سەئۇدىدا ئۇيغۇرنىڭ غەيرىتى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز 2018-يىلى سىنتەبىردە ماڭا بىر پارچە ئۇيغۇرچە خەتنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى دېگەن ئىدى

2020-1-26

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز 2018-يىلى سىنتەبىردە ماڭا بىر پارچە ئۇيغۇرچە خەتنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى دېگەن ئىدى. خەتتە ئۇلارنىڭ پاسپورتى توشۇپ كەتكەنلىكى سەۋەپلىك نورمال ئوقۇشنى داۋام قىلالمايۋاتقانلىقى، خىتاي ئەلچىخانىسىدىن پاسپورتلارنى يېڭىلاشتا ياردەمچى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى. تەرجىمە پۈتۈپ خەت يوللانغاندىن كېيىن خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە ھىچ بىر جاۋاپ بەرمىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقى بارغانچە ئېغىرلاشتى، بەزلىرى ئوقۇشنى تاشلاپ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە كەتتى، بەزىلىرى ئامال بولمىغاندا تۈركىيەگە سەپەر قىلدى. ئەمما بۇ خەتنى يازغان ۋە سۇنغان ئوقۇغۇچىلار تىرىشچانلىقى بوشاشمىدى. مەن ئۇلارنى مۇخپىلار بىلەن كۆرۈرۈشۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ تۇردۇم.

 

ئارىدا بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى خەۋىرى ماڭا يەتتى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ۋاشىڭتون پوچتا گېزىتى قاتارللىق دۇنياغا تونۇلغان ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇ مەسلىنى ئىككى قېتىملىق ھېيىت مەزگىلىدە خەلقئارانىڭ دىققىتىگە سۇنماقچى بولدى، ئەمما بۇ قايتۇرۇلغانلارنىڭ شاھىتلىرى مۇخپىلار بىلەن كۆرۈرشۈشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ھىچ بىر دىققەت تارتمىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ خوتەنگە قايتۇرۇلۇپ قامالغانلىقى ئاشكارە بولدى، ئەمما تۇغقانلار داۋاملىق  سۈكۈت قىلىشنى تاللىدى. شۇنىڭ بىلەن سەئۇدىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت مەسىلىسىگە قوشۇلۇپ قايتۇرۇلۇش خەۋىپىمۇ نەزەردىن سىرىتتا قالدى.

 

 2020-يىلى كىرگەندىن كېيىن ئاخىرى بىر ھىندى نەسىللىك فرانسىيە مۇخپىر سەئۇدى ئۇيغۇرلىرىغا قىزىقتى. ئۇ سەئۇدىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت ئەسناسىدا ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىغا يازغان خەتنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. خەتكە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ جاۋاپ بەرمىگەنلىكى مەيدانغا چىقتى.

 

فرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخپىرى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن مەزكۇر خەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئالاقىدە بولدى. قايتا قايتا سۈرۈشتە قىلدى. خىتاي ئەلچىخانىسى بىر قانچە ھەپتە ئىقچىدە جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇيۇقسىز 1-فېۋرالدىن باشلاپ پاسپورتلارنى يېڭىلاپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ سۆزلەرنى تارقاتتى..

 

فرانسىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخپىرى بۈگۈن سەئۇدى ئۇيغۇرلىرىنىڭ پاسپورت قىيىنچىلىقى ھەققىدە مەزكۇر خەۋەرنى ئېلان قىلدى. گەرچە يەنە شۇ شاھىت كەمچىل بولغانلىقى سەۋەپلىك خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسلىسى تەپسىلى، پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان، ئۇلارنىڭ قانداق قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ھىچ بىر ئۇچۇر بېرەلمىگەن بولسىمۇ مېنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىم ۋە قايتۇرۇلغانلارنىڭ پاسپورت قاتارلىق كىم ئۇچۇلىرىنى تەمىنلەپ بېرىشىم بىلەن مەسىلە ياندىن يورۇتۇپ بېرىلگەن بولدى.

 

سەئۇدىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 2018-يىلى يازغان ئىلتىماسقا 2020-يىلى مۇخپىرلارنىڭ ياردىمىدە جاۋاپ ئالدى. ئۇلار بۈگۈنكى جەڭنىڭ ئاخبارات جېڭى، بۈگۈنكى كۆرەشنىڭ ئاخبارات كۆرىشى ئىكەنلىكىگە شاھىت بولدى، شۇنداقلا ئۇلار ھەقنى سۆزلەش، ھەقىقەتكە شاھىت بولۇش، زۇلۇمنى پاش قىلىش ئارقىلىقمۇ قېرىنداشلىق، ئ‍ىنسانلىق، ئۇيغۇرلۇق، ئەقەللىسى تىرىكلىك بۇرچىنى ئادا قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا شاھىت بولدى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

گوللاندىيە پارلامىنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

پە يانۋار 30 , 2020
29- يانۋار، گوللاندىيە پارلامىنتى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئىچىپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق توختالدى. يىغىنغا گوللاندىيەدىكى ھاكىم پارتىيە ھۆرلۈك ۋە دىموكراتىيە پارتىيەسى ۋە باشقا پارتىيە ۋەكىللىرى قاتناشتى.

You May Like