ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئالماشتۇردى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن 248 نەپەر خادىمى ئۇكرائىنا كونتروللۇقىدىكى رايوندىن رۇسىيەگە قايتتى. ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە: بۇ ئىككى تەرەپ توقۇنۇش كەسكىنلەشكەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇكرائىنا تەرەپتىن جەمئىي 230 كىشى قويۇپ بېرىلگەن.