللاندىيە دەنھاخ شەھرىدە شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىك پۇتبۇل كوماندىسى تۇنجى قىتىم خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، غەربى پاپۇا كوماندىسى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق تۇنجى قىتىم ۋەتىنىمىز كوماندىسىغا مىسال بولۇپ پۇتبۇل مەيدانىدا جەۋلان قىلىدۇ، ئەزىمەتلەر تۇنجى قىتىم ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن پۇتبۇل ئوينايدۇ، يىشىل مەيداندا تۇنجى قىتىم شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئالقىشلار ياڭرايدۇ، « ھۇررا» ساداسى گۈلدۈرلەيدۇ! بۇ دەقىقىلەر ئىنتىزار بولۇشقا لايىق، بۇ مىنۇتلار ئىپتىخارلىنىشقا ھەقلىق!

 

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى 

 

2019-10-15 

 

تەييارلىغۇچى: ئەردەم 

 

 

 

19- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى، گوللاندىيە دەنھاخ شەھرىدە شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىك پۇتبۇل كوماندىسى تۇنجى قىتىم خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، غەربى پاپۇا كوماندىسى بىلەن  دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق تۇنجى قىتىم ۋەتىنىمىز كوماندىسىغا مىسال بولۇپ پۇتبۇل مەيدانىدا جەۋلان قىلىدۇ، ئەزىمەتلەر تۇنجى قىتىم ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن پۇتبۇل ئوينايدۇ، يىشىل مەيداندا تۇنجى قىتىم شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن  ئالقىشلار ياڭرايدۇ، « ھۇررا» ساداسى گۈلدۈرلەيدۇ! بۇ دەقىقىلەر ئىنتىزار بولۇشقا لايىق، بۇ مىنۇتلار ئىپتىخارلىنىشقا ھەقلىق! 

 

    دۆلەتلىك كوماندىمىز بىلەن تۇنجى بولۇپ مۇسابىقە ئوينايدىغان كوماندا بولسا غەربىي پاپۇئا كوماندىسى، غەربىي پاپۇئا بولسا ھىندونوزىيەنىڭ يىڭى جىنىيە ئارىلى غەربىگە جايلاشقان رايون بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ھىندونوزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش يەكلەشلىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.   بۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى يەنە خەلقئارا داڭلىق سىياسىي خەۋەر مۇنبەرلىرىدىن «دىپلومات» مۇنبىرىدە ئىلان قىلىنغان.

 

شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىك پۇتبۇل كوماندىسى 2019- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان پۇتبۇل جەمىيىتىگە ئەزا توققۇز دۆلەتتىكى ياش پۇتبۇلچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئامرىكا، كانادا، نورۋىگىيە، شىۋىتسىيە، گىرمانىيە، بىلگىيە، فىرانسىيە، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇتبۇل كوماندىلىرى ئەزالىقىدا تەشكىللەنگەن.  پۇتبۇل جەمىيىتىنىڭ باش شىتابى گوللاندىيە ئامىستىردام شەھرىدە.

 

مۇسابىقە مۇناسىۋىتى بىلەن  پۇتبۇل جەمىيىتى دۆلەتلىك كوماندا باشقۇرغۇچىسى، گوللاندىيە ياشا ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ئىسلامنى زىيارەت قىلدۇق. ئىلشات ئىسلام شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىك پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى دىئاسپورادا قۇرغان تۇنجى پۇتبۇل كوماندىسى ئىكەنلىكى شۇنداقلا تۇنجى قىتىم خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  غەربىي پاپۇئا بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىغاندىن كىيىن، ئىقتىساد يار بەرسە كەلگۈسىدە يەنە باشقا دۆلەت ياكى رايون پۇتبۇل كوماندىلىرى بىلەنمۇ مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى دېدى. ئىلشات يەنە شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىك پۇتبۇل كوماندىسى Conifa خەلقئارا مۇستەقىل پۇتبۇل جەمىيەتلىرى ئۇيۇشمىسىغا رەسمىي ئەزا ئىكەنلىكىنى ئىېيىتتى. خەلقئارا مۇستەقىل پۇتبۇل جەمىيەتلىرى ئۇيۇشمىسى تاپاۋەتسىز ئورگان بولۇپ، مەزكۇر ئۇيۇشمىغا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن مەلۇم ئىتنىك گۇرۇپ، رايون، ئورگانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 58 پۇتبۇل جەمىيىتى ئەزا. ئۇيۇشما 2013- يىلى قۇرۇلغاندىن بىرى بىر قىتىم دۇنيا پۇتبۇل لوڭقىسى مۇسابىقىسى، ئۈچ قىتىم ياۋروپا پۇتبۇل لوڭقىسىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزدى.  

 

 ئىلشات ئىسلام يەنە:« دۆلەتلىك كوماندا پۇتبۇلدىن ئىبارەت ھەممە كىشى ياخشى كۆرىدىغان، مەيدانى كەڭرى ساھەدە ۋەتىنىمىزگە ۋەكىل بولۇپ، پۇتبۇل ئارقىلىق خەلقىئالەمگە بىزنىڭ كىملىكىمىز، غايىمىز ۋە تىز پۈكمەس روھىمىزنى نامايەن قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن سىياسىي باياننامىمىز « كىملىك+مەسئۇلىيەت= بىرلىك» دەپ يىزىلدى. بىز پۇتبۇل مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستانلىق كىملىكىمىز بىلەن تونۇلۇشنى ئۇزۇندىن بىرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدۇق. ئىلگىرى ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلغان بولساق، ئەمدى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىمىز!» دېدى.

 

ئىلشات ئىسلام دۆلەتلىك كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۇ مۇسابىقىگە ئاكتىپ تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئىيتىش بىلەن بىرگە، بۇ مۇسابىقە تېخى ئەمدىلا باشلىنىشى ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىك كوماندىسى كەلگۈسىدە يەنە خەلقئارا مۇستەقىل پۇتبۇل  جەمىيەتلىرى ئۇيۇشمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ياۋروپا پۇتبۇل لوڭقىسى، دۇنيا پۇتبۇل لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، خەلقىمىز ئۈچۈن شان- شەرەپ كەلتۈرۈشكە كۈچىنىڭ يىتىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

 

ئايىغىدا، ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى نامىدىن شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىك كوماندىسى قۇرۇلغانلىقى ۋە تۇنجى مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە  ياۋروپا ئىچى- سىىرتىدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ مۇسابىقىگە كىلىپ دۆلەت كوماندىمىزغا كۈچلۈك مەدەت بىرىشكە چاقىرىمىز!       

 

قوشۇمچە مەنبە:

 

دىپلومات مۇنبىرى : https://thediplomat.com/2019/10/east-turkistan-west-papua-and-an-extraordinary-game-of-football/

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇر قىزلار ختتاي زاۋۇتلىرىدا جىنسى قۇلغا ئايلاندۇرۇلماقتا

جۈ ئۆكتەبىر 18 , 2019
تاپشۇرۇۋالغان خەۋەر قانچىلىك ئاچچىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقكە ئورتاقلىشىش -خەلق ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر مېدىيانىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.

You May Like