«شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا ئاۋاز چىقار» پائالىيىتى تۈركىيەدە كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلماقتا

«شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا ئاۋاز چىقار» پائالىيىتى تۈركىيەدە كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلماقتا

 «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا ئاۋاز چىقار» پائالىيىتى تۈركىيەدە كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلماقتا 

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 9-دېكابىر

8-دېكابىر كەچ سائەت 20 دە «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسى ياشلار كوللېكتىپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، «شەرقىي تۈركىستان  فېدېراتسىيەسى»، «ئىلى مەشرىپى ۋەخپى» ۋە «لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى» گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللەپ، ماسلىشىشى بىلەن ئىستانبۇل سارى يەردىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى توختات دېگىن » نامىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا ئۇيغۇر ۋە تۈرك قېرىنداشلار، تۈركىيەدىكى ئاخبارات قاناللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ نەچچە يۈزلىگەن كىشى كېلىپ قاتناشتى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان «يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى» ئىستانبۇل ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى مۇستەفا ئۆزەن تۈرك خەلقىنىڭ ھەر زامان مەزلۇملارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈرك ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئېغىزدا سۆزلەپ قويۇشلا ئەمەس بەلكى بۇ زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ پۈتۈنلەي توختىشى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلدى. 

«شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى» باشلىقى مەھمۇت داموللا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقىنى ۋە زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتتى.

يېقىنقى نەچچە كۈندىن بۇيان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە باغلىق «نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە كۈلتۈر» دەرنىكى، «يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» ۋە باشقا تارماق گۇرۇپپىلار ئىستانبۇل ۋە باشقا شەھەرلەردىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە شۇنىڭدەك ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش، مەسچىتلەردە دۇئا پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈرك خەلقىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاۋاز چىقىرىشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنى قىلماقتا.  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى ئېچىلدى

جۈ دېكابىر 9 , 2022
خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى ئېچىلدى

You May Like