رويتېرس ئاگېنتلىقى: سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە روسىيە قاتارلىق 37 دۆلەت ب د ت غا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى قوللاپ خەت يازدى.

رويتېرس ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە ۋە باشقا 35 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا غەربنىڭ تەنقىدلىشىنىڭ ئەكسىنچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى قوللاپ خەت يازغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-7-12

 

رويتېرس ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە ۋە باشقا 35 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا غەربنىڭ تەنقىدلىشىنىڭ ئەكسىنچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى قوللاپ خەت يازغان.

 

خىتاي مىلىيونلىغان مۇسۇلمانلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان بولۇپ، 22 دۆلەت ئەلچىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كونسۇلىغا بۇ ھەپتە ئىمزالىق خەت يىزىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر سىياستىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

بىراق خىتاينى قوللىغان خەت بولسا خىتاينىڭ كىشلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەتتە:« تىرورىزىم ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ قاتتىق تەھدىتىگە قارىتا، خىتاي بىر قاتار تىرورىزىم ۋە رادىكاللىققا قارشى تەتىللىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى قاتارلىق  بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. شىنجاڭدا خاتىرجەملىك قارار تاپتى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىرىشتى. شۇڭا ئۈچ يىلدىن بىرى ئۇ رايوندا ھىچقانداق تىرورچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، خەلق خۇشال- خۇرام، باياشات ۋە خاتىرجەم ياشىماقتا» دىگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە روسىيەدىن باشقا، بۇ خەتكە يەنە ئافرىقا دۆلەتلىرى، ۋىنسۇئىلا، كۇبا، بىلروسىيە، بىرما، فىلىپىن، سۈرىيە، پاكىستان، ئوممان، كۇۋەيىت، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىىلىكى، بەھرەيىن قاتارلىق دۆلەت ئەلچىلىرى ئىمزا قويغان.

خىتتاي ئەلچىسى شۈ چىن مەزكۇر رايوندا ھىچقاندان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەرمىگەنلىكى، خىتاينى قوللاپ خەت يازغان دۆلەت ئەلچىلىرىدىن تولىمۇ مەمنۇنلىقىنى بىلدۈرگەن.

  

مەنبە:

https://www.reuters.com/article/us-china-xinjiang-rights/saudi-arabia-and-russia-among-37-states-backing-chinas-xinjiang-policy-idUSKCN1U721X

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

مەت تاكىر: 21- ئىيۇل خەلقئارالىق نامايىشقا چاقىرىق!

شە ئىيۇل 13 , 2019
مىنىڭ ئىسمىم مەت، مەن ئامرىكىنىڭ فىلادىلفىيا شەھرى ئەتراپىدىكى فورج مەھەللىسىدە تۇرىمەن. مەن نۆۋەتتە 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىش ھەرىكىتى قوزغاش ئۈچۈن ياردەمدە بولىۋاتىمەن.

You May Like