روسىيە ئۇكرائىنا پاراخوتلىرىنى تۇتىۋالدى

27-نويابىر، روسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي كىمىسىنىڭ «قانۇنسىز ھالدا» روسىيە دىڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى ۋە قۇراللىق كۈچ بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۈچ دانە پاراخوتى ۋە غەۋۋاسلىرىنى تۇتۇقلىدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى روسىيەدىن ئەڭ ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغان چىگراسىدا 30 كۈنلۈك ھەربىي ھالەت يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئاپتۇر: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-27

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇسسەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

27-نويابىر، روسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي كىمىسىنىڭ «قانۇنسىز ھالدا» روسىيە دىڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى ۋە قۇراللىق كۈچ بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۈچ دانە پاراخوتى ۋە غەۋۋاسلىرىنى تۇتۇقلىدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى روسىيەدىن ئەڭ ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغان چىگراسىدا 30 كۈنلۈك ھەربىي ھالەت يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇندىن ئىلگىرى ئۇكرائنا پىرىزدىنتى پوروشىنكو ئۇكرائىنا تىرىتورىيەسىنىڭ ئېغىر تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغانىدى. قىرىم يىرىم ئارىلى دىڭىز بويىدا ئۇكرائىنانىڭ ئۈچ دانە ھەربىي پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلغاندىن كىيىن، ئۇكرائىنا تەرەپ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي ھالەتكە ئۆتۈپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا تەييارلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامرىكا دۆلەت مۇشاۋىرى روسىيەنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلىدى ۋە ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشقا چاقىردى. ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشى مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە جىددىي يىغىن ئاچتى.  

 

     روسىيە بىلەن قىرىم يىرىم ئارىلىنى كېرىچ بوغۇزى ئايرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، 2003 – يىلى روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېرىچ بوغۇزى ۋە ئازۇ دىڭىزىنى ئورتاق ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانغا كىلىشكەن.  روسىيە 2014- يىلى ئۇكرائىنادىن  قىرىم يىرىم ئارىلىنى تارتىۋالغان ۋە  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونىستىك، لۇخانسىك رايونلىرىدا بۆلگۈنچى كۈچلەرنى كۈشكەرتىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقا سالغان، نەتىجىدە تۈمەنلىگەن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. روسىيە ئۇكرائىنا بۆلگۈنچىلىرىنى قوللىغانلىقىنى ئىنكار قىلسىمۇ، روسىيەدىكى پىدائىيلارنىڭ ياردەم بەرگەنلىكىنى ئىتراپ قىلغان. بۇ يىل روسىيە – قىرىم ئارىلىقىدىكى كېرىچ بوغوزىغا چوڭ كۆۋرۈك سالغان بولۇپ، بۇ ئۇكرائىنا كىمىلىرىنىڭ كۆۋرۈك كېرىچ بوغۇزىدىن ئۆتۈش، ئازۇ دىڭىزىغا كىرىش، ئۇكرائىنانىڭ شەرقى بىلەن غەربى دىڭىزىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور توسالغۇ پەيدا قىلغان. ئەمدىلىكتە روسىيە بىراقلا كېرىچ بوغۇزى كۆۋرۈكى ئاستىغا ماي پاراخوتىدىن بىرنى توختىتىپ قويغان ۋە ئۇكرائىنا پاراخوتلىرىنىڭ ئۆتۈشىنى قەتئىي چەكلىگەن.

ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامرىكا دۆلەت مەسلىھەتچىسى پومپىيو روسىيەنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، كېرىچ بوغۇزى، ئازۇ دىڭىز يولىنى ئېچىۋىتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتەلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتاي «يۇمشاق كۈچ» تە دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىقالامدۇ؟(2)

جۈ نويابىر 30 , 2018
خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى قىزىقىۋاتىدۇ. خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ 2007-يىلىدىكى 17-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا «خىتاي يۇمشاق كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى. بۇ خىتاي ئۈچۈن بىر ناھايىتى ئاقىلانە ئىستراتېگىيە. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادى بىلەن ھەربىي كۈچىڭىزنى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدىكەنسىز، سىز قوشنىلىرىڭىزنى قورقۇتۇپ قويىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەمكارلىق ئورنىتىپ، سىز بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا تىرىشىدۇ. ئەمما، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۇمشاق كۈچىنىمۇ باشقا ئىككى خىل كۈچ بىلەن بىللە ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق قوشنىلىرىڭىزنى ئ

You May Like