شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى- تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرىدە داۋام قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى- تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرىدە داۋام قىلماقتا

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 10-ئۆكتەبىر

ئامىنە سەدەف

« لاگېر قۇربانلىرى ئۇيۇشمىسى»نىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان « شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى »  8-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇرسادا باشلىنىپ، بىر ئايغا يېقىن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئاكتىپ‌ پائالىيەت قىلىپ  گازىئانتەپتە ئاخىرلاشقان ئىدى. ئارىدا قىسقا بىر نەچچە كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن كىيىن يەنى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 2- قېتىملىق سەپەرنى سىۋاس شەھىرىدىن باشلىدى ۋە سىۋاس، ئەرزىنجان، ئەرزۇرۇم، رىزە، تىرابزون، ئوردو، سامسۇن، ئاماسيا، كاستامونۇ، كارابۈك، بولو ۋە ئەسكى شەھەر قاتارلىق شەھەرلەردە خىلمۇ -خىل پائالىيەتلەر بىلەن داۋاملىشىۋاتىدۇ.

« لاگېر قۇربانلىرى ئۇيۇشمىسى» دىن بۇ قېتىمقى ئاناتولىيە سەپىرىگە تولۇق قاتنىشىپ مېڭىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتېۋىست جەۋلان شىر مۇھەممەت ئەپەندىم ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق: « بىز ھەربىر شەھەر ۋە ۋىلايەتكە بارغان ۋاقتىمىزدا ئالدى بىلەن ۋالىي ياكى شەھەر باشلىقى بىلەن بەزى شەھەر، ۋىلايەتلەردە شەھەر باشلىقى ۋە ۋالىي ياردەمچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، بالىلار لاگېرى، ئاياللار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنسى خورلاش، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى يوق قىلۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەييارلانغان دوكلاتلىرىمىزنى تاپشۇرۇپ بېرىۋاتىمىز. شۇنداقلا بۇ دوكلاتلارنى ھەر قايسى رايونلاردىكى رايون باشلىقلىرىغىمۇ بەردۇق. بارغان ھەرقايسى رايونلاردا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىش، لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات يەرلىرىدە رەسىم كۆرگەزمىسى قىلىش، ئىمزا توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردۇق. بۇ جەرياندا يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى پارتىيە، مىللەت ۋەكىللىرى، رايون باشلىقلىرى، ۋە بىر قىسىم ئامما بىزنى ناھايىتى قوللىدى. يەرلىك تېلېۋىزىيە، گېزىت ۋە باشقا تەشۋىقات گۇرۇپپىلىرى ھەر زامان يېنىمىزدا تۇرۇپ، پائالىيەتلىرىمىزنى قوللاۋاتىدۇ  ۋە يەرلىك تىلۋېزىيە قاناللىرىدا، خەۋەرلەردە تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى بولو شەھىرىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى  ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى ئۆزىنىڭ Twitter ھېسابىدا « شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا » دەپ پائالىيىتىمىزنى ھەمبەھىرلىدى . بۇمۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. » 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىرانسىيەدىكى بىر ئىمارەتكە لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ چوڭ تىپتىكى رەسىمى چاپلاندى

يە ئۆكتەبىر 10 , 2021
فىرانسىيەدىكى بىر ئىمارەتكە لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ چوڭ تىپتىكى رەسىمى چاپلاندى

You May Like