664 نەپەر رۇسىيە ئاكادېمىك خادىملىرى ۋە مۇخبىرلىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرغان

664 نەپەر رۇسىيە ئاكادېمىك خادىملىرى ۋە مۇخبىرلىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرغان

 664 نەپەر رۇسىيە ئاكادېمىك خادىملىرى ۋە مۇخبىرلىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرغان

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 26-فېۋرال

ئارمان

25-فېۋرال رۇسىيەلىك ئاكادېمىك ۋە مۇخبىرلاردىن تەركىب تاپقان 664نەپەر كىشى فىرانسىيە مەتبۇئاتى «دۇنيا»گېزىتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ئۇكرائىنا كرىزىسىدا رۇسىيەنىڭ مۇتلەق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى شىكايەت قىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن رۇسىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە يالغۇز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، لۈكچەك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ھازىر دۆلىتىمىز قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىشى ئېنىق. رۇسىيە خەلقئارادىكى تىنچلىق سىستېمىسىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ياۋروپادا پارتلىغان بۇ ئۇرۇشنىڭ مۇتلەق مەسئۇلىيىتىنى رۇسىيە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.ئۇلار بۇ ئۇرۇشنى قوزغاشتا ھېچقانداق لوگىكىلىق سەۋەب كۆرسىتەلمىدى، ئۇكرائىنا ھېچقاچان رۇسىيەگە تەھدىت ئېلىپ كېلەلمەيتتى. بۇ ئۇكرائىناغا قارشى ناھايىتى ئادالەتسىزلىك! مەيلى تارىختا بولسۇن ياكى بۈگۈنكى كۈنىمىزدە بولسۇن، ئۇكرائىنا ھەر ۋاقىت بىزنىڭ ئەڭ يېقىن قوشنىمىز. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئۇ يەردە ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىمىز بار. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە ناتسىستلارغا قارشى كۈرەش قىلغان. ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە پەقەتلا رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ گېئوپولىتىك سىياسىي ئارزۇ-مەقسەتلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغاش، ئەشۇ ئاتا بوۋىلىرىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت! بىز ئۇكرائىنانى ھۆرمەت قىلىمىز، چۈنكى ئۇ دېموكراتىك تۈزۈملەر ئاساسىدا قۇرۇلغان قانۇنلۇق دۆلەت. بىز قوشنىمىز بولغان ياۋروپانىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىمىز، ئىشىنىمىزكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدا ھەرقانداق مەسىلىنى تىنچ شەكىلدە سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.»

خەتتە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تاجاۋۇز ئۇرۇشىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ يالغۇز قالدۇرۇلۇشى مۇقەررەر ئىكەن. بۇ سەۋەبتىن تەتقىقاتچى، ئاكادېمىكلار نورمال ھالەتتە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەتقىقات خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارالمايدىكەن. دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغاندا ئۇلارنىڭ پەن تېخنىكا تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايدىكەن ئەلۋەتتە. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى رۇسىيەنىڭ مەدەنىيەت، پەن تېخنىكا جەھەتتىكى تەرەققىياتى دۇنيادىن مۇستەسنا ھالەتتە تېخىمۇ كەينىگە قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. 

ئەسلى مەنبەسى: فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاينىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇكرائىنادىكى بارلىق خىتايلارنىڭ كىملىكىنى يوشۇرۇپ يۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

شە فېۋرال 26 , 2022
خىتاينىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇكرائىنادىكى بارلىق خىتايلارنىڭ كىملىكىنى يوشۇرۇپ يۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

You May Like