ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،ئافراسياپ، 2020-يىلى6-مارت،ۋاشنگىتون
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىدىن شائىرە مەدىنە باۋۇدۇن خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت ۋە سېغىنىش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «بار»ناملىق شېئىرى تۈركىيەنىڭ «گۈنجەل سەنەت» (ھازىرقى زامان سەنئىتى) ناملىق ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىندى. مەدىنە خانىم تۈركىيە مارمارا ئۇنېۋېرستىتىنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ماگسترلىقتا ئوقۇغان. ئۇزۇن مۇددەت ئاخبارات كەسپىدە ئىشلىگەن. ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ چەتئەل مېدىيالىرىدە كۆپلەپ ئەسەر ئىلان قىلىشى- ئۇيغۇرلارنىڭ روھى دۇنياسى ۋە رىئاللىقنى دۇنياغا بىلدۇرۇشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينىدۇ. بىز مەدىنە باۋۇدۇن خانىمنى تەبرىكلەيمىز ۋە ئەدەبى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمىز.