رېيتېر ئاگېنتلىقى: دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئامېرىكا خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىشى كېرەك!

بايدىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى جاك سۇللىۋان جۈمە كۈنى مونۇلارنى بىلدۈردى: «ئامېرىكا خىتاينىڭ <شنجاڭ> دىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرى، خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرغانلىقى ۋە تەيۋەنگە قىلغان مۇئامىلىسى ئۈچۈن قاتتىق جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىشى كىرەك.»

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 29- يانۋار

 

بايدىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى جاك سۇللىۋان جۈمە كۈنى مونۇلارنى بىلدۈردى: «ئامېرىكا خىتاينىڭ <شنجاڭ> دىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرى، خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرغانلىقى ۋە تەيۋەنگە قىلغان مۇئامىلىسى ئۈچۈن قاتتىق جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىشى كىرەك.»

 

خىتاي بىر تەرەپتىن بايدىن ھۆكۈمىتىگە يۇمشاق كۆرۈنۈپ، ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولسا، بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلماقتا.

 

28- يانۋار ختتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بىلىنكىننىڭ «خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە، مەن بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ھۆكۈم قىلىمەن.» دېگەن سۆزىنى تەنقىد قىلىپ: «ئامېرىكىنىڭ بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق، بۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچلىق مەۋجۇت ئەمەس.» دېگەن ئىدى. جاك يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بۇ ئىشلاردا ناھايتى ئېنىق ۋە ئىزچىل بولۇشى كېرەك!»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئادۋۇكات ئىلياس دوغان دوغۇ پىرىنچەكنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش شىكايىتىنى باشلىدى

سە فېۋرال 2 , 2021
ئادۇۋكات ئىلياس دوغان خەۋەر تۈرك قانىلىدا ۋەتەن پارتىيەسى رەئىسى دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ئۇيغۇر قىزى نۇرسىمانگۈلگە قىلغان تۆھمەتلىرى سەۋەبلىك دوغۇ پىرىنچەكنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

You May Like