سەئۇدى ئەرەبىستاندا 730مىڭ كىشىلىك مۇزىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

ئەل ئارابىيە تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا بۇ ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە MDLBeast نامىدىكى مۇزىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ فېستىۋالغا 730مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. سەئۇدى ئەرەبىستان «خان جەمەتى ئومۇمى كۆڭۈل ئېچىش ئورگىنى» (GEA) رەئىسى تۈركى ئەل شەيخنىڭ دېيىشىچە مەزكۇر فېستىۋال تۆت كۈن داۋاملاشقان بۇ فېستىۋال ھازىرغىچە دۇنيادىكى قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ زور مۇزىكا فېستىۋالى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 29-دېكابىر

خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر فېستىۋالغا دۇنيادىكى 200دىن ئارتۇق داڭلىق سەنئەتكار چولپانلار قاتناشقان بولۇپ، ئەمىر دىياب، نەنسى ئەجرەم، تامېر ھۆسەينى قاتارلىق ئەرەب دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن  چولپانلارمۇ قاتناشقان.

سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتى ئەزاسى، كارخانىچى شاھزادە فاھاد ئەل سەئۇد بلۇمبېرگ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى دېگەن: « بىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىمىزغا يول قويۇلۇشى كېرەك، بىز ئۆزىمىز خالىغان شەكىلدە ئۆزىمىزنى نامايان قىلالىشىمىز كېرەك. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز، ئەمما ھەر قېتىم تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن تىرىشقىنىمىزدا مەغلۇپ بولىمىز چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق بولۇشىمىزنى خالىمايدۇ.» 

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مۇزىكانت، Saudi DJ Baloo دەپ نام ئالغان ئەھمەد ئالامارى ئەرەب خەۋەر ئاگېنتلىقىغا مۇنۇلارنى دېگەن: « بىز مۇزىكا ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز، چۈنكى مۇزىكا ھەقىقەتەنمۇ مۇھەببەتنى ئۇرغۇتىدۇ. مۇزىكا ئىجادىيىتى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، ئىشلەنگەن مۇزىكىنى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىتىش بولسا تېخىمۇ شۇنداق…»  

مۇزىكا فېستىۋالىغا سىڭلىسى بىلەن قاتناشقان 25 ياشلىق شاھزادە سەئۇد ئەل سەئۇد مۇنداق دېگەن: « بۇ قەدەر زور ھەم ھەيران قالارلىق كەيپىيات كاللامغا بەك تەسىر قىلدى، مەن ئۆزۈمنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم…»

بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، فېستىۋالغا كۆپ ساندىكى ئاياللارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئەرلەر بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئويناشقان، مەيداننى نېشە قاتارلىق چېكىملىكلەرنىڭ پۇرىقى قاپلىغان.

يۈسۈپجان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تېلېفون يىغىنى ئېچىپ خىتايغا قارشى لىتۋانىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

پە دېكابىر 30 , 2021
فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 29-دېكابىر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تېلېفون يىغىنى ئېچىپ نۆۋەتتىكى ئۇكرانىيە مەسىلىسى، ئىران يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ۋە خىتاي مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

You May Like