رابىيە خانىمدىن ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابىغا مەكتۇپ

ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر شىنزۇ ئابى ئەپەندى ،

قىلماقچى بولغان خىتاي سەپىرىڭىزدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىرىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئۈمۈد كۈتمەكتىمىز. چۈنكى ياپونىيەنى ئاسىيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋەئەڭ دېموكىراتىك دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاسىيادىكى خەلقئ‍ارا ۋە رايون خارەكتىرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بەلگىلىك مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايمىز ۋە بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغۇدەك كۈچ ۋە ئادالەت تۇيغۇسىغا ئىگە دەپ ئىشىنىمىز

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئارقىلىق بۇ يىل 9-ئايدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابىغا تاپشۇرۇلغان مەكتۇب

   

      ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر شىنزۇ ئابى ئەپەندى ،

   قىلماقچى بولغان خىتاي سەپىرىڭىزدىن  مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىرىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئۈمۈد كۈتمەكتىمىز. چۈنكى ياپونىيەنى  ئاسىيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋەئەڭ دېموكىراتىك دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن،  ئاسىيادىكى خەلقئ‍ارا ۋە رايون خارەكتىرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا  بەلگىلىك مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايمىز ۋە بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغۇدەك كۈچ ۋە ئادالەت تۇيغۇسىغا ئىگە دەپ ئىشىنىمىز.

     ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنىلا ئەمەس، خۇددى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ماركو رۇبىو ئېيتقاندەك، بۈگۈنكى  دۇنيادا ھېچبىر مىللەت دۇچ كەلمىگەن زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. 3 مىليونغا يېقىن ئىنسان بىر يىل  6 ئايدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا، خىتاينىڭ ب د ت دىكى پەردازلىشى بويىچە ئېيتقاندا «كەسپىي تەربىيە مەكتەپلىرى»دە سولۇنۇپ يېتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىدىن  ئۆزلىرىمۇ ، ئائىلە ئەزالىرىمۇ  خەۋەرسىز. لاگىر ئىچىدىكى  تۇرمۇش ۋە «ئۆگىنىش»، «ئۆزگەرتىلىش» جەريانلىرىنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبىدىن، لاگىرىدىن چىقىۋاتقان ئۆلۈم ھادىسىلىرىدىن خەۋرىمىز بار، ئەمما قانچىلىك ئىنساننىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە قانچىلىكىنىڭ ئۆلۈم گىردابىدا ئىكەنلىكى ۋە ياكى سالامەتلىكىنىڭ قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىمىز يوق. تېخىمۇ ئەندىشىمىز دۇنيا سۈكۈتىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، بۇ لاگىرلارنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقى،  داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تەقدىردە،  ھەرخىل ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىدۇر.

  بىزنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىزنىڭ زىيارىتىڭىزىدىن كۈتىدىغىنىمىز خىتاي بىلەن  بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋتىڭىز ۋە خىتاينىڭ خەلقئ‍ارادا بەرگەن ئىنسان ھەقلىرى ۋەدىسىگە ئاساسەن  خىتاينى بۇ لاگىرلارنى تاقاشقا چاقىرىشىڭىزنى، ھىچ بولمىدى دېگەندە لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋېتىدىن ياپونىيەنىڭ ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىر بىلدۈرۈپ قويۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمىز.

     خىتاي بىلەن بولغان   سۆھبەت ۋە ياكى ئۇنىڭ ئالدى -كەينىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا لاگىرلار مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان بىر ئېغىز سۆزىڭىز، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتكە مەلھەم بولۇپلا قالماي، خىتايدىن كېلىدىغان  ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ۋاز كېچەلمەي، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئەڭ جىددىي، ئەڭ رېئال مەسىلىلىرىدىن بىرى بولغان شەرقى تۈركىستاندىكى لاگىرلار مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇۋېلىپ ۋە سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرگە بىر ئىلھام، بىر دەرس بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.

    ئاخىرىدا سەپىرىڭىزگە ئۇتۇق ۋە ياپونىيە خەلقىغە ئاسايىشلىق تىلەيمەن.

   ھۆرمەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى  رابىيە قادىر

 

قۇشۇمچە ماتېرىياللار:

     http://www.iuhrdf.org/content/china%E2%80%99s-21st-century-internment-camps-uyghur-region

    https://docs.uhrp.org/pdf/MassDetention_of_Uyghurs.pdf

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقىدىن خىتاينىڭ مالىيە ۋە ئىقتىساد سىياسەتلىرىگە نەزەر

شە ئۆكتەبىر 27 , 2018
ھەرقانداق دۆلەتتە مەركىزى بانكا پۇل بېسىپ چىقىرىش، كرېدىت ۋە پۇل سىياسىتىنى بەلگىلەش، بانكىلارغا بانكا بولۇش ، پېرىۋوت نىسبىتىنى كونتورول قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ساغلاملىقنى بەلگىلەيدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىش قاتارلىق فونكىسىيەلەر بىلەن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ماتورى ھساپلىنىدۇ. تەرەققىي قىلغان ، ئىقتىسادىي كۈچلۈك ئەللەردە مەركىزى بانكا مۇستەقىل خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بانكا باشلىقىنىڭ ئوقۇش تارىخىي، كەچمىش خىزمەت تەجىربىسى ۋە نۇتۇقلىرىغا قاراپ شۇ دۆلەتنىڭ مالىيە ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئاڭقىرغىلى بولىدۇ. خىتاي خەلق بانكىسى خىتاينىڭ مەركىزى بانكىسى بولۇپ، بۇ

You May Like