شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى- قەيسىرىيە ۋە ئادانادا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى- قەيسىرىيە ۋە ئادانادا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

 ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 24-ئاۋغۇست

ئائىلىسى خىتاي جازا لاگېرلىرىدا جازا ئۆتەۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆز -ئارا بىرلىشىپ تەشكىللەنگەن « لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار بىرلىكى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى « شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە » سەپىرىنىڭ 4-5-6-بېكەتلىرى بولغان قەيسىرى، كاپادوكىيا ۋە ئادانادىكى پائالىيەتلىرى يەرلىك خەلق ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلات،دەرنەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى .

قەيسىرىيدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت قەيسىرى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئىمزا توپلاش، تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.

ئادانادىكى پائالىيەت ئادانا « تۈرك ئوجاكلىرى »نىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەتلەر ئىككىگە ئايرىلىپ، بىر قىسمى ئادانادىكى ئەڭ چوڭ باغچىلاردىن بىرى بولغان ئادانا ئاتا تۈرك باغچىسىدا ئىمزا توپلاپ، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقاتسا يەنە بىر بۆلىكى ئەمنىنۆ باغچىسىدا ئوخشاش پائالىيەتنى ئېلىپ باردى.

بۇنىڭدىن سىرت ئادانادىكى « كوجا ئەخمەت يەسەۋىي» چېدىرىدا بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە يەرلىك خەلققە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە لېكسىيە بەردى. ئادانادا يەنە « ئاندا» دەرنىكىنىڭ ھەمكارلىقىدا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ۋە دەرنەك ئەزالىرى ئادانادىكى پائالىيەتكە ئىزچىل ياردەملەشتى.

پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم ئادانادىكى پائالىيەت ھەققىدە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: « ئادانا خەلقى ۋە يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئادانادىكى پائالىيىتىمىز ناھايىتى جانلىق ئېلىپ بېرىلدى، ئادانا خەلقىمۇ بىزگە ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلدى، بىزمۇ بەك سۆيۈندۇق. ئادانادىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىمىزغا تۈرك ئوجاكلىرى، تۈركىستان دەرنىكى ، ئەزەربەيجانلار دەرنىكى، تۈركمەنلەر دەرنىكى ۋە ئۇنىڭدىن سىرت بىر قىسىم پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلىدىغان  يەرلىك تەشكىلاتلار قاتناشتى. بۇنىڭدىن سىرت ئانادولۇ ياشلار دەرنىكى بىزگە كۆپ ياردەملەرنى قىلدى ھەتتا بۇلار ئوسمانىيەدىكى پائالىيتىمىزگىمۇ بىز بىلەن بىللە قاتناشماقچى بولدى  » دېدى. 

«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، بىز بۇ پىدائىي ياشلارنىڭ سەپىرىگە ئۇتۇق تىلەيمىز.

Uyghur Reporter

Next Post

ئاۋسترالىيە مېلبورن شەھىرىدە ئۇيغۇر بالىلارنى بۇلاپ قاچقان خىتايلار قولغا ئىلىندى

سە ئاۋغۇست 24 , 2021
ئاۋسترالىيە مېلبورن شەھىرىدە ئۇيغۇر بالىلارنى بۇلاپ قاچقان خىتايلار قولغا ئىلىندى

You May Like