ئۇرۇش خەۋەرلىرى: پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشغا يەنە 300 مىڭ ئەسكەر توپلايدىغانلىقنى ئىلان قىلدى

ئۇرۇش خەۋەرلىرى: پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشغا يەنە 300 مىڭ ئەسكەر توپلايدىغانلىقنى ئىلان قىلدى

 ئۇرۇش خەۋەرلىرى: پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا يەنە 300 مىڭ ئەسكەر توپلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

 уруш хәвәрлири: путин украина урушиға йәнә 300 миң әскәр топлайдиғанлиқини елан қилди

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 22-سېنتەبىر

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى 7-ئېيىغا قەدەم قويدى. رۇسىيە بىر ھەپتىدە ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش پىلانىغا يېتەلمىدى. قەيسەر ۋە جاسارەتلىك ئۇكرائىنا خەلقى رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، 9-ئاينىڭ بېشىدا خاركىۋ قاتارلىق شەھەرلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى ئۇكرائىناغا ئىزچىل مىليارد سوممىلىق ئېغىر تىپلىق قورال ۋە ماددىي ياردەملەرنى تەمىنلىدى.

ئۇرۇشتا رۇسىيەنىڭ كەم دېگەندە 80 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلدى ياكى يارىلاندى.

ئۇكرائىنانىڭ غەلىبىسى رۇسىيەنى ئامالسىز ھالدا پۇقرالارنى ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىشقا مەجبۇرلىدى. پۇتىن 21-سېنتەبىر جاكارلاپ، دۆلىتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بىزگە 300 مىڭ ئەسكەر لازىم دېدى. بۇ يىل بېشىدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغاندا، رۇسىيە 160 مىڭ ئەسكەر توپلىغان ئىدى.ھازىر رۇسلارنىڭ ئۇرۇشقا بولغان قىزغىنلىقى تۆۋەن. رۇسلارنىڭ قوراللىرى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنغان، بۇ ھالەتتە ئۇرۇشنىڭ رۇسىيەگە پايدىلىق بولۇشى قىيىنلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى تۈنۈگۈن ب د ت دا قىلغان سۆزىدە: «بىز ئاخىرقى تىنىقىمىز قالغۇچە رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن سوقۇشىمىز، رۇسىيە بىر جىنايەتچى دۆلەت دۇنيا بۇنى بىلىشى ۋە ئۇلارنى جازالىشى كېرەك» دېدى.

 

 уруш хәвәрлири: путин украина урушиға йәнә 300 миң әскәр топлайдиғанлиқини елан қилди

турсунҗан

уйғур агентлиқи 2022-йили 22-сентәбир

русийә-украина уруши 7-ейиға қәдәм қойди. русийә бир һәптидә украинани ишғал қилиш пиланиға йетәлмиди. қәйсәр вә җасарәтлик украина хәлқи русийә таҗавузчилириға қарши қәтий күрәш қилип, 9-айниң бешида харкив қатарлиқ шәһәрләрни қолға кәлтүрди. америка вә ғәрб дунйаси украинаға изчил милйард соммилиқ еғир типлиқ қорал вә маддий йардәмләрни тәминлиди.

урушта русийәниң кәм дегәндә 80 миңдин артуқ әскири өлди йаки йариланди.

украинаниң ғәлибиси русийәни амалсиз һалда пуқраларни урушқа сәпәрвәр қилишқа мәҗбурлиди. путин 21-сентәбир җакарлап, дөлитимизни қоғдаш үчүн бизгә 300 миң әскәр лазим деди. бу йил бешида украинаға һуҗум башлиғанда, русийә 160 миң әскәр топлиған иди.һазир русларниң урушқа болған қизғинлиқи төвән. русларниң қораллири еғир дәриҗидә вәйран қилинған, бу һаләттә урушниң русийәгә пайдилиқ болуши қийинлиқи мөлчәрләнмәктә.

украина президенти түнүгүн б д т да қилған сөзидә: «биз ахирқи тиниқимиз қалғучә русийә таҗавузчилири билән соқушимиз, русийә бир җинайәтчи дөләт дунйа буни билиши вә уларни җазалиши керәк» деди.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئاچلىق ئىلان قىلغۇچىلار نېمە دەيدۇ؟

پە سېنتەبىر 22 , 2022
ئەلفىدار ئىلتەبىر، زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن. دىليار قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇر 18-سىنتەبىردىن 21-سىنتەبىرگىچە ئۈچ كۈن ئامېرىكا ئاق ساراي ئالدىدا ئاچلىق ئىلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قارار لايېھەسى سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى،ئۇلار ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى-ئۇيغۇرىيە تېلېۋزىيەسى ئارقىلىق نىمە دەيدۇ؟

You May Like