رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدىنتى تىرامپقا يازغان خېتى

ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ب د ت يىغىنىدىكى نۇتۇقىڭىزدىنمۇ، شى جىنپىڭ بىلەن ئارگېنتىنادا ئۇچراشقاندىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقىڭىز بىزنى-ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى بىراز ئۈمىدسىزلەندۈردى ۋە ئەندىشىگە سالماقتا.

ھۆرمەتلىك دونالد ترامپ ئەپەندى، ماركو رۇبىئو قاتارلىق بىر تۈركۈم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ھۆكۈمىتىڭىزگە شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تەسىس قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ماگنىتىسكىي قانۇنى بويىچە جازالاش تەلىپىنى ۋە بۇ ھەقتىكى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بىر ئايدىن ئاشتى، ئەمما ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەت تەرەپتىن بۇ تەكلىپ ۋە لايىھەنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن سىگنال بېرىدىغان بىرەر ھەرىكەت ياكى پوزىتسىيە ئىپادىلەنمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ب د ت يىغىنىدىكى نۇتۇقىڭىزدىنمۇ، شى جىنپىڭ بىلەن ئارگېنتىنادا ئۇچراشقاندىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقىڭىز بىزنى-ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى بىراز ئۈمىدسىزلەندۈردى ۋە ئەندىشىگە سالماقتا. چۈنكى، خىتاينىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا سولىۋېلىشى دۇنيادىن ئىنتايىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەت، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ پەۋقۇلئ‍اددە تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ لاگىرلار ۋە ئۇنىڭدا سادىر بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دۇنياغا پاش بولدى. خىتاي دەسلەپتە بۇ لاگىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇنى پەدازلاشقا ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۆتتى. ئەلۋەتتە، بۇ غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە ۋەزىيەتنى ئىزچىل كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئامېرىكا دولەت مەجىلىسى ئەزالىرىنىڭ توھپىسى. ئەمما لاگىرلار مەسىلىسى ئاشكارىلىنىپ بولغان ۋە خىتايمۇ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ بولغان ۋە ھەتتا بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ خىتايغا جىددىي بىر ئىنكاس، مەزكۇر جىنايەتكە قارىتا كەسكىن بىر تەدبىر بولمىسا، بۇ ئەھۋال خىتاينى جاسارەتلەندۇرۇپ قويىدۇ ۋە بۇ جاسارەتلىنىش يىغىۋىلىش لاگىرلىرىدا ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە يول ئاچىدۇ. بىز سىزنىڭ ئەمەلىيەتچىل، جاسارەتلىك ۋە تەدبىرلىك بىر دولەت رەھبىرى ئىكەنلىكىڭىزنى شىمالى كورىيە مەسىلىسى، سۈرىيە ئۇرۇشى ۋە خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدىكى بىر قىسىم قارار ۋە تەدبىرلىرىڭىزدىن كۆردۇق. بىز سىزنى شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرىلىرىنى تاقىتىش قولىدىن كېلىدىغان بىردىن بىر دۆلەت رەھبىرى دەپ قارايمىز ۋە سىزدىن شۇنداق ئۈمىد كۈتىمىز. يېقىندا رويتېرس ئاگېنتلىقى سۈنئ‍ىي ھەمراھ كۈزىتىشى ئارقىلىق ، شەرقىي تۈركىستاندا  1200 دىن ئارتۇق لاگىر بارلىقىنى ۋە لاگىرلارنىڭ داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۆزىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىنمۇ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 5 ناھىيەلەرنىڭ بەزىلىرىدە نوپۇسنىڭ %70 ى، يەنە بەزىلىرىدە %50 ى لاگىرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، مەھەللىلەرنىڭ ئاساسەن قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، بىز بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى- نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 2-3 مىليون كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى، 3-4 مىليون كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرىدا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىۋاتىمىز. بىزنى ئەڭ قورقۇتۇۋاتقىنى يىغىۋېلىش لاگىرىدىكىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىك مەسىلىسى. لاگىرنىڭ ئىچىدىكى جىسمانىي ۋە روھىي قىيىن-قىستاق، ياتاقتىكى قىستاڭچىلىق، ناچار ئوزۇق، ناچار داۋالىنىش سەۋەبى تۈپەيلىدىن لاگىرلاردا ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ ئايدىن-ئايغا كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۆزى ياتقان 67 كىشىلىك كامىردىن 3 ئاي ئىچىدە 9 كىشىنىڭ جەسىتى چىققانلىقىنى پاش قىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بىر خەۋىرىدە سابىق تۇتقۇن 26 ياشلىق مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ لاگىردا بىر يىل ئىچىدە ئېغىرلىقىنىڭ 64 كىلوگىرامدىن 45 كىلوگىرامغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بىزچە لاگىرلاردىكى 3 مىليون ئىنساننىڭ بەدەن ھالىتى شۇ شاھىدنىڭكىدىن پەرقلىق ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ لاگىرلىردا خۇددى نازى لاگىرلىرىدا يۈز بەرگەندەك بىر كوللېكتىپ قەتلىئامنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق كوللېكتىپ قاتىللىق قورالى قوللىنىلمىغان تەقدىردىمۇ، لاگىرلارنىڭ يەنە بىر يىل داۋاملىشىشىنىڭ ئۆزىلا كوللېكتىپ بىر ئۆلۈمگە يول ئاچىدىغانلىقىنى يۇقىرىقى شاھىدنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىن بىلىۋالالايمىز. شۇڭا بىز سىزنى ۋە ھۆكۈمىتىڭىزنى 21-ئەسىردە يۈز بېرىش شەپىسى بېرىلىپ تۇرۇۋاتقا بۇ لاگىر پاجىئەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېز ۋە ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىمىز. سىزنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان سوھبەتلىرىڭىزدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاغزىڭىزغا ئېلىشىڭىزنىڭ ئۆزىلا لاگىردىكى مىڭلارچە ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. خىتاي ئامېرىكىدىن دۇنيانىڭ خوجايىنلىق ئورنىنى تالىشىۋاتقان بىر دۆلەت. ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ ئامېرىكا سۆيەر بىر مۇسۇلمان خەلق. بىز ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دادىل ۋە كەسكىن ئارىلىشىشىنى ھۆكۈمىتىڭىز تەكىتلەۋاتقان «ئامېرىكا بىرىنچى» شۇئارىغا زىت ئەمەس، بەلكىم ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ چۈشىنىمىز. تېخىمۇ مۇھىمى بىز ئامېرىكا خەلقىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا، جۈملىدىن خەلقئ‍ارا مۇناسىۋەتلەردە بەلگىلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن مەزلۇم بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى- 3 مىليون ئىنساننىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى – قۇربان قىلىۋەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.  

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئۆمەربىك ۋە گۈلباھار جېلىل ئىستانبۇل شەھەر ئۇنۋىرستىتىدا گۇۋاھلىق بەردى.

پە دېكابىر 13 , 2018
2018-يىلى 13- دىكابىر كۈنى ئىستانبۇل شەھەر ئۇنۋىرستىتىدا « شەرقىي تۈركستاندىن ئەسلىملە: جمجىت قىرغىنچلىق » دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا لاگىرنىڭ تىرىك شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بىك ئاكا ۋە گۈلباھار جېلىل ھەدە قاتناشتى ۋە لاگىرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. يىغىنغا 70-80 گە يېقىن ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ كۆپنچىسى تۈركىيە ۋەتەندىشى بولمىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىدى.

You May Like