شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى 3-قېتىملىق پائالىيىتىنى باشلىدى

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە» سەپىرى 3-قېتىملىق پائالىيىتىنى باشلىدى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 2-نويابىر

ئامىنە سەدەف

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋىلايەتلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا، سىياسىي پارتىيەلەرگە ۋە تۈرك خەلقىگە ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدۈرۈش ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان « شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە » سەپىرى‌ 8-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇرسادىن باشلىغان بولۇپ ھازىرغا قەدەر ئىككى قېتىملىق سەپەردە 25 شەھەر، ۋىلايەتنى تۈگىتىپ، قىسقا بىر دەم ئېلىشتىن كىيىن 11-ئاينىڭ 1- كۈنى 3-قېتىملىق سەپەرگە چىقتى. 

چورۇمدىن باشلانغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتمۇ ئىلگىرىكىدەكلا نەتىجىلىك ھالدا داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئىزچىل قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋلان شىر مۇھەممەدتىن ئىگىلىشىمىزچە،  10-ئاينىڭ 31-كۈنى يولغا چىققان پائالىيەت ئەزالىرى كوجا ئېلىدا تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككى سائەتكە يېقىن ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشتە پائالىيەتچىلەر ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى مۇستافا دەستىجى ئەپەندىگە ئاڭلاتقاندىن كېيىن  كىچىكلەپ يول مېڭىپ چۇرۇمغا كەلگەن. چۇرۇمدىكى پائالىيەتمۇ ناھايىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر ئالدى بىلەن مۇخبىرلار جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان. ئۇنىڭدىن كىيىن خەلق مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرغان .‌پائالىيەتچىلەر يەنە چۇرۇم شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ شەھەر باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، كۆرۈشۈش جەريانىدا شەھەر باشلىقىدىن ئورۇندىكى بىرەر رايون ياكى مەھەللىگە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى بىرەر ۋىلايەت ياكى ئورۇننىڭ ئىسمىنى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. پائالىيەتچىلەر يەنە چۇرۇمدىكى ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى بىر ئارىغا ئېلىپ كېلىپ ، ئۇلارغىمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ۋە ئۇلارنى  ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل ‌قىلغان جەۋلان شىر مۇھەممەت: « بىز نىڭ بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ  مەقسىتى  پۈتۈن تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلات، سىياسىي پارتىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنى قوزغىتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۈنۈملۈك بىر قارارلارنى ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش » دېدى . 
پائالىيەتچىلەر چورۇمدىكى پائالىيەتلىرىنى تۈگىتىپ‌ توكاتقا كەلگەن‌ بولۇپ‌، توكاتتىمۇ يۇقىرىقىدەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى پىلان‌ قىلغان.  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ياۋروپا زىيارەت ئۆمىكى تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى

چا نويابىر 3 , 2021
ياۋروپا زىيارەت ئۆمىكى تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى

You May Like